搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ماسك: تېسلانىڭ %10 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېتەيمۇ؟
>
ماسك: تېسلانىڭ %10 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېتەيمۇ؟
NepKan
2021-11-09
1
导读:يېقىندا نۇرغۇن كىشىلەر پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق بىر خىل باجدىن قېچىش ۋاسىتىسى دەپ قارىدى...
يېقىندا تېسلانىڭ CEO سى ئېلون ماسك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خەنزۇچە «يەتتە قەدەملىك شېئىر»نى تارقىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
11-ئاينىڭ 7-كۈنى ماسك ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يەنە بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 62 مىليون 500 مىڭ ئەگەشكۈچىسىگە قارىتا تېسلانىڭ %10 (قىممىتى 21 مىليارد دوللار، تەخمىنەن 130 مىليارد يۈەن) بولغان پاي چېكىنى سېتىشىم كېرەكمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەننى ئەل رايى قىلغان.
ماسك ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق سوئال قويغان: «يېقىندا نۇرغۇن كىشىلەر پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق بىر خىل باجدىن قېچىش ۋاسىتىسى دەپ قارىدى، شۇڭا مەن تېسلانىڭ %10 پاي چېكىنى سېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر بۇ تەكلىپنى قوللامسىلەر؟»
ماسك نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندا، 3 مىليون 519 مىڭ ئادەم بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %60 كە يېقىن تورداش قوللاش بېلىتى تاشلىغان، بۇ تېسلانىڭ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچېكلارنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسى بىر مەھەل %7 چۈشۈپ كەتتى. سەيشەنبە كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، تېسلانىڭ ھەر بىر پېيىنىڭ باھاسى 1162 ئامېرىكا دوللىرى بويىچە مەلۇم قىلىنىپ، %4.84 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ بىلەن تېسلانىڭ ئەڭ يېڭى بازار قىممىتى 1 تىرىليون 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى.
بىر كۈندە پارغا ئايلىنىپ كەتكەن بازار قىممىتى 59 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ تەخمىنەن 377 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پارلامېنتى مىلياردېرلارنىڭ مال-مۈلكىدىن باج ئېلىش تەكلىپىنى بېرىپ، زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ ئىجتىمائىي ۋە كىلىمات ئۆزگىرىش قارالمىسىنى تۆلەشكە ياردەم بەرگەن.
پاي چېكى سېتىش ماسكنىڭ زور سوممىلىق باج تاپشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، كاپىتال پايدىسى بېجى ئاز دېگەندە %20 ئەتراپىدا بولىدۇ. بىراق ماسك يېقىندا ئۆزىنىڭ مۇددىتى توشاي دەپ قالغان قەرەللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە باج نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، %54 كە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما باج نىسبىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماسك تېسلانىڭ پاي چېكىنى ساتسىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق باج كىرىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك نېمىشقا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ مىقداردىكى قەرەللىك ھوقۇقنىڭ كېلەر يىلى قەرەلى توشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زور مىقداردىكى پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، باج پۇلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. ماسك بۇنىڭدىن ئىلگىرى 4-پەسىلدە كۆپ مىقداردىكى قەرەللىك ھوقۇقنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ماسك ئىلگىرى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باج ئېلىش تەكلىپىنى قاتتىق سۆككەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلار باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ بولۇپ، ئاندىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.» دېگەن.
(بۇ يەرنى چېكىپ «ماسك دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولغاندىن كېيىنكى كىرىزىسى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى داۋىد بىسلىي مىلياردېرغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق چىقىرىپ ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلغان
(بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ ئىئانىگە مەجبۇرىلاش!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماسكنىڭ نۆۋەتتىكى ساپ مۈلكىنىڭ %2ى بىلەنلا دۇنيا ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ %2 مال-مۈلكى يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى تۆگىتەلەيدۇ!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
شۇنىڭدىن بۇيان ماسك بىلەن بىسلېي ئىزچىل كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى
(بۇ يەرنى چېكىپ «ب د ت نىڭ ئەمەلدارى: ماس، نوچى بولساڭ دوئىلغا چۈش!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
ماسك يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى بۇ مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىسا، مەن 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تېسلانىڭ پاي چېكىنى سېتىپ، ئۇنى بۇ تەشكىلاتقا ئىئانە قىلىمەن.
(بۇ يەرنى چېكىپ «ماسك: بۇ ئىشلار ئېنىق بولسا مەن دەرھال 6 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىمەن!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
يېقىندا، ناھايىتى ياخشى بولغان ئۈچىنچى پەسىللىك تاپشۇرۇش مىقدارى ۋە نەتىجە دوكلاتى، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ئىجارە شىركىتى ھېرتىستىن كەلگەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ 100 مىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل زاكاز تالونى، تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «مەن 100 دانە تېسلا سېتىۋالىمەن!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، تېسلانىڭ پاي باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، تېسلانىڭ پاي باھاسىنىڭ چوڭ ئۆرلەش نىسبىتى %12.66 بولۇپ، بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان تۇنجى ئاپتوموبىل كارخانىسىغا ئايلاندى؛ ئارقىدىنلا، تېسلانىڭ پاي باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 4-كۈنى)، تېسلانىڭ پاي باھاسى 1243.49 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چۈشۈپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى؛ ئالدىنقى جۈمە كۈنى (11-ئاينىڭ 5-كۈنى)، تېسلانىڭ پاي باھاسى %0.64 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 1222.9 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، يىل ئىچىدىكى ئېشىش نىسبىتى %73 تىن ئېشىپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون 227 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان.
ئەگەر 2019-يىلى 6-ئايدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىگەندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى جۈمە كۈنىگىچە، تېسلانىڭ پاي باھاسى ئۇدا 29 ئاي ئۆسكەن، بۇ مەزگىلدە جەمئىي ئۆرلەش نىسبىتى 33 ھەسسىگە يېتىپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون 190 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ماسك كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پاي چېكى قەرەللىك ھوقۇقى باج تالونىغا دۇچ كېلىدىكەن، شۇڭا مەيلى Twitter دىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بۇ يىل تېسلانىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، بەزىلەر باج تاپشۇرۇشنىڭ پەقەت نىقاب بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلاندى.
فوربېستىكى بايلار تىزىملىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8-نويابىر چۈشتىن كېيىنگىچە، ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى 318 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان
(بۇ يەرنى بېسىپ «دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئالماشتى!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
تىزىملىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى 203 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
مەنبە: ھەر كۈنلۈك ئىقتىساد خەۋەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0