大数跨境

چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەددىدىن ئاشماقتا، تۆت تارماق قول سالدى!

چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەددىدىن ئاشماقتا، تۆت تارماق قول سالدى! NepKan
2022-01-10
2
导读:ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي قىلىپ كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كې
يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا تەۋسىيە قىلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش قالايمىقانچىلىقىغا شەمشەر ئۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئالاقە تورى سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا تەۋسىيە قىلىش ھەرىكىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ھېسابلاش ئۇسۇلى چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش ۋە ھېسابلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى تور مەزمۇنىنى تارقىتىش، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، بايلىق تەقسىملەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. قارىماققا مۇرەككەپ بولغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرى ئالدىدا، ھېسابلاش ئۇسۇلى مەلۇم دەرىجىدە تەرتىپنى قايتا تىكلەش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھېسابلاش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم تور جەمئىيىتىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى ھەم سانلىق مەلۇمات رەسىمى ئارقىلىق تور جەمئىيىتىدىكى يەككە گەۋدىگە ئېنىقلىما بەردى.
كونكرېت ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە تونۇشتۇرۇش تېخنىكىسى دېگىنىمىز، بىرىكمە تۈر، خاسلاشتۇرۇپ يوللاش تۈرى، تەرتىپلەشتۈرۈپ تاللاش تۈرى، ئىزدەپ تېپىپ سۈزۈش تۈرى، ئورۇنلاشتۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەش تۈرى قاتارلىق ھېسابلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئابۇنىچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. سۇپىنىڭ ئۇلىنىش خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ تېخنىكا مەۋھۇم بوشلۇقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ، جەمئىيەت ياكى شەخسكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. مەيلى قىسقا قىسقا سىن، ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ياكى مال سېتىۋېلىش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق سودا ساھەلىرى بولسۇن، خېرىدار بولسىلا ھېسابلاش ئۇسۇلى بولىدۇ. چۈنكى، سۇپا تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئادىتى ۋە قىزىقىشىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ، ھېسابلاش ئۇسۇلى بۇ خىل تەۋسىيە قىلىشنى تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك زىچلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىدۇ. بىراق، بۇ تېخنىكا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى (大数据杀熟)» بۇنىڭ بىرى. بۇ خىل ھېسابلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ «باشقىلارنىڭ قورۇما تەخسىسىنى كۆرۈش (看人下菜碟)»تەك ناچار قىلمىش، روشەنكى بازار ئادىللىقىغا خىلاپ.

ماتېرىيال رەسىمى جۇڭگو ئىقتىساد تورى ئوۋ يۈنخەي فوتوسى

ئۇنداقتا، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ «ئۆز بېشىمچىلىق» قىلىشىغا يول قويماي، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ «زومىگەرلىك»ىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋابى ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى، تور قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەس، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «شەخسىيەتنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار ھېسابلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تەلەپ قويىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملىرىمۇ ئۇنى باشقۇرىدۇ. بۇ قېتىم تۆت تارماق ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى بەلگىلىمىدە، ھېسابلاش ئۇسۇلىدا تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىش مۇلازىمىتى تۈزەش جەھەتتىكى قاراتمىلىق تەدبىرلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، پەقەت سۇپىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسىلا، نامۇۋاپىق ھېسابلاش ئۇسۇلىدا تەۋسىيە قىلىش «مەنبەسىز سۇ»غا ئايلىنىدۇ. ئاتالمىش «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى»، باھادا كەمسىتىش، ئۇچۇر غوزىكى ئۆيى قاتارلىق مەسىلىلەر سۇپا باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇقەررەر يوقىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار تېز سۈرئەتتە مۇكەممەللىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا «قىزىل، يېشىل چىراغ» تەسىس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئابۇنىچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىش قىلمىشىنى تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.
ئەمەلىي مەشغۇلاتتىن قارىغاندا، تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى پۈتۈن جەرياننىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەم ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئېلان قىلىپ، يەنە ئۆچۈرۈش ياكى تاقاش تاللاش تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش-قوللانماسلىقنى قارار قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق، سۇپىنىڭ ئابۇنىچىلارنى خۇمار بولۇشقا ئازدۇرۇش، زىيادە ئىستېمال قىلدۇرۇش قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ياكى ئېتىكا-ئەخلاققا خىلاپ ھېسابلاش مودېللىرىنى تەسىس قىلىشىغا يول قويماسلىق، ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تور كۆپچىلىك پىكرىگە تەسىر يەتكۈزۈش، مونوپول قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى قاتارلىقلارنى يولغا قويماسلىق كېرەك.
ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يەنە تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ھالقىلاردىن سىڭىشىپ ئۆتۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىمۇ بەلگىلىك جانلىقلىق ۋە ئېھتىياتچانلىقنى ساقلاش، بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، زىيادە ئارىلىشىۋېلىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك.
باشقا تېخنىكىلىق قوراللارغا ئوخشاش ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، بۇ تېخنىكىنىڭ قىڭغىر ئىشلىتىلىشى. ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىپ، ئىلمىي ئىدارە قىلىشتا تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن «غەم-ئەندىشىسى»نى ھەل قىلىش كېرەك. تور يېڭى تېخنىكىسىنى يېڭى قوللىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرالايدىغان، تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي قىلىپ كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-13

دەۋر ھالقىغان تۇرالغۇ

2021-09-04

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-03

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-02

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

2020-12-23

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

2020-12-23

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلاشما تىجارەتكە قارشى تۇرۇش

2020-12-21

ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كۈلپەتلىك دەقىقىلىرى

2020-12-20

ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قويۇپ بەرگەن پۇرسەت

2020-12-19

روكفېللېر ۋە ما يۈننىڭ تەقدىرداشلىقى ۋە پاراسەت پەرقى

2020-12-26

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

2021-08-13

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

2021-08-13

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-08-28

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-08

كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قانداق لوگىكا كېرەك؟

2021-09-11

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-18

ما يۈننىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2021-09-19

2021-يىلىدىكى يېڭى تىركىشىش، كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدۇ؟

2021-09-20

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-21

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-23

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قالتىسلىققا يېتىشتىكى يەتتە قەدىمى

2021-09-24

ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات

2021-09-25

مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي...

2021-09-26

خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟

2021-09-28

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-09-29

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى

2021-10-03

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: يەر-مۈلۈك قىسمى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-04

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

«سىياھ بېلىق ئويۇنى» كەينىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى

2021-10-10

خېڭدا نېمە ئۈچۈن....

2021-10-11

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى

2021-10-13

كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن

2021-10-14

كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟

2021-10-15

خېڭدا كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق پەيتى

2021-10-16

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

2021-10-16

بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»

2021-10-17

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-20

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

2021-10-21

كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟

2021-10-21

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

2021-10-23

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جەمەتىنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجى يەر مالىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

2021-10-27

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە قىزىل بايراق ئاپتوموبىلدىكى ۋاڭ جيەنلىن

2021-10-30

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

بىر ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان دۆلەت!

2021-11-01

يەر مالىيەسىدىن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئۆتۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2021-11-03

خېڭدادىن كېيىنكى قەرز كىرىزىسىدا قالغان ئۆي-مۈلۈك ئاتامانلىرى

2021-11-06

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-07

ھىڭگاڭ چىشلىق «يېشىل» كاپىتال

2021-11-10

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

2021-11-11

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-04

شۈجيايىننىڭ تەقدىرى بېكىتىلىپ بولدى

2021-12-06

شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

2021-12-06

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-12-26

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

2021-12-25

شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى

2022-01-04

------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0