大数跨境

چۈمۈلە گۇرۇھىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى، خۇابېي پارچىلىنىدىغان بولدى

چۈمۈلە گۇرۇھىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى، خۇابېي پارچىلىنىدىغان بولدى NepKan
2021-11-25
2
导读:خۇابېي بىلەن ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ نېمە ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈنۈشى كېرەك؟

1. 
جېيبېي ئىسمىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، خۇابېيمۇ «ئۆي ئايرىيدىغان» بولدى. (بۇ يەرنى چېكىپ «خەير-خوش جېبېي: چىقىمداندىكى ئۆزگىرىش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) 
بۈگۈن بىر چىقىمدان خەۋەرلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، يەنى تۇغۇلغىنىغا يەتتە يىل بولغان خۇابېينىڭ نامى ئۆزگەرتىلدى. 


چىقىمداننى ئېچىڭ، خۇابېي ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى: سول تەرەپتىكىسى خۇبېي، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. 
نېمە ئىش بولدى؟ 
كۆپچىلىك نېمە ئىش يۈز بەرگىنىنى ئاڭقىرىپ بولالماي قالغان چاغدا، خۇابېي ئورگان تەرەپ تۇيۇقسىز مۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلدى: 
يېقىندا، خۇابېي داڭلىق ماركا ئايرىش خىزمىتىنى باشلىدى. ماركا ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن، خۇابېي چۇڭچىڭ چۈمۈلە (مايى) ئىستېمال پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئىستېمال كىرېدىت ماركىسىغا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك ئىستېمال ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تولۇق سوممىلىق مەبلەغ چىقارغان ئىستېمال كىرېدىتى «ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش» تۈرىدىكى مۇلازىمەتكە يېڭىلىنىدۇ. 


چىرايلىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «داڭلىق ماركا ئايرىش» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە «خۇابېي»نى ئايرىپ، «خۇابېي» ۋە «ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش»دىن ئىبارەت ئىككى خىل مەھسۇلاتقا بۆلگەن. 
ئۇنداقتا، خۇابېي بىلەن ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ نېمە ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈنۈشى كېرەك؟ 

بىرىنچىدىن، قەرز بېرىش سۇبيېكتى ئوخشىمايدۇ
خۇابېي چۈمۈلە (مايى) تەمىنلىگەن ئىستېمال كرېدىت مۇلازىمىتى مەخسۇس ماركىسى، چۈمۈلە (مايى) مەبلەغ چىقىرىدۇ، ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش بولسا بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن ئىستېمال كرېدىت مۇلازىمىتى بولۇپ، بانكا تولۇق سومما بويىچە مەبلەغ چىقىرىدۇ، سىز قايسى بانكىنى تاللىسىڭىز، شۇ بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 
يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرسەك، چۈمۈلە (مايى) سىزگە قەرز بەرگەن پۇل خۇابېي دەپ ئاتىلىدۇ، بانكا سىزگە قەرز بەرگەن پۇل ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئىككىنچىدىن، سوممىسى ئوخشىمايدۇ
خۇابېي ئوتتۇرا، كىچىك سوممىلىق كىرېدىتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاساسلىقى ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك سوممىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش ئوتتۇرا، چوڭ سوممىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەتتە، سىزنىڭ خەجلەش سوممىڭىز زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەلۇم بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش نورمىسى ئالىدۇ. 


مەسىلەن، سىزنىڭ بۇرۇنقى خەجلەش سوممىڭىز 13 مىڭ يۈەن بولسا، ھازىر خەجلەش سوممىڭىز 3000 يۈەنگە ئۆزگىرىدۇ، ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش سوممىڭىز 10 مىڭ يۈەن بولىدۇ. 
ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن كېيىن خۇابېي پەقەت ئاز سوممىلىق ئىستېمالغىلا ئىشلىتىلىدۇ، كۆپ سوممىلىق ئىستېمالغا بانكا ئىناۋەتلىك سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇلار ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتىنىڭ ئىككى مەھسۇلاتىغا باراۋەر. 
بىر جۈملە سۆز بىلەن سۈپەتلىگەندە: چۈمۈلىنىڭ چۈمۈلىگە، بانكىنىڭ بانكىغا تەۋە بولىدۇ.

نۇقتىلىق ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن چىقىمداننى ئىشلىتىپ بىر قەدەر چوڭ سوممىلىق پۇلنى ئونكول قىلالايدۇ، بۇ خۇددى بانكىدىن بىۋاسىتە پۇل قەرز ئالغانغا ئوخشايدۇ، قەرز قايتۇرۇش ئەھۋالىنى بانكا بىۋاسىتە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا يوللايدۇ. 
ئەگەر ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىسا، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك. 

2. 
يەتتە يىل ئىشلكەن خۇابېي، نېمىشقا تۇيۇقسىز ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ 
كۆپچىلىك بىلمەسلىكى مۇمكىن، خۇابېينىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. 
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، چۈمۈلە (مايى) پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. 
دۆلەتنىڭ تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېتى بىرلا ۋاقىتتا بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلەشتى، بۇ جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش! 
دۆلەت ئېلان قىلغان تۈزىتىش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، «خۇابېي»، «جېبېي» چۈمۈلە (مايى) ئىستېمال پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئىستېمال كىرېدىت مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدىكەن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى چىقىمداندىن پايدىلىنىپ تارقاتقان ئىستېمال كىرېدىتىدىن پايدىلىنىپ، «خۇابېي»، «جېبېي» دېگەن ناملارنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىكەن. 


تۈزىتىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىككى كىچىك قەرز بېرىش شىركىتى بازاردىن مۇقىم، تەرتىپلىك چېكىنىپ چىقىدۇ. 
قارىماققا ئاددىي بولغان بىر قېتىملىق ئىسىم ئۆزگەرتىش ئەمەلىيەتتە بىر پۇل مۇئامىلە يادرو بومبىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكتۇر. 

بىرىنچىدىن، چۈمۈلىنىڭ يېتىپ پۇل تېپىشى كەلمەسكە كېتىدۇ
چۈمۈلە (مايى) پۇل مۇئامىلىسى بولسا بىر قەرز بېرىش شىركىتى، لېكىن ئۇ ئۆزىگە «چۈمۈلە (مايى) پەن-تېخنىكا گۇرۇھى» دەپ ئىسىم قويۇپ، پەن-تېخنىكا بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇردى. 
مەسىلەن، چۈمۈلە (مايى) پۇل مۇئامىلىسى چەكسىز ئايلانما پىشاڭ ئويۇنى ئارقىلىق 3 مىليارد يۈەن دەسمايە بىلەن 360 مىليارد يۈەن قەرز بېرىش كۆلىمىگە تۈرتكە بولۇپ، پىشاڭ نىسبىتىنى 120 ھەسسە ئاشۇرغان. 
بۇ ھەرقانداق دۆلەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك. 
ئەمما چۈمۈلە (مايى) ئۆزىنى پەن-تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىمەن، دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياشانغانلار كۇلۇبىدۇر، مېنى گۆرۈخانا تەپەككۇرى بىلەن مېنى باشقۇرماڭ، دەيدۇ. 
كۆپۈپ ئاسمانغا قاراپ كېتەي دەپ قالدى.
«خۇابېي»نىڭ بۇ قېتىمقى پارچىلىنىشىنىڭ چۈمۈلىگە بولغان تەسىرى بازارغا سېلىشنى توختىتىشتىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى «خۇابېي» قەرز ئالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى چۈمۈلە (مايى) ئۆزى كۆتۈرىدۇ. 
يەنى 10 مىڭ يۈەن قەرز تارقاتقاندا، چۈمۈلە چوقۇم 10 مىڭ يۈەن ھازىرلىشى كېرەك، پىشاڭغا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. 
بۇ پۇل تېپىش ئىقتىدارىنىڭ تىك قىيادىن چۈشۈپ، يېتىپ تۇرۇپ پۇل تېپىش دەۋرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰدىن، ﻗﻪرز ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮى ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨدۇ 
قاچاندىن باشلاپ، ئالاقە تورى شىركىتى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە ئايلىنىپ قالدى؟
1-نومۇرلۇقى ئالىپاي (خۇابېي)، 2-نومۇرلۇقى ئۈندىدار، 3-نومۇرلۇقى جىڭدۇڭ، 4-نومۇرلۇقى پىڭئەن، 5-نومۇرلۇقى مۇددەتكە بۆلۈش (分期乐)دىن ئىبارەت.

يەنە ھېلىقى بوينىنى سوزۇپ سىزنىڭ كۈپكە كىرىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان: 
مىكرو بىلوگدىن پۇل قەرز ئېلىش، مېيتۇەندىن پۇل قەرز ئېلىش، 360 دىن قەرز ئېلىش، شياۋمىدىن قەرز ئېلىش، ماڭگودىن قەرز ئېلىش، سۇنىڭدىن قەرز ئېلىش، بەيدۇدىن پۇل خەجلەش قاتارلىقلارمۇ بار ... 


ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياشلار ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كېتىپ، بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ تۇرۇڭ دېگەن تۇرمۇش ھالىتىگە كىرىپ قالدى.
نېلسون ئېلان قىلغان «جۇڭگو ياشلىرىنىڭ قەرز ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»قا قاراڭ. 
90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە قەرزى 127 مىڭ يۈەن بولۇپ، قەرز بىلەن كىرىمنىڭ نىسبىتى %1850 كە يەتكەن. 
بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ 
قەرز مائاشنىڭ 18.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ! 
يوقسۇللۇق بۇ بىر نۆۋەتلىك ياشلارنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى. 
ئەمما نامراتلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتە يانچۇقى قۇرۇق، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىسە، يەنە بىر تەرەپتە بولسا تەلۋىلەرچە ئىستېمال قىلاتتى، كىرېدىت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنىدى. 
مۇز بىلەن ئوت ئارىسىدا، ياشلارنىڭ تۇرمۇشى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىلدى. 
«خۇابېي»نى ئايرىش، «چۈمۈلە (مايى)»نىڭ چۈمۈلىگە تەۋە، بانكىنىڭ بانكىغا تەۋە بولۇشىدۇر. «خۇابېي»، «جېبېي»نىڭ بۈگۈنى، ئۈندىدار، جىڭدۇڭ، 360 قاتارلىق ئالاقە تورى قەرز بېرىش شىركەتلىرىنىڭ ئەتىسىدۇر. 
ئالىپاي بىلەن خۇابېي ۋە جېبېينىڭ نامۇۋاپىق ئۇلىنىشىنى ئۈزۈۋېتىش پۇل مۇئامىلە بىلەن پەن-تېخنىكىنى ئايرىپ چىقتى، بۇ باشقا ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كېيىنكى تۈزەش ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ. 
قىسقىسى، ئالاقە تورى قەرز بېرىش ساھەسى ئۆزگىرىپ كەتتى. 

3. 
خۇابېينىڭ پارچىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۈچ مۇھىم سىگنال قويۇپ بەردى 
ئالدى بىلەن، بارلىق پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش چوقۇم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 
پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشتا خەۋپ-خەتەر مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، پەقەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەندىلا، پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى ئاندىن ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ. 
بۇ قائىدىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ، ھەرقانداق شىركەت، ھەرقانداق كارخانىچى دۆلەتنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلسا بولمايدۇ. 

ئىككىنچىدىن، چۈمۈلىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش يولى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى. 
چۈمۈلە «پەن-تېخنىكا» تونىنى سېلىۋېتىپ، «پۇل مۇئامىلە»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلايدۇ، مۆلچەر قىممىتى يار شەكىللىك تۆۋەنلەيدۇ. 
ئۇ زادى قانچىلىك دەرىجىدە تارىيىپ كېتىدۇ؟ بىز سودىگەر چاقىرىش بانكىسى بىلەن سېلىشتۇرىمىز: 
سودىگەر چاقىرىش بازىرىنىڭ ساپ مۈلۈك نىسبىتى 1.83، چۈمۈلىنىڭ ھەر بىر پېيىنىڭ ساپ مۈلكى توققۇز يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان پاي باھاسى 16.47 يۈەن بولغان. 
بۇ تارقىتىش باھاسى 68.8 يۈەن بولغان ئاساستا ئىككى قېتىم ئېتىبار بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، چۈمۈلىگە ماس كېلىدىغان بازار قىممىتىمۇ 2 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 
كاپىتال مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ قەرز بېرىش كۆلىمى، تىجارەت كىرىمى ۋە پايدىسى پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ. 
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر داۋاملىق پېيى بازارغا سېلىنسا، چۈمۈلىنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئىككى تىرىليوندىن 200 مىليارد يۈەنگە چۈشۈشى مۇمكىن. 
ما يۈن قىلمايدۇ، چۈمۈلە (مايى) گۇرۇھى قىلمايدۇ، چۈمۈلىنىڭ كەينىدىكى مەبلەغ سالغۇچىمۇ قىلمايدۇ.

پېيىنى بازارغا سېلىش يولى ھالاك بولدى. 
ئاخىرىدا، دۆلەت ئۆينى پاكىز تازىلاپ بولۇپ ئاندىن مېھمان چاقىرىدۇ.
نۆۋەتتە، يەر شارى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۈچ سىنىشىشى ھالقىلىق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ كونترول قىلىپ، ئالاقە تورىدا قەرز بېرىشنى تەرتىپكە سېلىپ، يەر ئاستى سەرراپخانا ۋە قاراڭغۇ بازارغا زەربە بەردى. 
بۇنىڭدا ئۆينى پاكىز تازىلاپ، ئاندىن مېھمان چاقىرىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىش تۈپ مەقسەت قىلىنغان. 
ھەرقانداق كاپىتال ۋە كۈچ ياچىۋەك كەبى كۈنگە قالىدۇ.
چۈمۈلىلەرنىڭ چېكىنىشىدىكى بىر كىچىك قەدەم، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدىكى بىر چوڭ قەدەم بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: TOP互联网 سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0