大数跨境

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا... NepKan
2022-01-10
1
导读:ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا يەنە داۋاملىق بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا يەنە داۋاملىق بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
ۋۇ فامىلىلىك 2004-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، 2006-يىلى 5-ئايدا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئاجراشتۇرىۋەتكەن، ۋۇ XX نى دادىسىغا قالغان بولۇپ، ئانىسى سۇڭ XX ھەر ئايدا 140 يۈەندىن ۋۇ XX تاكى 18 ياشقا توشقانغا قەدەر بېقىش پۇلى بېرىش بېكىتىلگەن. 2007-يىلى، ۋۇ xx نىڭ دادىسى بىلەن جاۋ xx قايتا توي قىلغان، ۋۇ xx ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 2014-يىلى، ۋۇ xx نىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ۋۇ xx نىڭ ئۆگەي ئانىسى جاۋ xx ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بېقىش ئىقتىدارى يوق دېگەننى باھانە قىلىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ۋۇ xx نىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ تۇغقان ئانىسى سۇڭ xx نىڭ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ۋۇ xx  سوڭ xx تەرىپىدىن بېقىلىدىغان بولغان. لېكىن، سۇڭ xx ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھەمدە ۋۇ xx نىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىمىگەن، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئادۋوكاتقا سۇڭ xx نىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىلتىماس قىلىشنى ھاۋالە قىلغان. سۇڭ xx نىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى ۋە ئۆز ئانىسى ئۆتەشكە تېگىشلىك بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئويلىشىپ، يەنە بىر قېتىم ۋۇ xx نىڭ نامىدا ئادۋوكاتقا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى ھاۋالە قىلىپ، سۇڭ xx نىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى ۋۇ xx كە بېقىش ھەققى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
سۇڭ xx گەرچە ۋۇ xx نىڭ ئۆز ئانىسى بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەسىيلىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ۋۇ xx نىڭ بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ بېقىش ھەققى، قاراش ھەققى، يار-يۆلەك بولۇش ھەققىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان ئاتا-ئانا، پەرزەنت، جورىسى قاتارلىقلار خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك.
2017-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى دېلو توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، سۇڭ XX ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە نېسى قالدۇرۇلغان 2100 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىش، 2017-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 400 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىش، ۋۇ XX تاكى 18 ياشقا توشقىچە بېرىشنى ھۆكۈم قىلغان.
بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
«جۇڭگو ئاياللار گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دېلو مەملىكەت بويىچە ھامىيلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى بېقىش ھەققى بېرىش تۇنجى دېلوسى بولۇپ، ھامىيلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ۋەسىيلىك ھوقۇقىدىن يامان غەرەزدە ۋاز كېچىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنىڭ ۋەسىيسى بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تويلىشىش قانۇنى» دېيىلىدۇ)دىمۇ «ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا-ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاسىتە باقسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالىسى. ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىدىن بېقىپ تەربىيەلەش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
«ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دە ۋەسىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان: «ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلسا ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلسا ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا ھەمدە ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشنى رەت قىلىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ۋەسىيلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، زۆرۈر بولغان ۋاقىتلىق ۋەسىيلىك تەدبىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ.» بۇ يەردىكى ئالاقىدار شەخس ۋە تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە باشقا كىشىلەرنى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەكتەپ، داۋالاش ئاپپاراتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەخسلەر ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
مەزكۇر دېلودىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ سۇڭ xx نىڭ ھامىيلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش ئەرزىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر داۋاملىق قوللىنىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ۋەسىيلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش دېلوسىغا ئالاھىدە تەرتىپ تەتبىقلىنىدۇ، بېقىش خىراجىتى بېرىش دېلوسىغا ئادەتتىكى تەرتىپ تەتبىقلىنىدۇ، شۇڭا ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە ئىككى دېلونى ئوخشاش بىر دېلو تەرتىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئەدلىيە بايلىقىنى تېجەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، ۋەسىيلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش دېلوسىنى سوت قىلىش جەريانىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىش خىراجىتىنى داۋاملىق بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا، بىرلىكتە سوت قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 36-ماددىسىدا: «ۋەسىيلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن كۈچتىن قالدۇرۇپ، زۆرۈر ۋاقىتلىق ۋەسىيلىك تەدبىرى قوللىنىدۇ ھەمدە ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە باشقا ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ:
(1) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىش سادىر قىلغانلار؛
(2) ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئېرىنىپ ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماي ھەمدە ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا قىسمەن ياكى تولۇق ھاۋالە قىلىشنى رەت قىلىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنى خەتەرلىك ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلار؛
(3) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.
بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار شەخس ۋە تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە باشقا كىشىلەر، ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەكتەپ، داۋالاش ئاپپاراتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەخسلەر ۋە خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىن باشقا تەشكىلاتلار ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296