搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشماقچى، نېمىشقا جۇڭگو ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ؟
>
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشماقچى، نېمىشقا جۇڭگو ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ؟
NepKan
2022-01-20
0
导读:ئىشقا ئورۇنلىشىش موللاشسا، پۇقرالارنىڭ كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئىستېمالمۇ تەبىئىي ھالدا ئاشىدۇ
مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۆي-مۈلۈك پېيى، ئىستېمال پېيى، ئالاقە تورى پېيى كەڭ كۆلەمدە ئۆرلەپ كەتتى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىدى! ماھىيەتلىك تەسىرى بارمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
مەركىزى بانكا ئېلان قىلغان ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىگە ئاساسەن، بەش يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى بەش ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىكى %4.65 تىن %4.6 كە چۈشتى، بىر يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %3.8 تىن %3.7 كە چۈشتى.
مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەنلىك خەۋىرى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈك تاراتقۇلىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جانلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ باھارى يەنە يېتىپ كېلىدىكەن. بەزى ئۆي-مۈلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يۇقىرى ئاۋازدا: «مەركىزى بانكا سۇ قويۇپ بەرسە، ئۆي باھاسى يەنە ئۆسىدۇ!» دېيىشمەكتە.
بۈگۈنكى A پاي چېكىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بۆلىكىمۇ ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى. بىراق، كەمىنە يەنىلا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھۆكۈمەت ئۆي باھاسىنى ناھايىتى تەستە بېسىپ تۇرغان تۇرسا، ئۇ ئاسانلىقچە قايتا ئۆرلىمەيدۇ. شۇڭا ئۆي-مۈلۈك پاي چىكى ئوينىغۇچىلار ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
يېڭىلا قەرز كىرىزىسى كۆرۈلگەن جۇڭگو ئاۋيۈەن پاي باھاسىمۇ بۈگۈن قىزىپ كەتتى. بۇ نورمال ئەمەس. مەركىزى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشى ئاۋيۈەننىڭ قەرز كىرزىسىنىڭ يوقالغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئەتىيازدىلا ئۈمىدۋالىققا قايتىپ كەلگەنلىكىگە تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە، مەبلەغ ئېقىمى بېسىمغا ئۇچرىغان ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا يوشۇرۇنغان مىنا يەنىلا ئاز ئەمەس. بىر مەھەللىك يۇقىرى دولقۇن جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش، ھايانكەشلىك قىلماسلىق» ئاساسىي مۇقامىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
بۇ چاغدا، كۆپ ئۆي سېتىۋېلىش مۇقامىنى توۋلاپ كۆككە كۆتۈرگەنلىك، ئوت ئىچىدىن كاشتان تەرگەنلىك بىلەن باراۋەر.
مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ، ئۆي-مۈلۈككە پايدىسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، لېكىن بۇنداق پايدا ئەتراپلىق ئەمەس، قىسمەن پايدىلىقتۇر. ئۇ ئالدى بىلەن يېڭى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا پايدىلىق، ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن بولسا، ئۆسۈم ئاز بولىدۇ. قانچىلىك ئاز بولىدۇ؟ بىر مىليون يۈەن قەرز ئالسا، ئېيىغا 31 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىدى! ماھىيەتلىك تەسىرى بارمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بۇنىڭ سالمىقى قانچىلىك؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يوقتىن ياخشى. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈك تاراتقۇلىرى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە داغدۇغا پەيدا قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا بەك بېسىم ھېس قىلدى، ئۇلار ناھايىتى ئالدىراپ ئادەم تېپىپ سودا قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. سىياسەت جەھەتتە ئازراق شەپە بولسىلا، ئۇلار تاراتقۇلارنى ئالدىن ھەرىكەتلىنىپ ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساقلانما ئۆي بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، مەبلەغنى خەزىنىلەشتۈرىدۇ.
بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ قېتىمقى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سالمىقى ناھايىتى كىچىك. ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىكىنى ئىشقا ئاشۇرماق نىسبەتەن قىيىن، ئۆي باھاسى مۇقىم بولۇشى، زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، بۇنداق قىلىش مەركەزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش باش فاڭجېنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
بۇ قېتىم مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشتىكى يادرولۇق مەقسىتى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى قۇتقۇزۇش ئەمەس. ئۇ بىر چوڭ ماكرولۇق سىياسەت. ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم قوشۇشقا تەييارلاندى. دوللار ئۆسۈم قوشۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو مەركىزى بانكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، 2022-يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇردى. ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، يىلنىڭ بېشى باھاردىن.
2022-يىلى كىرىشى بىلەن، مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بۇ يىللىق پۇل سىياسىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: «قىسىش پۇختا قەدەم بىلەن بوشىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.»
دوللارنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى توغرىسىدا، كەمىنە كۆپ قېتىم «بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دۇنيا بايلىقىنى ئىككىنچى قېتىم يىغىۋېلىشى.» دەپ ئېيتقان. بىرىنچى قېتىملىق يىغىۋېلىشتا، ئامېرىكا دوللىرى چوڭ سۇ قويۇپ بەردى، ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىغا ئېقىپ كەتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكىغا ئېقىپ كىردى. ئامېرىكىلىقلار پۇل بېسىپ چىقىرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي ماددىي ئەشيالىرى ۋە بايلىقىنى تالان-تاراج قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق يىغىۋېلىشتا، ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم قوشۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى «قېچىپ» كېتىدۇ، پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
بۇ ئىككى نۆۋەتلىك ئامېرىكا دوللىرىنى يىغىۋېلىشتا، تۈركىيە بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى. ئامېرىكا دوللىرى چوڭ سۇ قويۇپ بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئۆسۈش نىسبىتى پۈتۈن يەر شارىدا قىزىق نۇقتا بولۇپ، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتكە ئايلاندى. بىراق، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆپ قېتىم قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى كاپىتال «قورققانغا قوش كۆرۈنەر.» دېگەندەك لىرانى ئارقا-ئارقىدىن سېتىپ، ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇردى. نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ پاي قەرزى ئۈچ قېتىم قىرغىن قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ۋەيران بولدى.
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0