大数跨境

سىز «مېتا ئالەم»نى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

سىز «مېتا ئالەم»نى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ NepKan
2021-11-04
1
导读:بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مېتا ئالەم كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى تېخنىكا ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى شەكلى


زاكېربېرگ «مېتا ئالەم»گە بارلىقىنى ئاتىدى، مىكروسوفت «مېتا ئالەم»گە دو تىكتى، ۋاڭيى، تېڭشۈن ئارقا-ئارقىدىن «مېتا ئالەم»گە يۈرۈش قىلدى، «مېتا ئالەم» زادى قانداق نەرسە؟ 
(بۇ يەرنى چېكىپ «مىكروسوفتمۇ مېتا ئالەم ساھەسىگە كىردى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
(بۇ يەرنى چېكىپ «Facebook نامىنى رەسمىي ھالدا Meta غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
(بۇ يەرنى بېسىپ «مېتا ئالەم ۋە زەھەر چېكىش ئورنى» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
 (بۇ يەرنى چېكىپ «ئېلون ماسك، زاكېربېرگ ۋە G20 دىكى يېڭى ئىككى باج» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


نېمە ئۈچۈن كاپىتال «مېتا ئالەم»گە شۇنچە بېرىلىدۇ؟ 
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مېتا ئالەم كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى تېخنىكا ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى شەكلىدۇر. 

كۆپچىلىك بۈگۈن بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ 10 يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى بايقىدىڭلارمۇ؟ ئۆتكەن ئون يىلدا، دۇنيا ئالاقە تورى تېخنىكىسىدا زور ئۆزگىرىش بولمىدى. پەقەت تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئۆزەكنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغاندىن سىرت، ئالاقە تورى تېخنىكا ئىنقىلابى بىر كرىتىك نۇقتىغا بېرىپ قالغاندەك قىلىدۇ. 
تازا داۋرىڭى سېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ئۆزگىرىشى ئېنېرگىيە باتارېيەسىدە بولۇپ، ئالاقە تورى ئەپلىرى يەنىلا كۆچۈرۈلگەن يانفون ئەپلىرىنىڭ بىر يۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. 


بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىنتىرنېت تورى ماگناتلىرى 20 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 10 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ماگناتلىق ئورنى بېكىتىلىپ بولغان. ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، بايتلىق سەكرەش (字节跳动) بىر قىسقا سىن ئەپ دېتالىغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەندىن باشقا، بىز باشقا يېڭىلىقنى كۆرمىدۇق. 

مىكروسوفت، گوگۇل، ئالما، Facebook، تېڭشۈن، ئەلى بابا قاتارلىق گىگانىتلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ. ھەر قايسى چوڭ تىك لىنىيەلىك ساھەلەرنىمۇ ئوخشاشلا چوڭ كىچىك ماگناتلار ئىشغال قىلىۋالغان بولغاچقا، ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ يېڭى يولنى تېپىشى ناھايىتى تەس. 

نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ مەنبەسى شۇكى، ئۈستەل يۈزى ئالاقە تورى دەۋرىدىن كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىگىچە تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ پايدىسى تۈگىدى. يېڭىياچىلار بۇ ساھەگە كىرمەكچى بولسا، ئالدى تەرەپتە ئەجدىرھا كەبى يولنى توسۇپ ياتقان بۇ ماگناتلار ئۇلارغا يول بەرمەيدۇ.

«مېتا ئالەم» بولسا ئالاقە تورى تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى بېكىتى. يۈەن ئالەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئالاقە تورى كەسپىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئالاقە تورى تۇرمۇشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ. 

«مېتا ئالەم» دېگەن نېمە؟
ئۇ ئاساسلىقى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، بىرى ئىجتىمائىي ئالاقە؛ يەنە بىرى ئويۇن. بۇ ئىككى نۇقتىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك تەبىئىيلا بىر شىركەتنى، يەنى تېڭشۈننى ئېسىگە ئالىدۇ. 


تېڭشۈن ھەم دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئويۇن ماگناتى، ھەم جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور گۇرۇھى. بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، نۆۋەتتە «مېتا ئالەم»گە دو تىكىشتە «مېتا ئالەم»گە ئەڭ قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغىنى ئاساسلىقى ئىككى خىل شىركەت، بىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ماگناتى: facebookk، يەنە بىرى ئويۇن ماگناتى: مىكروسوفت. 

مېتا ئالەمنىڭ ماھىيىتى «ئىجتىمائىي ئالاقە» +«ئويۇن»دىن ئىبارەت. «ئىجتىمائىي ئالاقە» ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ۋاكالىتەن كىرىش تۇيغۇسى ۋە چۆكۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاندىن «ئويۇن» ئارقىلىق مەۋھۇم پاراللېل دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئابۇنىچىلارنى «مېتا ئالەم ئالەم»دە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەسىرات تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش. 

كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، كەمىنە كۆپچىلىككە مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي. 
بىز ھازىر ئويۇن ئوينىماقچى بولساق، بىرىنچى قەدەمدە ھېسابات نومۇرىنى تىزىملىتىمىز. «مېتا ئالەم»گە كىرىشتىمۇ ئوخشاش، بىرىنچى قەدەمدە بىر مەۋھۇم سالاھىيەتنى تىزىملىتىش كېرەك. ئويۇن ھېسابات نومۇرىغا تىزىملاتقاندا، كىملىكنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنى تاماملاش كېرەك. لېكىن، «مېتا ئالەم» دەۋرىدە كىملىكنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى مەڭگۈلۈك باغلاشقا بولىدۇ، ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.


ھېسابات نومۇرىنى تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بىر كەسىپنى تاللايمىز. ئاندىن، بىز ئويۇننى باشلىساق بولىدۇ. مەيلى كومپيۇتېر ئويۇنى بولسۇن ياكى يانفون ئويۇنى بولسۇن، بىزنىڭ يۈزلىنىدىغىنىمىز ئىككى ئۆلچەملىك كۆرۈنۈش. بۇ ئىككى ئۆلچەملىك كۆرۈنۈش ئىچىدە، بىز ئۆزىمىزنى شۇ مۇھىتقا ھەقىقىي سىڭىشتۈرەلمەيمىز، بىز كومپيۇتېر ياكى يانفون تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلىمىز. 

ئەمما، «مېتا ئالەم» دۇنياسىدا، بىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىمىز كومپيۇتېر ياكى يانفون ئەمەس، بەلكى VR قالپىقى ياكى VR كۆزەينىكى  بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بىزنىڭ «مېتا ئالەم»گە كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالىدۇ. 


مەسىلەن، بىز VR كۆزەينىكى تاللايمىز. مەن بۇ VR كۆزەينىكىنى تاقاپ، بىر قەھرىمانلار ئىتتىپاقى «مېتا ئالەم»گە كىردىم. گەرچە مەن چۆل-جەزىرىلەردەر تۇرساممۇ، بىراق كۆز ئالدىمدا بىر مۇداپىئە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كىچىك ئەسكەر بازىدىن يولغا چىقىپ، ماڭا قاراپ كېلىدۇ. مەن دۇكاندىن (مېتا ئالەمدىكى تور دۇكىنى) ئۈسكۈنە تاللىساملا، سىرتقا چىقىپ ئالۋاستىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. 

بۇ مەۋھۇم مۇداپىيە مۇنارى، كىچىك ئەسكەرلەر خۇددى ئەينەك تەسۋىرىگە ئوخشاش، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە چۈشىدۇ. لېكىن مېنىڭ بارلىق ھۇجۇملىرىم پەقەت كىچىك ئەسكەر، مۇداپىيە مۇنارىغىلا زىيان يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلالمايدۇ. 

مەۋھۇم دۇنيا بىلەن ھەقىقىي دۇنيا بىر-بىرىنى چاقنىتىدۇ. مەۋھۇم دۇنيادا، ئەگەر مەن مۇداپىئە مۇنارى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسەم، مەن يەنىلا بازىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىمەن. چۈنكى ئۆلۈپ كەتكىنى مېنىڭ مەۋھۇم سالاھىيىتىم، مېنىڭ ھەقىقىي بەدىنىم يەنىلا رېئال دۇنيادا ياشايدۇ. 


لېكىن، ئېچىۋېتىلگەن بىر «مېتا ئالەم» دۇنياسىدا، يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە باشقا ئويۇنچىلارمۇ بار. بۇ مەۋھۇم ئىجتىمائىي ئالاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلساقمۇ بولىدۇ، AK مەرگەن بولساقمۇ بولىدۇ.

بۇ خىل مەۋھۇم ئىجتىمائىيەت توردا پاراڭلىشىشلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئىجتىمائىيەت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز بىر جۇڭگولۇق، لېكىن ئۇ ئامېرىكىلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، سىلەر «مېتا ئالەم»دە كېلىشىپ قالساڭلار، ھەتتا «مېتا ئالەم» دۇنياسىدا مۇھەببەتلىشەلەيسىلەر، توي قىلالايسىلەر. 
توردىكى مۇھەببەتكە سېلىشتۇرغاندا، «مېتا ئالەم»دىكى مۇھەببەت تېخىمۇ ھەقىقىي تۇيغۇغا ئىگە. 

مۇشۇ بويىچە قىياس قىلغاندا، «مېتا ئالەم»نىڭ شەكلى تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ساياھەت ئېھتىياجىغا قارىتا، يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشتا «مېتا ئالەم»دە پىروگرامما ئېچىپ، بىۋاسىتە ئافرىقىدىكى چوڭ شىرلارنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە چۈشۈرۈپ، سىزنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا پۈتكۈل ئافرىقىنى ساياھەت قىلدۇرالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. 

مۇھەببەت ئېھتىياجىغا قارىتا، مۇھەببەت «مېتا ئالەم»دە پىروگرامما ئېچىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بويتاقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھېچ ئىش قىلماي، مۇھەببەتلەشسە بولىدۇ. 


ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۇنيا ئۇرۇشى «ئېلېمېنتار ئالەم» پىروگراممىسىنى ئېچىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەلىرىنى بىۋاسىتە «ئېلېمېنتار ئالەم» دۇنياسىدا جان تىكىپ ئېلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق يادرو بومبىسىنى خالىغانچە تاشلاپ، بىر ««مېتا ئالەم»»نى ۋەيران قىلىۋەتكىلى، يەنە بىر يېڭى «مېتا ئالەم» قىلغىلى بولىدۇ.

مائارىپ ئېھتىياجىغا قارىتا، مەكتەپ «مېتا ئالەم» پىروگراممىسىنى ئېچىپ، قايسى دەرسنى ئۆگەنمەكچى بولسا، قايسى سىنىپقا تىزىملاتسا، قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغۇسى كەلسە، بىر كۇنۇپكا بىلەن «مېتا ئالەم»گە كىرسە بولىدۇ، يالې، خارۋارد، بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ دېگەندەكلەرنى ئۆزى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ، پەقەت باھاسى ئوخشىمايدۇ. ھازىرقى تور دەرسىنى مېتا ئالەم دەرسخانىسىغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ.

جىنسىي ئېھتىياج جەھەتتە، «مېتا ئالەم»نىڭمۇ ئىستىقبالى بار. VR تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغىنى شەھۋەت ساھەسى بولدى. ئىشق VR قالپىقى چەت ئەلدە ناھايىتى كۆپ سېتىلىدۇ. 


لېكىن، «مېتا ئالەم» دەۋرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك، تۆۋەن كېچىكتۈرۈلگەن تور تېخنىكىسىغا چېتىلىدۇ، سالاھىيىتىنى مۇقىملاشتۇرغان رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى، 3D بېرىلىشچان VR تېخنىكىسى، بىرلىككە كەلگەن مەزمۇن ئېكولوگىيەسى، ئىلغار ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇلۇت تېخنىكىسى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق شارائىتلارنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلىشىگە مۇھتاج.

ئەگەر بىر شەھەرنى تەقلىد قىلماقچى بولسىڭىز، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى كارخانا سودىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ 

ئىككى ئۆلچەملىك ئويۇنغا ئېھتىياجلىق بولغان مۇلازىمېتىرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ. «مېتا ئالەم» دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، سانلىق مەلۇماتلار گېئومېتىرىيەلىك دەرىجە بويىچە كۆپىيىدۇ. بىرلىككە كەلگەن «ئېلېمېنتار ئالەم»نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تەقسىملەنمە مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى تاماملاش ناھايىتى تەس، چوقۇم بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك بۇلۇت مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى بەرپا قىلىپ، «ئېلېمېنتار ئالەم»نى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تورلاشتۇرۇشنى تاماملاش كېرەك. 

«مېتا ئالەم»نىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەت كۈچى مەزمۇن ئىجادىيىتىدە. خۇددى ئويۇنغا ئوخشاش، بىر «مېتا ئالەم»نىڭ يېتەرلىك ئىشلەتكۈچىلەرنى جەلپ قىلىش-قىلالماسلىقىنىڭ يادروسى، ئۇ بەرپا قىلغان دۇنيانىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش-قىلالماسلىقىدا. 


ئىجتىمائىي ئالاقە سىستېمىسى بىر «مېتا ئالەم» ئىشلەتكۈچىلەرنى باغلىۋېلىش (ئۆزىگە رام قىلىۋېلىش)نى تاماملىيالايدۇ، خۇددى باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتسا، سىز ئۈندىدار ئىشلەتمىسىڭىز بولامدۇ؟ ئەمما ئۈندىدار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بىز يەنە باشقا ئىش قىلماقچى بولساق، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى مەزمۇن ئىجادىيەت ئاساسى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن ئويۇن دېگەندەك. 

ئەمما، «مېتا ئالەم»مۇ نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، ئويۇن دۇنياسىدا، پەقەت پۇل قاچىلىغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغىلى بولىدۇ. «مېتا ئالەم» بىر تاۋارلاشقان مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ھەقسىز ئەمەس. 
«مېتا ئالەم» دۇنياسىدا، سىز تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ھەممىسى ھەق ئېلىش تۈرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. «مېتا ئالەم» دۇنياسىدا، جەمئىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. 


پۇلى بار ئادەم تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما نامراتلار سىرتقا چىققاندا بەلكىم ھېچنېمىسى يوق يۇقسۇلغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

جۇڭگو تارىخىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى ناھايىتى ئاز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. دېھقانلار يېتەرلىك بولمىغانلىقتىنمۇ؟ ئەزەلدىن ئۇنداق ئەمەس. نېمە ئۈچۈن پومېشچىكلار قوزغىلىڭى تېخىمۇ ئاسان سۇلالە ئالمىشالايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي بايلىقنى ئىگىلىگەن. 

«مېتا ئالەم» دەۋرىدە، ئىجتىمائىي بايلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى كاپىتالىستلارغا بەكرەك مايىللىشىدۇ. بەزى دۆلەت ھالقىغان كاپىتال گۇرۇھلىرى ھەتتا ھۆكۈمەتتىن ھالقىپ، «مېتا ئالەم» ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىدىكى پۇقرالارنى كونتىرول قىلىۋېلىشى مۇمكىن. 

facebook ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ماگناتلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنى قانداق ئوجۇقتۇرغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. بۇ دۆلەت ھالقىغان گۇرۇھنىڭ يوشۇرۇن ھوقۇقىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ ئاشكارا ھوقۇقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 


زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقى قەپەسكە سولاندى، لېكىن كاپىتالنىڭ ھوقۇقى ئىزچىل تۈردە چېگرىسىز كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. 
«مېتا ئالەم» دۇنياسىدا كاپىتال دۇنيانى ياراتقۇچىدۇر.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترەت باشلىقى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0