搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەقلى ئاجىز قىزلار بىلەن توي قىلسا باسقۇنچىلىق شەكىللىنەمدۇ؟
>
ئەقلى ئاجىز قىزلار بىلەن توي قىلسا باسقۇنچىلىق شەكىللىنەمدۇ؟
NepKan
2022-02-11
0
导读:ئەقلى تولۇق بولمىغان ئادەمنىڭ ئادەتتە جىنسىيەتكە بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
لو شياڭ: جۇڭگو سىياسى قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى
ئەقلى تولۇق بولمىغان ئادەمنىڭ ئادەتتە جىنسىيەتكە بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا جىنسىي ھەرىكەتكە ئۈنۈملۈك قوشۇلۇش قارارىنى چىقىرالمايدۇ. ئاجىز توپنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتىنى قوغداش، بەزىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەقلىي كەمتۈكلۈكىدىن پايدىلىنىپ جىنسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئادەتتە بۇ خىل توپ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ئېغىر جىنايەت دەپ قارايدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن دەستۇرى بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن 1984-يىلىدىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنداق يېزىلغان: «ئاياللارنىڭ روھىي كېسەل ياكى دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارى (دەرىجىسى ئېغىر) ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي قىلمىش سادىر قىلغانلار، مەيلى جىنايەتچى ئۇنسۇرلار قانداق ۋاسىتە قوللانسۇن، باسقۇنچىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات گەرچە كۈچتىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئەمەل قىلىنىدىغىنى زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ ئائىلە باشلىقلىق ئىدىيەسى بولۇپ، ئەقلى تولۇق بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا، قانۇن خۇددى ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئەقلى تولۇق بولمىغانلار بىلەن جىنسىي قىلمىش سادىر قىلسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بۇ توپنىڭ جىنسىي ھوقۇقىنى چەكلەپ قويىدۇ، لېكىن قانۇننىڭ مەقسىتى ئۇلارنىڭ جىنسىي ھوقۇقىغا ئارىلىشىش ياكى مەھرۇم قىلىش بولماستىن، بەلكى بۇ توپنىڭ مەنپەئەتىنى باشقىلارنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچراتماسلىق.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەقلى تولۇق بولمىغانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلانمىغان بولسا، ئۇنداقتا جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن يىراق دەپ قارىساق بولىدۇ، قانۇن بۇنداق شەخسىي تۇرمۇشقا ئارىلاشماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئەقلى تولۇق بولمىغانلارنىڭ ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان بولىدۇ.
بۇ خۇددى ھەق تەلەپ قانۇنىدا «روھىي كېسەللەرنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق.» دەپ قارىغانغا ئوخشاش، قانۇنمۇ روھىي كېسەللەرنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالماستىن، بەلكى بەزىلەرنىڭ روھىي كېسەللەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، سودا ھەرىكىتى روھىي كېسەللەرگە پايدىلىق بولسا، بۇ خىل سودا ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن.
قىسقىسى، قانۇن ئەقلى تولۇق بولمىغانلارنىڭ جىنسىي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەسلىكى كېرەك، بولمىسا قوغداش مەقسىتىدە ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ. پەقەت ئەقلى تولۇق ئەمەسلەردىن پايدىلانغان كىشىلەرلا جازالىنىشى كېرەك، پەقەت جىنسىي ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمىگەن، جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولمىغان بىمارلارلا قانۇننىڭ ئالاھىدە قوغدىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
ئۇنداقتا، جىنسىيەتكە قوشۇلۇش ئىقتىدارىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئەقلى تولۇق بولمىغانلارنىڭ بىردەك قوشۇلۇش ئىقتىدارى يوقمۇ؟
1984-يىلى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار «دەرىجىسى ئېغىر» دەپ بەلگىلەنگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەقلىي مېيىپلىكنى تۆت دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئەقلىي مېيىپلىق ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى ئەقلىي مېيىپلار بولۇپ، IQ قىممىتى 20 ياكى 25 تىن تۆۋەن بولسا، ئۆمۈر بويى باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار، يەنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئەقلىي مېيىپ، IQ قىممىتى 20~25 ياكى 25~40 ئارىسىدا بولۇپ، تۇرمۇش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار، يەنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەقلىي مېيىپ، IQ قىممىتى 35~50 ياكى 40~55 ئارىسىدا، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن قىسمەن چىقالايدۇ، ئاددىي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلالايدۇ، دەسلەپكى سەھىيە بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىغا ئىگە.
تۆتىنچى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار، يەنى يېنىك دەرىجىدىكى ئەقلىي مېيىپ، IQ قىممىتى 50~70 ياكى 55~75 ئارىسىدا، ماسلىشىش ھەرىكىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولىدۇ، خېلى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى ئۆي ئىشلىرى ئەمگىكى ياكى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، ئالاھىدە تەربىيە ئارقىلىق، بەلگىلىك ئوقۇش ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى، بىر قەدەر مۇۋاپىق ھالدا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ. روشەنكى، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئەقلىي مېيىپلىقنىڭ جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ كىشىلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى قوشۇلۇش ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلغاندا، تېببىي ئۆلچەمنى ئويلىشىپلا قالماستىن، يەنە پىسخولوگىيە ئۆلچىمىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. پىسخولوگىيەدە ھۆكۈم قىلىشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىگە نىسبەتەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك كۆز قاراش شەكىللەنگەن: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ شۇ ئىشقا بولغان ھۆكۈمىنى ئىپادىلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئەخلاق خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنەلەمدۇ-يوق؟ ئۇ جىنسىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنەلەمدۇ-يوق؟ (جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ پاكىت ھەمدە جىنسىي قىلمىش باشقا قىلمىشلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.) ھەمدە مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتنى چۈشىنەلەمدۇ-يوق؟ ئۇ جىنسىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنەلەمدۇ-يوق؟
كۆپ ساندىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئۆلچەمدىن ئىككىدىن بىرنى تاللايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۆلچەمنىڭ ئىنچىكە پەرقى شۇكى، ئۈچىنچى خىل ئۆلچەم بويىچە، جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى يوق كىشىلەر جىنسىي قىلمىشنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەنمەيلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان تونۇشىمۇ كەمچىل بولىدۇ. تۆتىنچى خىل ئۆلچەم بويىچە، پەقەت جىنسىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنەلمىسە، ئۇنداقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى يوق، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، ئەگەر مەلۇم بىر كىشى روھىي كېسەل سەۋەبىدىن جىنسىي قىلمىشنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق بىلمىسە، ئەمما بۇ خىل قىلمىشنىڭ ھامىلىدار بولۇش ياكى جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسە، ئۇنداقتا ئۈچىنچى خىل ئۆلچەم بويىچە، ئۇنىڭ جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەمما تۆتىنچى خىل ئۆلچەم بويىچە بولسا جىنسىي قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. قايسى خىل ئۆلچەم تېخىمۇ مۇۋاپىق؟ بۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
يەنە بىر قېتىم تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، قانۇننىڭ ئەقلىي مېيىپ كىشىلەرنى ئالاھىدە قوغدىشى، بەزىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ جىنسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاكتىپ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلانمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل مەجبۇرىي بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت قانۇننىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. بۇ يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئىككى خىل يەكۈن ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ:
بىرىنچى، قىلمىش سادىر قىلغۇچى چوقۇم بەلگىلىك جىنايەت روھىي ھالىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، ئۇنداقتا جازالاش ئالدىنقى شەرتىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئىككىنچى، ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ كىشىلەر بىلەن تويدا يۈز بەرگەن جىنسىي ھەرىكەتنى ئادەتتە جىنايەت دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تويدا يۈز بەرگەن جىنسىي قىلمىشتا قارشى تەرەپنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ، شۇڭا جازانىڭ ئورۇنلۇقلۇقى بولمايدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنى يەنە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئەھۋالغا بۆلۈشكە بولىدۇ: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تويدىن بۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بولۇپ قالغان، ئەمما قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇقماي، توي قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن يەنىلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىدە قارشى تەرەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكتىن پايدىلانمىغان، شۇڭا جىنايى ئىشلار قانۇنى بۇ خىل شەخسىي تۇرمۇشقا ئارىلاشماسلىقى كېرەك؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تويدىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بولۇپ قالغان، كېسەل بولغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ يەنىلا جىنسىي قىلمىش سادىر قىلغان، بۇ خىل ئەھۋالنى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ؛
روشەنكى، ئۈچىنچى خىل ئەھۋال ئالدىنقى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ، توينىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە قارشى تەرەپنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن پايدىلىنىلغان، جىنسىي ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىدە تەبىئىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن پايدىلىنىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بولغان جىنسىي ھوقۇقىغا مەلۇم دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان. لېكىن، ئەگەر جىنايى جازا ۋاسىتىسى بىلەن جازالانسا، ئەكسىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم چىقماي، ئۇنىڭغا تېخىمۇ پايدىسىز بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قىلمىشلار گەرچە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسىمۇ، ئەمما قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، قانۇنىي ئۈنۈمى ئاممىنىڭ نورمال ئەھۋالىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
قانۇن خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دائىم بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولۇپ، قانۇن بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ قارايمىز، ئەمما بۇ پەقەت بىر خىل كەسىپ ئارقىلىق ئۆزىنى ئالدىغانلىق. بۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارغا نىسبەتەن، قانۇن تەمىنلىيەلەيدىغان ھەل قىلىش چارىسى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز، مانا بۇ نېمە ئۈچۈن گېرمانىيەلىك جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئىجتىمائىي سىياسەت ئەڭ ياخشى جىنايى ئىشلار سىياسىتى بولىدۇ.» دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.
شۇ تاپتا مەن ئىللىق كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ بۇ ماقالىنى يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمنى ۋە ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. لېكىن، ئابستراكت كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن كونكرېت ياردەم بېرىش ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەلكىم ئاسماندىن يەرگىچە بولغان ئارىلىقتىنمۇ يىراق بولۇشى مۇمكىن.
مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئىلمىي ئۈلگە بار، ئىلگىرى يالې داشۆسى ۋە خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، لېكىن ئۇ كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئاتلانغان، بۇنداق ئابستراكىتلىقتىن كونكرېت غەمخورلۇققا ئۆتۈش بەلكىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دېلونىڭ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئەتراپىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ كىشىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0