搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نېمىشقا ناھىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى بۇلاش مەنئىي قىلىنىدۇ
>
نېمىشقا ناھىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى بۇلاش مەنئىي قىلىنىدۇ
NepKan
2022-01-12
2
导读:«مەن غاز شەھىرىگە پەقەت ئۈچ ئىشنى بېجىرگىلى كەلدىم. ئادىل بولۇش، ئادىل بولۇش، ئاناڭنى يەنە شۇ ئادىل
نېمە ئۈچۈن ناھىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى قېزىش، بۇلاش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؟
ئاۋۋال بۇ يەرنى بېسىپ «ئىسلاھات، ئورتاق بېيىش، ئادىللىق ۋە ئۈنۈم» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
مائارىپنىڭ ئادىل بولماسلىقى ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىك.
گەرچە بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت ئوقۇش ھاياتىدىكى ئادەتتىكى بىر سەپەر بولۇپ، تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ، دېيىلسىمۇ، لېكىن يېزا-بازارلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسا، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. بولۇپمۇ يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى.
ناھىيە-يىزىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئەڭ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كېيىن ئۇخلايدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچ يىل جاپا تارتىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپلا ھەممىدىن قۇتۇلىدۇ. بىراق، ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئۆمۈرلۈك كەسپىي ھايات، شۇنداقلا بىر ئۆمۈرلۈك كەسپىي ئەمگەكتۇر.
ئۇلار كەسىپنى قەدىرلەپ ۋە بەدەل تۆلەپ، نەچچە ئەۋلاد يېزا-بازار ياش-ئۆسمۈرلىرىنى يۆلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ ھايات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە يولغا سالىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇڭگونىڭ ناھىيە بازارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك مەۋجۇت. ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ يېزا-بازار ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تايىنىش نۇقتىسى، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان تىرىشچان ئوقۇتقۇچىلار بۇ تايىنىش نۇقتىسىنىڭ پىشاڭى، ئۇلار بىلىم نەتىجىلىرىنى زورايتىپ، يېزا-بازار ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى قېزىش، بۇلاش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قېزىپ كېتىلسە، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ يىلىكىنى شورىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، يېزا-بازاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاچارچىلىق ئەۋج ئېلىپ، ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىر مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭ يادرولۇق بايلىقى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، پولاتتەك قوشۇن. ئوقۇغۇچىلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئالماشتۇرۇلىدۇ، پەقەت بۇ ئوقۇتقۇچىلار پولات مىخقا ئوخشاش يېزا-بازار مائارىپىنىڭ ئىستىھكامىغا مىخلىنىپ، يېزا-بازار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدۇ.
شەھەر-يېزا مائارىپىدىكى پەرق ئەسلىدىنلا ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ، ئىقتىسادى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان رايونلاردا مائارىپقا سېلىنىدىغان سېلىنما بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مۆتىۋەرلىك دەرىجىسىدىكى شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىڭخۇا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى پۈتۈنلەي نورمال ھالەتكە ئايلاندى، كولومبىيە داشۆسى، يالې داشۆسى، لوندون داشۆسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىگە تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىندى.
شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىدىيەسى بولسا، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىدى. بىراق، بۇ بىر يۈرۈش تەربىيەلەش سىستېمىسىنى پەقەت شېنجېنلا قىلالايدۇ، پەقەت شېنجېن مالىيەسىلا تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماي، مەبلەغ بىلەن ھېسابلاشماي، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلالايدۇ.
شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە مائارىپ بىلەن شۇغۇللانساق، نەتىجىدە شەھەر-يېزىلارنىڭ مائارىپ پەرقى يەنىمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. چەت، يىراق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىڭخۇا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، 211/985 داشۆلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس.
شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئالاھىدە رايون خاسلىقىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر شېنجېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىدىغان مائاشىنى تۆلىيەلمەيدۇ. جۇڭگودىكى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى خۇاۋېيغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش.
بىزنىڭ يىللىقلار مۇدىرىنىڭ ھەپتىلىك يىغىندا قىلغان: «ئەگەر بىز بۇ قاراردىن چىڭخۇا، بېيجىڭ داشۆسىگە بىرمۇ ئوقۇغۇچى ماڭدۇرالمىساق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئاتا-ئانىلارغا يۈز كېلەلمەيمىز!» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
شۇنداق، بىر ناھىيە، چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى، مانا بۇ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى. بىر سان ئۈچۈن، بىر ناھىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ مەنبەسى شەھەر-يېزا مائارىپىدا روشەن پەرق مەۋجۇت.
بىر بېيجىڭلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە، چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇشى، بىر يېزا-بازاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بېيجىڭ داشۆسى، چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇياشلىدىن نەچچە ھەسسە ئاسانغا توختايدۇ.
پۇرسەتنىڭ تەكشى بولماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەكشى بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان توسالغۇ ئۆگىنىش تالانتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.
ئەگەر ناھىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەك، نەتىجىدە شەھەر-يېزا مائارىپىنىڭ ئادىللىقىغا تەسىر يېتىپ، نامرات رايونلاردىن تالانتلىقلارنىڭ چىقمىقى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە، چوڭ جەمەتلەر نېمە ئۈچۈن ھوقۇقنى مونوپول قىلىۋالغان؟ ئۇلارنىڭ مونوپۇل قىلىۋالغىنى شۇ كىتاب ئوقۇش ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟ فېئوداللىق جەمئىيەتتە، بىلىم بولمىسىمۇ سودا قىلغىلى بولاتتى، لېكىن كىتاب ئوقۇمىسا ئەمەلدار بولغىلى بولمايتتى. چۈنكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئارقىلىق ئەمەلدار تاللىناتتى! مەمۇرىي ئىشلارنى قالايمىقان قىلىدىغان ئاغۋاتلارمۇ مەخسۇس ئىلىم دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇپ، بىلىم ئالاتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىمۇ ئوخشاشلا ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش تەلىپى قويۇلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىدىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن، بىر يېزا-بازاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئالىي مەكتەپكە قانداق ئۆتىدۇ؟ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بولسا ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان كۆۋرۈك، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولسا مۇشۇ كۆۋرۈكتىكى يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق چىراغ.
ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى قېزىشنى، تالىشىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش يېزا-بازار مائارىپىنىڭ ئادىللىقىغا قىزىل سىزىق سىزىپ، كاپىتالنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى ئاممىۋى مائارىپ سىستېمىسىنى چىرىتىشىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خۇددى جاڭ مازىنىڭ غاز شەھىرىگە ھاكىم بولۇپ، ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ: «تىزلىنىشقا بولمايدۇ!» دېگىنىگە ئوخشاش ئىدى.
«مەن غاز شەھىرىگە پەقەت ئۈچ ئىشنى بېجىرگىلى كەلدىم. ئادىل بولۇش، ئادىل بولۇش، ئاناڭنى يەنە شۇ ئادىل بولۇش!»
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0