搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
كاربون سودا بازىرى كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
>
كاربون سودا بازىرى كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
NepKan
2022-02-20
1
导读:ئېنېرگىيە تېجەش تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ك
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىندا، نۇرغۇن كىشى بىر خەۋەرگە سەل قارىغان بولۇشى مۇمكىن: مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىدا، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تور سودىسى باشلانغاندىن بۇيان، 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى 69 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر: كاربون سودا بازىرىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرى ئۆزگىرىدۇ، لېكىن بىر ئىش ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
كاربون سودا بازىرى دېگەن نېمە؟
ئۇنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى، بىز ئالدى بىلەن كاربون قويۇپ بېرىشنى بىلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىككە مەلۇم، كۈندىلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش تىرانسپورت قاتارلىقلاردا نۇرغۇن پارنىك گازى ھاسىل بولىدۇ، بۇ يەردە بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىمۇ بار. بۇ گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆپىيىپ، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، بىر قاتار مۇھىت مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلدى. شۇڭا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش كېرەك. لېكىن بۇ ئىشنى ئاستا-ئاستا باشلاش كېرەك، بىراقلا ئىش توختىتىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاربون قويۇپ بېرىش نىشانى بېكىتىلدى، 2030-يىلىغا بارغاندا كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، مانا بۇ كاربون يۇقىرى پەللىسى؛ 2060-يىلىغا بارغاندا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى بىلەن سۈمۈرۈش مىقدارى تەڭلىشىدۇ، بۇ كاربون نېيتراللىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ نىشان، كونكرېت قانداق مەشغۇلات قىلىنىدۇ؟ بۇ دەل كاربون سودىسى. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، كاربون (IV) ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ-سېتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا تېگىشلىك كارخانىلار بەلگىلىك كاربون قويۇپ بېرىش نورمىسىغا ئېرىشىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازايتسا، ئارتۇق نورمىنى ساتقىلى بولىدۇ، نورمىدىن ئارتۇق قويۇپ بەرگەندە، كاربون بازىرىدىن نورما سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مىسالغا ئالساق، مەلۇم كارخانىنىڭ ھەر يىللىق كاربون قويۇپ بېرىش نورمىسى 10 مىڭ توننا بولىدۇ، ئەگەر كارخانا تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 8000 توننىغا ئازايتسا، ئۇنداقتا ئارتۇق بولغان 2000 توننىنى كاربون بازىرىدا ساتقىلى بولىدۇ. باشقا كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى كېڭەيتكەچكە، ئەسلىدە بېكىتىلگەن كاربون قويۇپ بېرىش نورمىسى يېتەرلىك بولمىسا، بازاردا سېتىلىۋاتقان بۇ نورمىلارنى سېتىۋالالايدۇ.
بۇلاردىن باشقا، يەنە بەزى پاكىز ئېنېرگىيە كارخانىلىرى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى جەمئىيەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ، دۆلەت ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇلغىما ئازايتىش ئىسپاتى تارقىتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى كاربون ھەقسىز قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ كىنىشكىنى ئېھتىياجلىق كارخانىلارغا سېتىپ بەرگىلىمۇ بولىدۇ. بىراق سودا گەرچە قولايلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا ئېلىپ-سېتىشقا بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قائىدىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىش رولىنى ئوينايدىغان جاي دەل كاربون سودا بازىرى.
ئەمەلىيەتتە، خەلقئارادا خېلى بۇرۇنلا كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسى ئەمەلىيىتى بار ئىدى. 2005-يىلى 1-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە تۇنجى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نورمىسى سودا تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. ھازىر ياۋروپا كاربون سودىسى دۇنيا كاربون سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا ئېلىمىز كاربون سودا بازىرىغا پەقەت 2000 دىن ئارتۇق توك تارقىتىش كەسپى كىردى، بىر يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولدى. كېيىن يەنە نېفىت خىمىيە، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، قەغەزچىلىك ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق يەتتە چوڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە سەرپىيات كەسپى سودا سىستېمىسىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرىنىڭ بازار قىممىتى 150 مىليارد يۈەن ئەتراپىغا يېتىشى مۇمكىن، ئەگەر كاربون زاكاز مال قاتارلىق ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنىڭ سودا سوممىسىنى ئويلاشقاندا، كۆلىمى 600 مىليارد يۈەن ئەتراپىغا يېتىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ كاربون بازىرى قۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟
كارخانا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىر تەرەپتىن ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىت ئاسراش ئۈسكۈنىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلەتكىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، يېڭى زاۋۇت قۇرغاندا تېخىمۇ ئېھتىياتچان قىلغىلى بولىدۇ، ئىلگىرىكىدەك مۇھىت ئاسراش تەننەرخىنى خالىغانچە جەمئىيەتكە تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، كاربون قويۇپ بېرىش نورمىسىنى سېتىۋېلىش مەبلەغ تەننەرخىنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق قىلغاندا ھەم كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلغىلى، ھەم كارخانىلارنى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شەخسىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە تېجەش تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بەزىلەر كەلگۈسىدە ھەممە ئادەمنىڭ كاربون سودىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولغان ئىكەن، شەخسىي كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، دېھقانلار يەر تېرىش، ئادەتتىكى پۇقرالار ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ۋاز كېچىپ، ئاممىۋى قاتناش يولىنى تاللاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كاربون سېتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا قاتنىشالامدۇ؟ دەيدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كەلگۈسىدە چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى «كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نىڭ 4-ماددىسىدا، نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان ئورۇنلار ھەمدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپپارات ۋە شەخسلەر مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى تىزىملاش سۇبيېكتى بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
دېمەك، شەخس قاتناشسا بولىدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا ھازىر بولمايدۇ؟ ھازىر تۇنجى تۈركۈمدە سودا بازىرىغا كىرگىنى توك تارقىتىش كارخانىلىرى، چۈنكى توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئاسان تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوت كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش كارخانىلىرى. بىر يىلدا قانچىلىك توك چىقىرىدۇ؟ قايسى دەرىجىدىكى ئادەتتىكى كۆمۈرنى ئىشلىتىدۇ؟ قانچىلىك كۆمۈر كىردى؟ دۆلەتنىڭ سىزگە بىر يىللىق بۇلغىما چىقىرىش كۆرسەتكۈچى قانچىلىك؟ دېگەنلەر ناھايىتى ئېنىق. ھېسابلاپ باقساقلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۇلار تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىش سودىسىغا قاتنىشىدۇ، كەلگۈسىدە ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر ئاستا-ئاستا كاربون سودا بازىرىغا كىرىدۇ.
كاربون سودا بازىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
1. كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش كەسپىگە ئاتلىنىش
مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 10 يىلدا كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن. دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 18 كەسپىي ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى، كاربون قويۇپ بېرىشنى باشقۇرغۇچى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر يېشىل كەسىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، 40 يىللىق تەرەققىيات دەۋرى، شۇنداقلا كىرىمنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىدىكى كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈشتە كاربون قويۇپ بېرىشنى باشقۇرغۇچى بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى بار.
2. كاربون مۈلكىگە مەبلەغ سېلىش
پاي چېكى بازىرىدا كىنىشكە تەكشۈرۈپ بۇلغىما ئازايتىشقا قاتناشقان ئەلا سۈپەتلىك كارخانا (كىنىشكە تەكشۈرۈپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش دۆلەتنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سودىسىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش سىستېمىسىدا تىزىمغا ئېلىنغان بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغان كارخانا). مەبلەغ سالغۇچى كارخانا بىلەن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، ئەگەر سىز بۇ خىل كارخانىنى پەرەقلەندۈرۈشتە ھەقىقەتەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كەسپىي بىلىمىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا بىۋاسىتە كاربون ۋە مۇناسىۋەتلىك فوندقا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. كاربون پېرېۋوت ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش
بۇ بىر خىل سودىنى كۆرسىتىدۇ، ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقىنى قوبۇل قىلىش جەريانىغا تولۇقلىما بېرىدۇ. ئەگەر ئائىلىسىدە ئورمانلىق بولسا، كاربون پېرېۋوت ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىختىيارىي بۇلغىما ئازايتىش ئىسپاتى ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى چوڭ سودا ئورۇنلىرىغا بېرىپ سودا قىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دېيىلگەن ئورمانلىقنى ئاخىرقى ھېسابتا باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن تەلەپلەر بار، مەسىلەن، بەزىلەر: ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-كەينىگە تىككەن دەرەخنى ئېچىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئەڭ ئاساسىي شەرتى ئۇدا بىر مودىن ئارتۇق يەرنى تولدۇرۇش، باشقا كونكرېت شەرتلەرگە ھۆكۈمەت تەرەپ خادىملىرىنى تېپىپ ئېرىشىش.
كاربون سودا بازىرى دېگەن نېمە، چۈشەندىڭىزمۇ؟ كەلگۈسىدىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر قاتناشسا بولىدۇ، تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0