大数跨境

بۇ ئىشلاردا بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتمەڭ!

بۇ ئىشلاردا بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتمەڭ! NepKan
2022-02-21
1
导读:ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، پەقەت ئالدىنى ئېلىش يولى بولسىلا، كۆز بويامچىلارغ

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---

يېقىندا چۈەنجۇ شەھىرى چۈەنگاڭ رايونىدىكى ساقچىلار ئارقا-ئارقىدىن دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇپ ئالغان. مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، ئالدامچىلار ئۈندىداردا يېقىن دوست قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، ئۈندىداردىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ كەتكەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ يېڭى شەكىلدىكى ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئالدامچىلارنىڭ «بېلىق تۇتۇش» شەكلىدە ساختا ئىككىلىك كود ئەۋەتىپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىدىكى پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.


1- دېلو مىسالى 

15-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، چۈەنگاڭ رايونى فېڭشەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق شياۋ جاڭ «ساۋاقدىشى»نىڭ QQ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇ «ساۋاقدىشى» ئۇنىڭغا ئۈندىدارىغا چىقالمايۋاتقانلىقىنى، ئۈندىدارغا نورمال چىقىشى ئۈچۈن ئۈندىداردىكى دوستلىرىنىڭ سۇپىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى دەلىللىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ «ساۋاقدىشى» شياۋجاڭنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئاۋازلىق پاراڭلاشقان. شياۋجاڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تەلەپ بويىچە ئۇ يوللىغان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، ئۈندىدارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرغان ھەمدە ئۈندىداردىن چېكىنىپ چىققان.

ئارقىدىن، ئۇ «ساۋاقدىشى» تولدۇرغان ئۇچۇرلاردا خاتالىق بار ئىكەن دەپ شياۋجاڭدىن تېلېفونىغا كەلگەن بىر دەلىللەش قىسقا ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ھەمدە ئۈندىدار ھېساباتىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئۈندىدارغا چىقماسلىقنى تەلەپ قىلغان. يېرىم سائەتتىن كېيىن، شياۋجاڭ ئۈندىدارىغا چىقىپ، ھېساباتىدىكى 1279 يۈەننىڭ پۈتۈنلەي يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئەسلىدە، ئالدامچى بۇ ئىشتىن بۇرۇن شياۋجاڭنىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ QQ نومۇرىنى ئوغرىلىغان، ئاندىن ئۇنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانىكەن.


2- دېلو مىسالى 

16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، چۈەنگاڭ رايونى چيەنشاۋ كەنتىدىكى شياۋچېنمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان، ئالدامچى ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ QQ نومۇرىنى ئوغرىلاپ ئېلىۋالغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ ئۈندىدارىغا نورمال چىقالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دوستىنىڭ دەلىللىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، شياۋچېننى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش، ھېسابات نومۇرى شىفىرىنى كىرگۈزۈش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق قەدەم-باسقۇچلارنى ئورۇنلاشقا يېتەكلىگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق شياۋچېننىڭ ئۈندىدارىنى ئوغرىلاپ كېتىپ، شياۋچېننىڭ ئۈندىدارىدىكى 1790 يۈەن پۇلنى تېلېفونغا قىممەت تولۇقلاش، Q  پۇلى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خەجلەپ تۈگەتكەن.


3- دېلو مىسالى 

15-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، چۈەنگاڭ رايونى شەنياۋ كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق شياۋجۇاڭ «ساۋاقدىشى» شياۋخۇنىڭ QQ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، «ساۋاقدىشى» ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى جەزملەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتقان. شياۋجۇاڭ قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا تولدۇرغان. ئارقىدىن ئالدامچى ئۇنىڭدىن ئۈندىدار ھېساباتىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈندىدارغا يېرىم سائەت ئىچىدە چىقماسلىقنى ئېيتقان. ئالدامچى شياۋجۇاڭنىڭ ئۈندىدارىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈندىدارىدىكى 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى يۆتكەپ كېتىپلا قالماستىن، يەنە شياۋجۇاڭنىڭ نامىدا ئۇنىڭ ھاممىسىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، شياۋجۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھاممىسىنى جەمئىي 1519 يۈەن زىيانغا ئۇچراتقان.


ساقچىلار ئەسكەرتىدۇكى: 

بۇ خىل ئالدامچىلىق ھىيلىسى قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۇزاققا چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ تەدبىرنى رەتلەپ چىقتۇق:

1. ئىدىيەدە ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى بولۇشى كېرەك

دوستلار قەرز پۇل سوراش، قوشۇمچە دەلىللەش ئۇچۇرىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، تېلېفون قىلىش، سىنلىق كۆرۈشۈش ياكى يۈزتۇرا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇ دوستنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش، ئەھۋالنى ئېنىق تەكشۈرۈپ بىلىش، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ پۇل يۆتكىمەسلىك كېرەك.


2. بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك

ئۈندىدار سۆھبەت كۆزنىكىدە خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى كۆرۈلگەندە، شۇ دوستىنىڭ ھېسابات نومۇرىنىڭ ئوغرىلىنىش ئېھتىماللىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، ئەگەر ئۇ ھېسابات نومۇرى راستتىنلا ئوغرىلانغان بولسا، دەرھال دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىۋېتىشنى ئېيتىش ھەمدە باشقا دوستلارغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

3. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ

ھېسابات نومۇرى ئوغرىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ خىل ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇڭا باشقىلارغا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھەرگىز ئاشكارىلىماڭ، مەسىلەن: ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىنىڭ مەخپىي نومۇرى، پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى، بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىماسلىق، نائېنىق ئۇلانمىنى چەكمەسلىك، ئېنىق بولمىغان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماسلىق كېرەك. 


ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، پەقەت ئالدىنى ئېلىش يولى بولسىلا، كۆز بويامچىلارغا يول قالمايدۇ. دەرھال دوستلىرىڭىزغا ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296