大数跨境

ياشلارنىڭ ياشاش كرىزىسى

ياشلارنىڭ ياشاش كرىزىسى NepKan
2021-11-16
1
导读:ئوت ئۆچكەندىن كېيىنكى ئوتلاقلار تېخىمۇ بولۇق ئۆسىدۇ، ئەمما بۇلۇق ئۆسكەنلەر ئاشۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ
قار كۆچكەندە ھېچقانداق غۇلاپ چۈشمەيدىغان قار ئۇچقۇنلىرى يوق، ئىجتىمائىي كرىزىس يۈز بەرگەندە ھېچكىم ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدۇ. 
ئىجتىمائىي كرىزىس دېگەن نېمە؟ 
ئىجتىمائىي كىرزىس بىر سىنتاش، قانچىلىك چوڭ گەپ قىلىشىدىن، قانچە قېتىم يېڭىشىدىن، خۇفورنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قانچىلىك رەسىم سىزىپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجتىمائىي كىرزىس يەنىلا كېلىدۇ. ئىككى قېتىملىق چوڭ كرىزىسنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا، تەتقىقاتنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوڭ كرىزىس يېتىپ كەلگەن بولىدۇ، چوڭ كرىزىس كەلمىسە، يەنە قانداقسىگە بۇنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولىدۇ؟ 
ئىجتىمائىي كرىزىس گىتلېرنى، ناتسىستلار پارتىيەسىنى ۋە دۇنيا ئۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما، ئىجتىمائىي كرىزىس قۇرۇقتىن قۇرۇق پەيدا بولغان ئەمەس، ئىجتىمائىي كرىزىسنى چوقۇم ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال ھېس قىلىدۇ. 
گال سېزىم كۈچى (钝感力) ياخشى نەرسە، لېكىن ئۆتكۈر سېزىم كۈچى تېخىمۇ ياخشى، بوۋاقلار ئىنتايىن سەزگۈر، ياشانغانلار ئىنتايىن سەزگۈر ئەمەس. بوۋاقلار نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار ھېس قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى سېزەلەيدۇ، مانا بۇ يېڭى پەيدا بولغان كۈچتۇر. 
ياشلار ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭىلىقتۇر، چوڭ داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ ئىشلارغا بولغان تەسىراتى ئەڭ روشەن بولىدۇ. 
خۇددى تۇنجى قېتىم ھەر خىل تەمنى تېتىغان كىچىك بالىغا ئوخشاش، كىچىك بالىلار ئاچچىققا چىدىمايدۇ، كىچىك بالىلار ئاچچىقنى ناھايىتى ئاز يەيدۇ، بەزى چوڭلار ئاچچىقنى ناھايىتى ياخشى يەيدۇ. 
ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ تەرەققىياتى ئۇنداق ئاسان ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ئۇ ھامان كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، بىخ ھالىتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، كىچىككىنە ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايدىغىنى بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۆتكۈرلۈكتۇر.
ياشلار ئەڭ ئاۋۋال كرىزىسنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغانلاردۇر.
ئىجتىمائىي كىرزىس يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ياشلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىپادىسى ھاياتلىق كىرزىسى. 
ئالدىنقى ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ چوڭ كاساتچىلىقى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ نوپۇس ئېشىشى ئاستىلاشقا يۈزلىنىپ، ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك رېئاللىقنى پەيدا قىلغان، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېھتىياجنىڭ نىسپىي يېتىشمەسلىكىنى مۇتلەق يېتەرسىزلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغان. 
ھازىرقى ئەھۋالدا، يەر شارىدىكى ھەر ئالتە ياشنىڭ بىرى ئىشسىز قالدى. 
ئالتە ئادەم، بەش كىشىلىك خىزمەت، ئەگەر قەيەردىكى ياشلار ئىچكى يۆگىمىلىشىشنى ھېس قىلمىسا، چوقۇم كۆپ ياشلار قالمىغانلىقىدىن بولغان. 
ياشلار كۈچ-قۇدرەتكە، ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك ئېھتىياجلىق. ياشلارنىڭ ياشاش ھالىتى كەلگۈسى نەچچە يىلدا دۇنيانىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. 
ياشلار دۇنيا ئۆزگىرىشىنىڭ ماتورى. 
ئېدىسون 32 يېشىدا لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان، ئېينىشتېين 26 يېشىدا كۋانت مېخانىكىسىنى ئىجاد قىلغان، ماركس 30 يېشىدا دۇنياغا مەشھۇر ئەسەر يېزىپ چىققان، ھېيسېنبېرگ 31 يېشىدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 
ئۇزۇن سەپەردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 22 ياش ئىدى. 
«ئويغانغان يىللار» ياخشى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پەقەت ياشلارلا كونا جۇڭگونى قۇتقۇزغىلى بولمايدىغانلىقىنى سېزەلەيدۇ، شۇنداقلا پەقەت ياشلارلا ھاياتلىق كىرىزىسى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئالتىدىن بىر قىسىم ياشلار ئىشسىز قالدى، بۇ بىر خىل قورقۇنچلۇق كۈچ بولۇپ، قۇتراپ تۇرغان ياشلىق ھەر ۋاقىت بۇ سەييارىنى ئۇرۇش پاتقىقىغا ئېلىپ كىرىدۇ. 
ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش، ئەگەر ياخشى سۆھبەتلەشمىسە، قارشى تەرەپتىن چوقۇم گىتلېر چىقىدۇ، گىتلېر ئۆزىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش شىركىتىنى ۋۇخەنگە قۇرغان تەقدىردىمۇ. 
شۇنداقتىمۇ ئەمەلىي جەڭ بويىچە مەشىق قىلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك. 
شۇڭا، بىر قولدا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، بىر قولدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش كېرەك. 
ئوت ئۆچكەندىن كېيىنكى ئوتلاقلار تېخىمۇ بولۇق ئۆسىدۇ، ئەمما بۇلۇق ئۆسكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغان ياۋا ئوت-چۆپلەردۇر!
مەنبە: ئەمەلىيەتچىل جاي سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0