دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.
ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇملۇق، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تولۇق، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ «يەر شارى كەنتى»مۇ نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەم ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەم تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ، مۇقىم خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا، ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە موھتاج. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى پائال ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن. بۇ-ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن 50 يىلدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى بىر ئەڭ مۇھىم ئىش-جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا بەخت ياراتتى. كەلگۈسى 50 يىلدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش شۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا توغرا بولغان بىللە ئۆتۈش يولىنى تېپىشى كېرەك. تارىخ-ئادىل، بىر سىياسىيوننىڭ قىلغان ئىشلىرى، مەيلى ھەق-ناھەق، تۆھپە ياكى سەۋەنلىكى بولسۇن، تارىخقا خاتىرىلىنىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاقىلانە، ئەمەلىي يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى ۋە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش. بىر-بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئىككىنچى، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈش. توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق-ئىككى تەرەپ چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان تۆۋەن چەك، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە بۇنىڭغا «تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈش» دېگەن سۆزنى قوشساق بولىدۇ. ئۈچىنچى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، قارشىلاشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. يەر شارى ناھايىتى چوڭ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى سىغدۇرالايدۇ. ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بىلەن ھەپىلەشمەسلىك، سەن يېڭىل، مەن ئۇتاي دېمەسلىك كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇنداق تۆت جەھەتتىكى ئەۋزەل ئىشلارنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك: بىرىنچى، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ گەۋدىلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ھەممىگە قادىر بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەشەببۇس ئامېرىكىغا ئېچىۋېتىلگەن، مەن ئامېرىكىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، باراۋەر، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش روھى بويىچە، ھەر قايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. مەن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، قانۇن ئىجراسى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، تور، مۇھىت ئاسراش، يەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق تورتىنى زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد-سودا، مالىيە-پۇل مۇئامىلە، كىلىمات ئۆزگىرىشى كوللېكتىپى قاتارلىق سۆزلىشىش يوللىرى ۋە مېخانىزم سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىپ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي، مۇھىمى ئۇنى ئىجابىي تىزگىنلەش ھەم كېڭەيتىۋېتىش، كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جۇڭگو ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆتىنچى، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جاھان تىنچ ئەمەس، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېڭىزدا كېتىۋاتقان ئىككى چوڭ پاراخوت، بىز رولنى مەھكەم تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز، نىشاندىن ئېغىپ كەتمەسلىكىمىز، سۈرئەتنى يوقاتماسلىقىمىز، ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئەمدىلا ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدۇق. 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بولدى. بىز بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، لېكىن بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىلا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز دېگەنىدىم. جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، بۇ مۇقەررەر تارىخىي يۈزلىنىش، كىمكى بۇ تارىخىي يۈزلىنىشنى توسۇيمەن دەيدىكەن، جۇڭگو خەلقى قوشۇلمايدۇ ھەمدە ئۇ بۇنى تۈپتىن توسۇۋالالمايدۇ. جۇڭگو رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلالىشىم، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتالىشىم زور خىرىس، شۇنداقلا زور مەسئۇلىيەت. مېنىڭ پوزىتىسيەرىم شۇكى، ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدۇ، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش، زومىگەرلىك قىلىش گېنى يوق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇش ياكى توقۇنۇش قوزغاپ باقمىدۇق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر غېرىچ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدۇق. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يولىنى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىشقا ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە روشەن بەلگىسى. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى مەقسەت ئىچكى بازارنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىش. بۇ جەزمەن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ چوڭ بازار ھازىرلاپ بېرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىدېئولوگىيەنى تۈرگە ئايرىش، لاگېرنى ئايرىۋېتىش، گۇرۇھلار قارشىلىشىش يولى تۇتۇلسا، دۇنيا مۇقەررەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئىبىرەت ئېلىش كېرەك. ئامېرىكىنىڭ «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قوزغىماسلىق پوزىتسىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىش»كە ھەدەپ ئۇرۇنغانلىقىدىن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن بولدى. بۇ يۈزلىنىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ ئوت بىلەن ئويناشقانلىق، ئوت بىلەن ئويناشقانلار چوقۇم ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئېنىق ۋەدە بەردى. تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە بىر جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەزمۇنى مۇنداق: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. جۇڭگونىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز سەۋرچان، ئەڭ زور سەمىمىيەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز، لېكىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ مەجبۇرلىسا، ھەتتا قىزىل سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتسە، بىز كەسكىن تەدبىر قوللانماي قالمايمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت مول مەزمۇنلۇق بولىدۇ، دېموكراتىيەمۇ مول مەزمۇنلۇق بولىدۇ. دېموكراتىيە بىر خىل زاكاز قىلىنغان مەھسۇلات ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا بىر ئەندىزە، بىر ئۆلچەم يوق. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئۆزى باھا بېرىدۇ. ئەگەر دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك چەتكە قېقىلىدىغان ئىشلار بولسا، بۇنىڭ ئۆزى دېموكراتىيەگە يات قىلمىشتۇر. بىز ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالايمىز، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى قۇۋۋەتلىمەيمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا، كۆپ تەرەپچىلىك مۇكەممەل بولمايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، سودا ئۈستىدە كېڭىشىش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق «تورتى»نى چوڭايتىشى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ-كېلىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «تېز يول»نى يولغا قويۇشقا قوشۇلىمىز، ئىشىنىمىزكى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قالايمىقان ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنى بېسىشنى توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللىشى ۋە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاشقى ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتچان ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى قوللىنىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر شارىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگەن، ھازىر ئىككى دۆلەت يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىغا تامامەن ئايلىنالايدۇ. مەن سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم.
ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى جۇڭگودا ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى كاربون قويۇپ بېرىش كۈچلۈكلىكىنى تارىختىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلىتىشنى تاماملايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو سۆزى ئىشەنچلىك، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېگىنىنى قىلىش، قىلالمايدىغانلىرىنى دېمەسلىك كېرەك. جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. بىر-بىرىگە ئىتتىرىش ۋە ئەيىبلەشنى ئازايتىپ، كۆپرەك ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش كېرەك. شوئار توۋلىغاندىن كۆرە، ھەرىكەت قىلغان تۈزۈك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، يەنە سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ بەكرەك ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىش يوق. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئېغىر يۇقۇمغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك، كېسەللىك مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ زىيىنى بولسا باركى، پايدىسى يوق. نۆۋەتتە يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جىددىي ۋەزىپە-ۋاكسىنا قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش، «ۋاكسىنا ھاڭى»نى تۈگىتىش. مەن بۇلتۇر يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يەر شارىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم ھەم يېقىندا يەر شارى ۋاكسىنا ھەمكارلىق ھەرىكىتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئېھتىياجلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جەمئىي 1 مىليارد 700 مىليون تال ۋاكسىنا ۋە ئەسلىي سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، بىز يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئىئانىنى كۆپەيتىمىز. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يەر شارى ئاممىۋى سەھىيەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
بايدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقى ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپ سەمىمىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، بىر بىرىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىككى دۆلەت رىقابىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماي، ئادىل، ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «تارىخ ئادىل، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقىلا بولىدۇ، بۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە قوشۇلىمەن. جۇڭگو 5000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا بىر چوڭ دۆلەت ئىدى. مەن شۇنى يەنە ئېنىق تەكىتلەيمەنكى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇش نىيىتى يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەت بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى قوللىمايدۇ، تەيۋەن بوغىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىردەك بولغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ياش ئەۋلادلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىپ، بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش سەمىمىي، ئىجابىي، ماھىيەتلىك ۋە مول نەتىجىلىك بولدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىجابىي كۆزلىمىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال چىقاردى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش توغرا يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.
دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

