大数跨境

ئۈرۈمچىدىكىلەر دىققەت: بۇ ياردەم پۇلىنى ئېلىۋېلىڭ!

ئۈرۈمچىدىكىلەر دىققەت: بۇ ياردەم پۇلىنى ئېلىۋېلىڭ! NepKan
2022-01-14
1
导读:ئۈرۈمچىدە شەرتكە توشىدىغانلارنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇ
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 

شەرتكە توشىدىغانلارنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، 

ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش

مۇددىتى ئۈچ ئاي ئۇزارتىلدى

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلاردىن 2021-يىلى 1-ئايدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئىشسىز قالغانلار ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئىشسىزلار ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلارغا ئالتە ئايلىق ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل بولمىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار نەزەرگە ئېلىنىپ، قوبۇل قىلىش مۇددىتى 2022-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى. قوبۇل قىلىش دائىرىسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 2021-يىلى ئىشسىز قالغانلار. 2022-يىلى يېڭىدىن ئىشسىز قالىدىغانلار بۇ قېتىملىق قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت


شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار «دۆلەت مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسى» ئۈندىدار ئەپچىسى ياكى چىقىمدان ئەپ دېتالىدىكى «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» ئىقتىدارى ئاستىدىكى «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىش» بۆلىكى ئارقىلىق ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلماقچى بولسا شەخسىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى كىملىكى بىلەن تەمىنلىسىلا بولىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ھەر ئايدا ئىشسىزلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى شەخسىي بانكا كارتىسىغا سېلىپ بېرىدۇ.


ئىگىلىنىشىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش بولسا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان كارخانىلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى قايتۇرۇش، ئىش داۋامىدا تەربىيەلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

كورىيە ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان تەقدىرى

2022-01-13

ئىسلاھات، ئورتاق بېيىش، ئادىللىق ۋە ئۈنۈم

2022-01-13

نېمىشقا ناھىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى بۇلاش مەنئىي قىلىنىدۇ

2022-01-12

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

2022-01-12

خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى

2022-01-11

پۈتۈن يەر شارى مەجبۇرىي باج يىغىۋاتىدۇ...

2022-01-11

ساقچىلارنىڭ 10 خىل سالاھىيىتىنى بىلەمسىز؟

2022-01-10

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەددىدىن ئاشماقتا، تۆت تارماق قول سالدى!

2022-01-10

RCEP كەلگۈسىدە قانداق پايدا ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

2022-01-09

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

شياۋمى شىركىتى 560 مىليونلۇق باجدىن قاچتىمۇ؟

2022-01-09

ماگناتلارنىڭ خادىم قىسقارتىشى 2022-يىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشامدۇ؟

2022-01-08

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

كۆپ جايلاردا 2022-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ!

2022-01-08

يەر، نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇھىم ھۆججىتى

2022-01-08

كۈنىگە 180 مىليون پايدا ئالىدۇ: پەردە ئارقىسىدىكى پايچېكى كىم؟

2022-01-07

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

بۇ تۆت خىل كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يىلتىزىدىن تىزگىنلىشى كېرەك

2022-01-07

لى جياچىدىن ھەقىقەتەن چاتاق چىقىدىغان بولدى!

2022-01-06

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296