搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇ خىل بانكا كارتىلىرى تازىلىنىدۇ، بانكا كارتىڭىز ئامانمۇ؟
>
بۇ خىل بانكا كارتىلىرى تازىلىنىدۇ، بانكا كارتىڭىز ئامانمۇ؟
NepKan
2021-11-20
2
导读:قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل قويغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئىسچوتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش...
«ئىلگىرى بېجىرىپ بولغان بانكا
كارتىسىنى قوشسام يەتتە-سەككىز تال بولىدۇ، دائىم ئىشلىتىدىغانلىرىمۇ بىر-ئىككى تال بولىدۇ، بەزى كارتىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ، بەزى كارتىلارنىڭ مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان.» شەھەر ئاھالىسى ليۇ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇن بانكىلاردىن ئامانەت كارتىسى ۋە كىرېدىت كارتىسى بېجىرگەن، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇ مەلۇم بانكا تور بېكىتىگە چىقىپ، بۇ بانكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىشلىتىلمىگەن شەخسىي بانكا كارتىسىنى ئېنىقلاش توغرىسىدىكى بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئايرىم مىسال ئەمەس. قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل قويغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئىسچوتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن بانكا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇزاق مۇددەت مىدىرلىمىغان «ئۇيقۇدىكى ئىسچوت» ھەمدە نورمىدىن ئارتۇق ئىسچوتنى تازىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خاڭجۇ بانكىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەخسىي ئىسچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىسچوت مەبلىغى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خاڭجۇ بانكىسى قىسمەن ئىسچوت ئىقتىدارى ۋە شەخسىي تور بانكىسى، شەخسىي يانفون بانكىسىنىڭ پۇل يۆتكەش چېكىنى تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بىر مۇئامىلىدارنىڭ كۆپ ئىسچوتى بارلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى سودا سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭشىن بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى قاتارلىق بانكىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
ئۇنداقتا، زادى قايسى كارتىلار «ئۇيقۇدىكى ئىسچوت» ھېسابلىنىدۇ؟ بانكا كارتىسى مەجبۇرىي ھېساباتتىن ئۆچۈرۈلەمدۇ؟ ھېساباتتىكى قالدۇق سوممىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
بىرىنچى، قايسى ھېساباتلار تازىلىنىدۇ؟
خاڭجۇ بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ خاڭجۇ بانكىسىدا تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق راسچوت ئىسچوتى بار بولسا، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن خاڭجۇ بانكىسىدىكى خالىغان تىجارەت نۇقتىسىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكى بىلەن ئۆز نامىدىكى كارتىنىڭ ھېلىھەم مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ئورنى بار-يوقلۇقى ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى، ئەگەر ئىسچوتنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولسا، دەرھال ھېساباتتىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دېيىلگەن.
سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئېنىقلاش دائىرىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولۇپ، ئومۇمەن ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق (ئۈچ يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇئامىلىدارنىڭ ئاكتىپ سودىسى يۈز بەرمىگەن، ئىسچوت قالدۇقى نۆل بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناۋەت كارتىسى، شەخسىي قەرز پۇل قايتۇرۇش ۋە باشقا ۋاكالىتەن كىرىم قىلىش، ۋاكالىتەن چىقىم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالانمىغان ئىسچوتلارنىڭ ئىسچوت ئىقتىدارى پوكەيدە بولمىغان كەسىپلەرگە تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، بانكا كارتىسىنى ئېنىقلاش ھەرىكىتى شەخسلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمىگەن ئىسچوتى (يەنى «ئۇيقۇدىكى ئىسچوت»)نى ئېنىقلاش ۋە نورمىدىن ئارتۇق ھېسابات باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە بۆلۈنىدىكەن.
ئوخشاش بولمىغان بانكىلارنىڭ ئۇيقۇدىكى ھېساباتقا بەرگەن ئېنىقلىمىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ تۆۋەن ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، بانكا ئىسچوتىدا ئۇدا ئىككى يىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەسىپ يۈز بەرمىگەن، كېلىشىم ئىمزالاش مۇناسىۋىتى بولمىغان دېبېت كارتىسى (借记卡)، قەرەلسىز ئامانەت كىنىشكىسى قاتارلىق شەخسلەر بانكا راسچوت ئىسچوتىنىڭ ھەممىسى ئېنىقلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسچوت قالدۇقىمۇ مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى بانكىلارنىڭ ئېنىقلاش ئۆلچىمى ھېساباتتىكى قالدۇق 0، ئۆسۈم يىغىندىسى 0 بولغان بانكا ھېسابىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭشىن بانكىسى بىلەن گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ ئۆلچىمى «ئىسچوت قالدۇقى 10 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بولۇش»تىن ئىبارەت. بۇ، ئابۇنىچىلارنىڭ بانكا كارتىسى ئىسچوتىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھېساباتتىكى قالدۇق سوممىنى ئۇزاق مۇددەت 10 يۈەندىن يۇقىرى ھالەتتە ساقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نورمىدىن ئارتۇق ئىسچوت دېگىنىمىز بىر ئادەم كۆپ ئىسچوت (كارتا) بېجىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خېرىدارنىڭ بىر بانكىغا قاراشلىق تىجارەت تور نۇقتىسىدا ھېساب ئاچقان (بانكا كارتىسى، راسچوت ئىسچوتى ئامانەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ) جەمئىي سانى ئىككى (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى پوچتا ئامانەت بانكىسى ئېلان چىقىرىپ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئىلگىرى تەدرىجىي ھالدا تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئوخشاش بىر خېرىدارنىڭ نامىدىكى شەخسىي راسچوت ئىسچوتىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىش (يەنى بىرىنچى تۈردىكى ھېسابات 1 تال، ئىككىنچى تۈردىكى ھېسابات 5 تال، ئۈچىنچى تۈردىكى ھېسابات 5 تال)نىڭ سانىنى ئېنىقلايدۇ، دېگەن. بۇ يىل 4-ئايدا، جۇڭشىن بانكىسى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: I تۈردىكى ئىسچوت، ئىككىنچى تۈردىكى ئىسچوت ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى ئىسچوتتىكى ئوخشاش بىر شەخسىي خېرىدارنىڭ ئىلكىدە بولۇش سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 تال، 5 تال ۋە 5 تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، يۇقىرىقى ئۈچ تۈردىكى بانكا كارتىسىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە سوممىسىنىڭ چەكلىمىسى تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
ئىككىنچى، نېمە ئۈچۈن ئۇيقۇدىكى ھېساباتىنى تازىلاش كېرەك؟
مەركىزىي بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 12 مىليارد 779 مىليون شەخسىي بانكا ئىسچوتى ئېچىلغان بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 318 مىليون تال كۆپەيگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.55% ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بانكا ئىسچوتى 9.05 گە يەتكەن.
2016-يىلى، مەركىزىي بانكا «چىقىم راسچوتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېلېگراف تورىدىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئوخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر بانكىدا بىرلا بىرىنچى تۈردىكى ئىسچوت ئېچىش، بىرىنچى تۈردىكى ئىسچوتى ئېچىلغان ئەھۋالدا، يەنە يېڭىدىن ھېساب ئاچقۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئىككىنچى تۈردىكى ئىسچوت ياكى ئۈچىنچى تۈردىكى ئىسچوت ئېچىشنى تەلەپ قىلغان.
كىرېدىت كارتىسى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس دۇڭ جېڭ مۇنداق قارايدۇ: «بىر ئادەم كۆپ كارتا بېجىرىش» بانكا سىستېمىسىنىڭ بايلىقىنى زور مىقداردا خورىتىپ، بانكىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بانكا ئۇيقۇدىكى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى قايتىدىن قويۇپ بېرىپ، باشقۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپپاراتلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بانكىنىڭ «ئۇيقۇدىكى ئىسچوت»نى تازىلاشتىكى مەقسىتى يەنە قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇل قويغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئىسچوتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
«بانكا "ئۇيقۇدىكى ئىسچوت"نى تازىلاشتىكى مەقسەت بىنورمال سودىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، پۇل يۇيۇش، باجدىن قېچىش قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئازايتىپ، پۇل قويغۇچىنىڭ شەخسىي ئىسچوتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش. گۇاڭدا بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازار بۆلۈمىنىڭ ماكرو تەتقىقاتچىسى جوۋ ماۋخۇا شۇنداق دېدى.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف تورىدىكى يېڭىچە جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك «كارتىنى ئۈزۈپ تاشلاش» ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەت مىقياسىدا «كارتىنى ئۈزۈپ تاشلاش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. 2020-يىلى 12-ئايدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىرلىكتە «تېلېفون كارتىسىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، جازالاش، تۈزەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن «ئىككى خىل كارتا»نى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى.
ئۈچىنچى، كارتا ئىگىسىگە قانداق تەسىرى بار؟
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سودا بانكىسى ئۇيقۇدىكى كارتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، يانفون بانكىسى، تور بانكىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بىكار تۇرغان بانكا كارتىسىنى ھېسابتىن ئۆچۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بانكا كارتىسى ئۇچۇرى ۋە مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.
قولىدىكى ئىسچوتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم بانكىلار كارتا ئىگىسىگە 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە كەسىپ بېجىرىش ۋاقتى قالدۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە ئۇقتۇرۇشتا «ئەگەر كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسچوتى يۇقىرىقى ئېنىقلاش دائىرىسى ئىچىدە بولسا ھەمدە داۋاملىق ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، ئېلان مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى بانكا كارتىسى ياكى ئامانەت كىنىشكىسى، ئۈنۈملۈك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ ھەرقانداق بىر تىجارەت نۇقتىسىغا بېرىپ يېڭىلاش، كىملىك ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قوزغىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.» دەپ ئېنىق ئەسكەرتىدۇ.
سودا-سانائەت بانكىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئېنىقلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىسچوتنى يەنە داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىشلەتكۈچى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىملىق ھەرىكەتچان ھېسابات سودىسى (جۈملىدىن پۇل ئېلىش-قويۇش، پېرېۋوت قىلىپ ئەۋەتىش، پۇل ئاغدۇرۇش، ئىستېمال قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىقلار)نى تاماملىسا، ئىسچوت قوزغىتىلغان دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن بانكىلار كارتا ئىگىسىنىڭ بىر قانچە راسچوت ئىسچوتىدا سودا قىلىشى چەكلەنسە، كارتا ئىگىسى ئۆزىنىڭ كىملىكى، بانكا كارتىسى (كىنىشكىسى)نى مۇناسىۋەتلىك بانكىنىڭ خالىغان تىجارەت نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىسچوت ئۆچۈرۈشنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
تۆتىنچى، ئۇنداقتا، ئەگەر ھېسابات تازىلانسا، قالدۇق سوممىنى قانداق قىلىش كېرەك؟
خۇاشيا بانكىسى ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈرگەن: «ئىسچوت ئۆچۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىسچوتنى ھېسابتىن ئۆچۈرگەندىن كېيىن ئىسچوتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىڭىز ۋە ئەسلىدىكى كارتا (كىنىشكا)غا ئاساسەن بانكىمىز ئىسچوت ئېچىش تىجارەت نۇقتىسىغا بېرىپ قالدۇق سوممىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.»
«توڭلىتىۋېتىشنى خالىمايدىغان بانكا كارتىسىغا قارىتا، پەقەت ھەر يىلى ATM، تور بانكىسى ياكى يانفون بانكىسى قاتارلىق خالىغان يوللار ئارقىلىق بىر كەسىپ بېجىرسە ياكى ھېسابات يۆتكەش قاتارلىق سودىلارنى قىلسا، بانكا تەرىپىدىن "ئۇيقۇدىكى ئىسچوت" دەپ بېكىتىلمەيدۇ.» مەلۇم بانكا تور نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
بەشىنچى، قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟
ساھە ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: كارتا ئىگىسى ھېسابات ئېنىقلاش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسى، ھېساباتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇشى، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمىگەنلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىقلاپ، بىرلەشتۈرۈپ، ھېسابات تەكشۈرۈش، ھېساب خاتىرىلەشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
«كارتا ئىگىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئىسچوت ئۇچۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىسچوت قالدۇقىنى ۋاقتىدا سېلىشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە سودىسى كەسپىنى بېجىرىشتە مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تېپىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى ئۆسۈملۈك مالىيە باشقۇرۇشقا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك، يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاش كېرەك؛ ئاخىرىدا، بىنورمال ئۇچۇر ياكى بىنورمال سودا بولسا، ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلارنى تېپىپ تەكشۈرۈش كېرەك» . دېدى جوۋ ماۋخۇا.
ئەگەر كارتا ئىگىسى ئۆزىنىڭ قانچە بانكا كارتىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
يېقىندا بىر تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ھەر قايسى چوڭ بانكىلار ئاممىغا ئىشلەتمەيدىغان بانكا كارتىلىرىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قانچىلىك بانكا كارتىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، شۇڭا ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەكشۈرىدىغان سۇپا ياكى تور سىرتىدىكى تىجارەت نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا بانكا كارتىسىنى تەكشۈرۈپ، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلدى.
«شەخسىي بانكا كارتىسى ئۇچۇرى بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، شەخسىيەت ۋە مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مۇرەككەپلىكى يۇقىرى.» خەلق بانكىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «بىر ئادەم كۆپ كارتا بېجىرىش»نى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى ۋە سودا بانكىسىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، بىخەتەر بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شەخسىي بانكا كارتىسىنى تەكشۈرۈشكە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، شەخسىي بانكا ئىسچوت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بانكا ئىسچوت كەسپىنى قولايلاشتۇرۇشنى دائىمىيلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296