搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
شاخلىتىپ سېتىش؟ ۋېي يادىن كېيىنكى نەچچە 10 مىليارد يۈەنلىك دېلو
>
شاخلىتىپ سېتىش؟ ۋېي يادىن كېيىنكى نەچچە 10 مىليارد يۈەنلىك دېلو
NepKan
2021-12-31
0
导读:يىل ئاخىرى يەنە بىر چوڭ ئېقىم چولپىنى، يەنى مىكرو سودا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى، جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇن
جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇن زادى قانداق پۇل تېپىۋاتىدۇ؟
يىل ئاخىرىغا يېقىن، يەنە بىر چوڭ ئېقىم چولپىنى، يەنى مىكرو سودا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى، جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇن موللاق ئاتتى.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، «جاڭ تىڭ لىن رۈيياڭ» شىركىتىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىق خەۋىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
بۇ ئىشنى 24-دېكابىردىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، «لى شۈ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى» ناملىق ئۈندىدار سالونىدا: «شىجياجۇاڭ شەھىرى يۈخۇا رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللەش ھەققىدىكى جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق:
كۆپ قېتىملىق ئاممىنىڭ پاش قىلىشى نەتىجىسىدە، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شاڭخەي دارۋېيغا قارىتا شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق قىلمىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەم دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇلدى.
«لى شۈ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى» بولسا بىر كەسپىي شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى تەتقىقات ۋە مېڭە يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قۇتقۇزۇش ئورگىنى. شاڭخەي دارۋېي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى دەل جاڭ تىڭ، لىن رۈيياڭ ئەر-خوتۇن ئىدى.
29-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، خەلق گېزىتى جاڭ تىڭ ئەر-ئايال شىركىتىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: «توردا شاخلىتىپ سېتىشتىكى زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك!»، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قانۇنغا خىلاپ ھالدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشنىڭ "مەخپىيىتى"نى سىغدۇرالمايدۇ. قانۇن كۈنلۈكى، پەقەت قانۇنغا رىئايە قىلىش، قائىدە بويىچە تىجارەت قىلىشنىلا قوغدايدۇ.» دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان.
ھازىر بۇ دېلو مالىيە تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىردى، توڭلىتىلغان مەبلەغ 600 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
بىر مەيدان بوران-چاپقۇن ئەۋج ئېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭرىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى جاڭ تىڭ بىلەن ئۇنىڭ «مومىسى»نىڭ مىكرو سودىسىدىكى كۆرۈمسىز مەھسۇلاتلىرى ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقىلى قانچە يىل بولدى.
2016-يىلىلا، نۇرغۇن تورداش TST ئاكتىپ ئېچىتقۇ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن «چىرايى بۇزۇلۇپ» دوختۇرخانىدا تېرە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، جاڭ تىڭ ئەكسىچە يالغان گەپ قىلىپ: «ھەر بىر خېرىدارنىڭ تېرىسى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا گىرىم بۇيۇملىرىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاس پەيدا بولىدۇ.» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان ئىدى، ھەتتا خېرىدارلار بۇرۇن ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىدا ھورمۇن بار، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان ئىدى.
2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، شاڭخەي دارۋېي ئىشلەپچىقارغان TST ياشارتىش يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى، قار مەخمەل گۈلى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى قاتارلىق نەچچە ئون خىل مەھسۇلات ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن تەكشۈرگەندە، «تۈزىتىشكە بۇيرۇش»تەك تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىرىپ بېرىلگەن ئىدى.
بەلكىم ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇننىڭ مىكرو سودا ئىمپېرىيەسىنى ئانچە پىششىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
ئالتە يىل ئىلگىرى، ۋېي يا، لى جياچى قاتارلىقلار ئېقىم چولپانلىرىنىڭ تېخى ھېچقانداق نامى يوق ۋاقىتتىلا، جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇن ۋەكىللىكىدىكى مىكرو سودىگەرلەر، ئەينى چاغدا تازا ئەۋجىگە چىققانىدى!
2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، TST مىكرو سودا چەمبىرىكىدە تېز قەد كۆتۈردى، 2018-يىلى، شىركەتتە 453 ئىشچى-خىزمەتچى بار بولدى، 6 مىليون 760 مىڭ ئەزا جۇغلىغان بولۇپ، 1920 شىركەت قۇرۇلغان ئىدى.
TST ماركىسىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مىكرو تور سودىسى ئەندىزىسى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم پايدا ئېلىش يولى بولۇپ قالغان. 2018-يىلى، چېمپىيون ۋاكالەتچى سودىگەرنىڭ سېتىش سوممىسى 60 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى ئوننىڭ باش ۋاكالەتچىسى 300 مىليون يۈەنگە يېقىن سېتىش تۆھپىسى قوشقان.
يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە، شاڭخەي دارۋېي سودا شىركىتى «شاڭخەي شەھىرى چىڭپۇ رايونىدىكى 100 كۈچلۈك مۇنەۋۋەر كارخانا تىزىملىكى»دە پەيدا بولۇپ، «بىر يىلدىلا شاڭخەيگە 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن باج تاپشۇرىدىغانلىقى»نى ئاشكارىلىغان.
بۇ ئىككى ئەر-خوتۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋېي يا پەقەت كىشىم شۇمتەك ھېسابلىنىدۇ.
ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جاڭ تىڭ لىن رۈيياڭ شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى، بۇ شىركەت قارمىقىدىكى مەھسۇلاتلار سەۋەبلىك ئەمەس، باج ئوغۇرلاش، باج تاپشۇرماسلىق سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق بولغانلىقىدىندۇر.
شاخلىتىپ سېتىشنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە قاراش كېرەك: بوسۇغۇدىن كىرىش ھەققى، ئادەم تارتىش، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى.
ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «تەپتىش گېزىتى»دە بېكىتىلگەن «شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى» دېگەن نېمە؟
جاڭ تىڭ ئەر-خوتۇننىڭ بۇ ۋاسىتىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان شاخلىتىپ سېتىش خەۋپ-خەتىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ھەم بوسۇغۇدىن كىرىش ھەققى ئالمىغان، ھەم «ئۈچ دەرىجىلىك» سىزىققا دەسسىمىگەن، يەنە قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن باج تاپشۇرغان.
لېكىن ئادەم تارتىش ۋە ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى جەھەتتە شاخلىتىپ سېتىشقا چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: كۆك كارتا ۋە قىزىل كارتا. كۆك كارتا ۋاكالەتچىلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ سېتىش پايدىسىغىلا تايىنىدۇ، قىزىل كارتا بولسا ئەسلىگە قايتىپلا قالماي، يەنە ئادەم تارتىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەتتا «پەقەت 100 ئادەم ئەكىرىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي مال مىقدارى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشسىلا، شىركەت قۇرۇپ باش مۇدىر بولغىلى بولىدۇ.» دەپ جار سالغان.
بۇ خىل ئادەم تارتىش ئەندىزىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن زادى شاخلىتىپ سېتىشمۇ ئەمەسمۇ؟ يەنىلا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېنىق خەۋىرىگە قاراش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ھېچقانداق تەشۋىش يوقتەك قىلىدۇ.
بەزى كىشىلەر قورسىقى تويغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ.
كۆز بويامچىلىق قىلىپ، يوشۇرۇن تىجارەت قىلىپ، مىكرو سودىگەرلەرمۇ شاخلىتىپ سېتىشقا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ خىل گىرۋەك توپ ئويناش ھەرىكىتى ھامان ئەدىبىنى يەيدۇ.
مەنبە: كاپىتان خاتىرىلىرى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296