搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
تەيجىدىيەننى تىزلاندۇرۇشقا قانداق يامان غەرەز يوشۇرۇنغان؟
>
تەيجىدىيەننى تىزلاندۇرۇشقا قانداق يامان غەرەز يوشۇرۇنغان؟
NepKan
2021-11-06
1
导读:دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ تەيجىدىيەننى قوغدىشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغىنىغا يە
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ، SK خېلىستىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك كورېيە ئۆزەك ياساش شىركىتى 8-نويابىردىن بۇرۇن ئامېرىكىغا ئۆزەككە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم تەيجىدىيەنگە قاراتتى. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆزەك ياساش كارخانىسى ئامېرىكىنى «مەخپىي سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى، خېرىدارلار ۋە پايچىكلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى. («
تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ قانداقسىگە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
»
تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
بىراق، 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، تەيجىدىيەن زادى بەرداشلىق بېرەلەمدۇ-يوق؟
بىرىنچى، خۇڭمېن زىياپىتى
9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ باشلىقلار يىغىنى ئاچتى، ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى رېموندو يىغىنغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سامسوڭ، تەيجىدىيەن قاتارلىق يەر شارى ئۆزەك ياساشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىسمى باشلىقلار يىغىنى بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان «خۇڭمېن زىياپىتى» ئىدى. يىغىندا، رېموندو ئامېرىكىنىڭ بەش يىل ئىچىدە 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئۆزەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئېنىقلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئارقىدىن نەق مەيداندىكى كارخانىلاردىن «45 كۈن ئىچىدە ئىسكىلات قالدۇقى، سېتىش سانلىق مەلۇماتى ۋە زاكاز تالونى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش»نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رېموندو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاشكارا بولۇش «ئىختىيارىيلىق» قىلمىشىغا تەۋە، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنى ئەسكەرتتىكى، ئامېرىكا «نۇرغۇن سىياسەت قوراللىرى ئارقىلىق كارخانىلارنى سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەگەر زۆرۈر بولسا، بىز ھەرىكەت قوللىنىمىز.» دەپ بىلدۈردى.
ماتېرىيال رەسىم: ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جىنا رېموندو
ئامېرىكا يەنە بىر 26 سوئاللىق «راي سىناش» قەغىزىنى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، مەزمۇنى تېخنىكا تۈگۈنى، خېرىدارلار ئەھۋالى، ئىسكىلات قالدۇقى، زاكاز تالونى ۋە ئەمەلىي مال چىقىرىش مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى، ئىشلەپچىقىرىش پىلانى، ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەمدە نەق مەيداندىكى كارخانىلاردىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار كارخانىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە دەل تەگدى. ئامباردا ساقلاش ئەھۋالى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى ئۆزەك لايىھەلەش كارخانىلىرى بىلەن باھادا كېلىشىشىدىكى مۇھىم چەك، ياخشى مەھسۇلات نىسبىتى كارخانىلارنىڭ ۋاكالىتەن ئىشلەش تەرتىپى ۋە تەننەرخىنى ھېسابلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، زاكاز ۋە خېرىدارلار ئۇچۇرى كارخانىنىڭ ئەڭ يادرولۇق مەخپىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ساھە ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر تاپشۇرۇش توغرا كەلسە، كارخانا بازاردا «يالىڭاچ يۈگۈرۈش»كە باراۋەر بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا ئۆز ئىختىيارى بويىچە مىجىپ ئوينايدىكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر خەۋەر شۇكى، بۇ يىغىندىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئىنتېل شىركىتى «2025-يىللىق تەرەققىيات پىلانى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، نىشانى يەر شارى ئۆزەك سودىگەرلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تارتىۋېلىش ئىدى. ئامېرىكا تەيجىدىيەن، سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەردىن ماتېرىيال تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ھېچكىممۇ بۇنىڭ ئىنتېلغا ئېقىپ كەتمەسلىكىگە ھەمدە ئامېرىكا كارخانىلىرى رىقابىتىدىكى ئۆتكۈر قورالغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. كورىيە تاراتقۇلىرى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «سامسۇڭ بىلەن SK خېلىس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاۋاز قوشسا، كورىيەدىكى بىرىنچى چوڭ خېرىدار جۇڭگونىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىغا ئاشكارىلاپ قويغانغا باراۋەردۇر.» دېدى. ھالبۇكى، بۇ نۇقتا دەل ئامېرىكىنىڭ يامان غەرىزىنىڭ نېگىزىدى ئىدى.
ئىككىنچى، ئۆزەك قىلتىقى
ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە قول سېلىپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى «تالىشىشى» تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس.
ئۆزەك ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ياپونىيە كارخانىلىرى ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، مۇرەسسە قىلىشنى تاللاپ، «ياپونىيە-ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئامېرىكىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە پاتېنتىنى ئېچىۋەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەمدە ئامېرىكا تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىۋېتىلگەن.
2019-يىلى، فىرانسىيە ئارستوننىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فرېدېرىك پىيېرۇچ «ئامېرىكا توزىقى» دېگەن كىتابىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە قوراللىرىنى نىقابلاپ ئارستوننى قورشاپ ئوۋلىغاندىكى قارا نىيىتىنى پاش قىلدى، ئۇ ئۆزى ئامېرىكىنىڭ «ئۇزۇن بىلەكلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكى» بويىچە ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ قالدى. («
مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى»
تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
يېقىندا، فىرانسىيە جېمپلاس (GEMPLUS) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك لاسۇس «ئۆزەك توزىقى» دېگەن كىتابىدا، ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سالدۇرۇش، پاي قوشۇشتىن ئادەم ئالماشتۇرۇشقىچە، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلەرچە بىخەتەرلىك تارمىقىنى ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىش، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئاندىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ جېمپلاس (GEMPLUS) شىركىتىنى تالان-تاراج قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
(«
مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلار
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېيغا بېسىم ئىشلىتىشى ئوخشاشلا مۇشۇ مەقسەتتە ئىدى. پەقەت ئامېرىكىنىڭ «ئۇستىلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىشى» ئالدىدا، خۇاۋېي مۇرەسسە قىلمىدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا پۈتكۈل جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئېلىشتى. («
خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
»
تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
ھالبۇكى، نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ «تەلەپ» قىلىشى بويىچە ئامېرىكىغا بېرىپ زاۋۇت قۇرۇش، ئامېرىكىلىقلارنىڭ شىركەت مۇدىرىيىتىگە كىرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق بۇ بىر قاتار تونۇش كۆرۈنۈشلەر تەيجىدىيەنگىمۇ ئوينىلىۋاتىدۇ...
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0