大数跨境

ماسك: 2022- يىلى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىدۇ

ماسك: 2022- يىلى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىدۇ NepKan
2022-01-02
1
导读:​2022-يىلى يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەنلا، تېسلانىڭ CEO سى ماسك تىۋىتتېردا «جۆيلۈش»كە باشلىدى.
2022-يىلى يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەنلا، تېسلانىڭ CEO سى ماسك تىۋىتتېردا «جۆيلۈش»كە باشلىدى.


بىر كۈن ئىلگىرى ماسك بىر تىۋىتتېر يازمىسىدا 2022-يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئۈمىدسىز كۆز قاراشنى ئېلان قىلدى: «ماكرو ئىقتىسادنى مۆلچەرلەش خىرىسقا ئىگە، مېنىڭ بىۋاسىتە سېزىمىم شۇكى، زور چېكىنىش 2022-يىلى ئەتىياز ياكى ياز پەسلى ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن 2023-يىلىغا بارمايدۇ.»


بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۆلچەر، ئەگەر ماسكنىڭ پەرىزى توغرا بولسا، ئىقتىسادىي كىرىزىس بىر يىل ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. لېكىن ماسك بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىشىدىكى سەۋەب ۋە تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، پەقەت «بىۋاسىتە سېزىم»لا بار.
بۇ سۆز پۈتۈن يەر شارىدىكى بىر قىئات شىركەتلىرى ھەققىدە مۇنازىرە تېۋىتتېرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، يازما يوللىغۇچى بىر قىئات شىركىتىنىڭ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە 5 يىلدىن كېيىن يەنە قانچىلىك قىئات شىركىتىنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىنى سورىغان.
ماسكنىڭ جاۋابى شۇكى: «ئەگەر تارىخ پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنسا، ئۇنداقتا نۇرغۇن ئادەم (شىركەت) كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادىي چېكىنىشنى ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدۇ.»
كىرزىس ھەقىقىي مەۋجۇتمۇ؟
ماسك گەرچە تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈم چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن ماسكنىڭ بۇ پەرىزى تىۋىتتېردا تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان.
بىر تىۋىتتېر ئابونتىنىڭ قارىشىچە، تارىخقا ئوخشاش، ماسك كۆرسەتكەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئامېرىكا پېيىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن باشلىنىدىكەن. «ئامېرىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى 1999-يىلى 12-ئايدىكى ئەھۋالغا ئوخشايدۇ، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى ئىچىدىكى %60 شىركەت بىر يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن ئورۇندا بولۇپ، كۆرسەتكۈچ ئومۇمىي جەھەتتىن تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدا تۇرغان. ھازىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش كۆلىمىنى قىسقارتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارىختا مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆكمە قىلىپ سېتىش باشلىناتتى.»
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ باھاسى يۇقىرى، پاي چېكى بازىرىنىڭ سىرتىدىكى يېڭى مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا پاي چېكى مەبلىغى ئاز ساندىكى باشلامچى شىركەتنىڭ كۆلچىكىگە توپلانغان بولۇپ، باشقا شىركەتلەرنىڭ مۆلچەر قىممىتى تۆۋەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتىدە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشقا يۈزلەنگەن. بۇ، يۆتكىلىشچان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يەنە بىر تىۋىتتېر ئابونتىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، بىر روشەن بەلگە شۇكى، ئۇ كۆزەتكەن پارچە سېتىش دۇكىنىدىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى يېقىنقى ئالتە ئايدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. كېيىنكى باسقۇچتا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ يۈز بېرىش-بەرمەسلىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىقىغا باغلىق ئىكەن.


«ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى ھازىرقى كۆپۈكنى بۇزۇپ تاشلىغانغا باراۋەر، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇنداق قىلماقچى بولسا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكا پاي چېكى ۋە ئۆي-مۈلۈك مەبلەغ سېلىش بازىرىغا نىسبەتەن ئېنىقكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا بولىدۇ-دە، ماسكنىڭ كۆز قارىشى پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؛ ئەكسىچە، ئىقتىسادنىڭ چوڭ دەۋرىيلىكى داۋاملاشسا، كۆپۈكنى داۋاملىق چوڭايتىۋېتىدۇ.»
بۇ تورداش مۇنداق دەپ قارايدۇ: نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي كىرىم تەقسىماتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدىن كەلگەن. 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولدى، ئەكسىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسى تېخىمۇ تېز ئۆستى، نۇرغۇن بايلىق بايلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى، بۇ مەبلەغلەر ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىنماستىن، بەلكى مەۋھۇم ئىقتىساد ۋە تور پەن-تېخنىكا ساھەسىگە كىردى، بۇ ساھەلەر تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئاممىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ، ئومۇمىي بازارنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماسكنىڭ كۆز قارىشىنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلغان تىۋىتتېرنىڭ جاۋابىدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم تىۋىتتېرلار ماسكنى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ بازارنى كونترول قىلدى ياكى «بايلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراش»نى ئېلان قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.
بىراق، مۇزاكىرە يەنىلا مۇزاكىرە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ماسك ئېيتقاندەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرەمدۇ يوق؟ بۇنىڭغا بىزنىڭ يەنە بىر يىل ۋاقتىمىز بار.
لېكىن ماسكنىڭ ئىلگىرىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ئۇ بەلكىم پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. «ئەگەر <ئالەم كېمىسى>نىڭ ئۇچۇش قېتىم سانى كېلەر يىلى ئاز دېگەندە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىمغا يەتمىسە، بىز ھەقىقىي ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز». 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ماسك يەنە تىۋىتتېردا: «SpaceX نىڭ چىقىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، مەبلەغنىڭ ئېقىشچانلىقى ناھايىتى جىددىي بولۇشى مۇمكىن، گەرچە SpaceX نىڭ ۋەيران بولۇشى ئانچە مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنداق بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. SpaceX كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش مەزگىلىدە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.» دېگەن ئىدى.
ھېچ بولمىغاندا ماسكنىڭ SpaceX كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كرىزىس ھەقىقىي مەۋجۇت.
ئۇنىڭدىن باشقا، ماسك قاتارلىق بايلارنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بازاردىكى ھەرىكىتى ماكرو ئىگىلىك ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك بازارنىڭ يۈزلىنىشىدە پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.
بۇلتۇر 11-ئايدىن 12-ئايغىچە، ماسك ئۆز ئىلكىدە بار بولغان %10 تېسلا پاي چېكىنى ساتقان. ماسك گەرچە باج تاپشۇرۇشنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ يەنىلا «قېچىپ» كەتتى.
ۋاقىت سىزىقىنى ئۇزارتساق، بايلارنىڭ پۇل نەقلەشتۈرۈشىنىڭ يەككە ئىش ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. 2021-يىلى 3-پەسىلگىچە، باففېتنىڭ بېركشىر (BERKSHIRE HATHAWAY) شىركىتى ئۇدا 4-پەسىلدە پاي چېكىنى سېتىپ چىقارغان بولۇپ، 2008-يىلى بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئىستاتىستىكا قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن سېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. پاي چېكىنىڭ سېتىلىش سوممىسى سېتىۋېلىش سوممىسىدىن تەخمىنەن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى بولۇپ، نەق پۇل زاپىسى 149 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئۇ ئىلگىرى: «نەق پۇل دۇنيادىكى ئەڭ ناچار مەبلەغ!» دېگەن ئىدى.

ماسك زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟
«ئەمدىلا پاي چېكىنى زور دەرىجىدە كېمەيتكەن، ھازىر يەنە ساراسىمە پەيدا قىلىشقا باشلىدى، ماسك زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟» ماسك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە قارىتا ئالدىن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، بىر كاپىتال بازىرى تەھلىلچىسى ماسكنىڭ بۇ سۆزىگە بولغان گۇمانىنى بىلدۈردى.
ماسكنىڭ نۇرغۇن ئەسەبىي ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى خېلى زور كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بازارغا تەسىر كۆرسەتكۈزگەن، ئەمما مۈجمەل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى دائىم ماسكنى ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزەلمىگەن.
مەسىلەن، شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل بازىرىدا، ماسك ئىلگىرى تېسلانىڭ بىت پۇلىنى تۆلەشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ سۆز بىت پۇلىنىڭ باھاسىنى بىر مەھەل ئۆرلىتىۋەتكەن. لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىت پۇلىنىڭ كان قېزىشى زور مىقداردا ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى «يېشىل بولماسلىق»نى پەيدا قىلغانلىقىنى ھەمدە بىت پۇلىدا تۆلەشنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن بىت پۇلى يەنە زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. پۇل چەمبىرىكىدىكى كاتتىباشلار غايەت زور مىقداردىكى بازار مەبلىغى ياكى ھېسابلاش كۈچىنى ئىشقا سالغاندىلا ئاندىن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ماسكقا نىسبەتەن پەقەت بارمىقىنى مىدىرلىتىشلا كۇپايە.
نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېتەرسىز بولغان بازاردا، بۇ خىل رول بارلىق مۈلۈك ۋە سودا خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ماسكنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى كاپىتال ھەرىكىتىگە ئاساس سالغان-سالمىغانلىقىنى تېخى بىلگىلى بولمايدۇ.
بىردىنبىر ئالدىن كۆرەلەيدىغىنىمىز شۇكى، ماسكنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سۆزى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.
مەنبە: 虎嗅APP سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ماسكنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىسى

2022-01-01

شاخلىتىپ سېتىش؟ ۋېي يادىن كېيىنكى نەچچە 10 مىليارد يۈەنلىك دېلو

2021-12-31

باج تەكشۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن...

2021-12-30

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: تېڭشۈن بىلەن جىڭدۇڭ «ئاجرىشىپ» كەتتى

2021-12-26

كېيىنكى دى دى دەۋرى: دەللال كاپىتالنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى

2021-12-25

لى جىياچى يوقلىما قىلىندى: لى جياچى كىرىزىستىن قانچىلىك يىراقتا؟

2021-12-24

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى تەھلىلى: 2022-يىلىغا نەزەر

2021-12-23

چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىش ھېكايىسى: قورغاستىكى «چوڭ چېكىنىش»

2021-12-22

تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى «كىرىزىس» ۋە «پۇرسەت»

2021-12-21

بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...

2021-12-20

قىمارخانا ۋە شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل سودىسى بازىرىنىڭ پەرقى

2021-12-20

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0