大数跨境

دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆسۈۋاتقان خەلق پۇلى!

دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆسۈۋاتقان خەلق پۇلى! NepKan
2022-01-21
2
导读:ئىقتىسادىي گەۋدىمىز قانچە چوڭ، تاۋارلىرىمىز قانچە مول، ئىناۋىتىمىز قانچە يۇقىرى بولسا، خەلق پۇلىنىڭ
ياپونىيە يېنىدىن ئېشىپ كەتتى!
خەلق پۇلىنىڭ دۇنيا بويىچە چىقىم قىلىنىش رەت تەرتىپى 4-ئورۇنغا كۆتۈرۈلدى!
بۈگۈن «خەلق پۇلى دۇنيا بويىچە چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشتا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن پۇل ئىچىدە ئىزچىل 5-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ،  يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 4-ئورۇندا تۇردى!» دېگەن خەۋەر تارقالدى.
SWIFT نىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خەلق پۇلى سودا پائالىيىتى يېقىندا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى 2-يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان.
ئۇنداقتا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغۇچى كىملەر؟
بىرىنچىسى، ئامېرىكا دوللىرى.
ئىككىنچىسى ياۋرو.
ئۈچىنچىسى، فوند ستېرلىڭ.
ئىلگىرى 4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ياپونىيە يىنى ئىدى، ئەمما بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، خەلق پۇلى ياپونىيە يىنىدىن ئېشىپ، ياپونىيە يىنى 5-ئورۇنغا چۈشۈپ، خەلق پۇلى4-ئورۇنغا ئۆتتى.


10 يىل بۇرۇنقى 2010-يىلى، خەلق پۇلى دۇنيا بويىچە ئاران 35-ئۇرۇندا ئىدى، ھازىر 4-ئورۇنغا ئۆتۈپ، 31 دەرىجە ئالدىغا سۈرۈلدى!
بۇ ھەقىقەتەن بىر ئابىدە خاراكتېرلىك پەيت، ئۇ خەلق پۇلىنىڭ بارغانسېرى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان كۈچلۈك پۇلغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
جۇڭگو پۇلى دەۋرى رەسمىي دۇنياغا كەلدى! بىر يېڭى دەرۋازا جۇڭگوغا ئېچىۋېتىلدى!

بەزىلەر «ھازىر خەلق پۇلىنىڭ يەر شارىدا چىقىم قىلىنىش نىسبىتى نېمە ئۈچۈن شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق پۇلىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ تاۋىرى، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە جۇڭگونىڭ ئىناۋىتى!
ئىقتىسادىي گەۋدىمىز قانچە چوڭ، تاۋارلىرىمىز قانچە مول، ئىناۋىتىمىز قانچە يۇقىرى بولسا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى شۇنچە مۇقىم بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەر خەلق پۇلىنى خەلقئارا پۇل دەپ قاراپ، تېخىمۇ كۆپ زاپاس ساقلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
بۇ ئىككى يىلدا يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ يۈز بەردى، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگو ئىقتىسادىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش دۆلىتىگە ئايلىنىپ، زور مىقداردىكى مەبلەغ جۇڭگوغا كىردى. ھىندىستان، ۋيېتناملارغا قارىسىڭىزلا مەبلەغنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا قاچىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
كاپىتالىستلار ئەخمەق ئەمەس، ئۇلار پايدىنى قوغلىشىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتى ياخشى، خەلق پۇلى مۈلكى يەر شارى كاپىتالىنىڭ «پاناھلىنىش پورتى» بولۇپ قالدى، ئۇلار ئەلۋەتتە خەلق پۇلىنى ئىلكىدە تۇتۇش ۋە ئىشلىتىشنى تېخىمۇ خالايدۇ.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، جۇڭگو ئېكسپورتى زور دەرىجىدە ئاشتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ رىقابەت كۈچىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. جۇڭگونىڭ قولىدا شۇنچە كۆپ تاۋار بار، ئۇنداقتا، خەلق پۇلىنى ئېلىپ جۇڭگوغا كېلىپ تاۋار سېتىۋالماقچى بولسا ھەرقانداق تاۋارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرىدۇ؟ بىۋاستە خەلق پۇلى بىلەن جۇڭگو بىلەن سودا قىلسا، تېخىمۇ قولاي بولمامدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز بۇ بىر قانچە يىلدا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئاكتىپ يولغا قويدۇق، ھازىر بۇ تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو 30 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، جەمئىي ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 3 تىرىليون 530 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى (تەخمىنەن 530 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)دىن ئېشىپ كەتتى.


پۇل ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ئامېرىكا دوللىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، ئامېرىكا دوللىرىنى ۋاسىتە قىلماي، بىۋاسىتە ئۆز پۇلى سودا قىلىش ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىككى يىلدا ئامېرىكا ياشاش ئۈچۈن دوللارنى كۆپلەپ باستى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق چۈشۈپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىناۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇنداق بولغاندا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىناۋىتى تۆۋەنلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق پۇلىنىڭ ئىناۋىتى ئاشىدۇ.
بىرى كۈچىيىپ، بىرى ئاجىزلاش نەتىجىسىدە دوللارنىڭ زومىگەرلىكىدە ئاستىرتىن تەۋرىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا پۇلغا ئايلىنىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى.

بەزىلەر بەلكىم «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.
خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ مۇھىم تەسىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم تەسىرىنى بىلىش كېرەك. جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، لېكىن باي ئەمەس؟
ئەلۋەتتە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقىمۇ بىر مۇھىم ئامىل. پۇل مۇئامىلىنىڭ رولى زادى قانچىلىك؟ ئەنگلىيەدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئەمەلىي ئىقتىساد بولغان ياسىمىچىلىق كەسپى يىلدىن-يىلغا كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ، لېكىن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
لوندون كونا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ GDP سى ئىزچىل ئېشىۋاتىدۇ.
مانا بۇ ئەنگلىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە پىسەنت قىلماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قەتئىيلىك بىلەن ئايرىلىشتىكى غەيرىتى!
پۇل مۇئامىلە شۇنداق ياخشى ئۈنۈم بەرگەن ئىكەن، جۇڭگو نېمە ئۈچۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولالمايدۇ؟ بۇنىڭ بىر چوڭ سەۋەبى شۇكى، خەلق پۇلى دۇنيادا ئەزەلدىن كۈچلۈك پۇل ئەمەس، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ زاپاس پۇلىغا كىرگۈزۈلۈشنى خالىمايدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە، خەلق پۇلىنىڭ SDR غا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلق پۇلى كىرېدىتى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرى خەلق پۇلىغا مەبلەغ سېلىش نىسبىتىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈشنى خالاۋاتىدۇ، خەلق پۇلىنىڭ دۇنيادىكى ئوبوروت دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا سودىدا خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ سودىدا تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش زىيىنىنى ئازايتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ.
بىزدەك ئادەتتىكى ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى ناھايىتى قالتىس ئىشتۇر.
يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش قولايلاشتى، خەلق پۇلى بىلەن چەتئەل پۇلىنى ئايرىۋاشلاش تېخىمۇ قولايلاشتى، خەلق پۇلىنى ئېلىۋېلىپلا چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش مەيلى چەت ئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىش بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى، روزىغار، فوند ۋە زايومىغا مەبلەغ سېلىش بولسۇن، تېخىمۇ راۋانلاشتى. تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، خەلق پۇلىنىڭ يەر شارىلىشىشى، مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ئىمكانىيەت ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەتتە، بىر دۆلەتنى مەغلۇپ قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى نېمە؟
جاۋابى بىرىنچى: پۇل مۇئامىلە. پۇل مۇئامىلە، بۇ بەلكىم 21-ئەسىردىكى ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىن، ئىس-تۈتەكمۇ يوق، لېكىن تېخىمۇ دەھشەتلىك، تېخىمۇ قانلىقتۇر! ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا دوللىرى يەر شارى بويىچە ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل بولغاچقا، ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدى.
ئامېرىكىدەك جاھانگىرلار قوزغىغان پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى ئالدىدا، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ياخشى بولمىسا، نەتىجىدە بۇ بىر مەيدان تىراگېدىيە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ھازىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پىچىقىنى بىلەۋاتىدۇ، بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش ۋە جەدۋەل قىسقارتىش باشلانسا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئامېرىكا-جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىكى تىركىشىشى» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ.) 
ۋاقتى كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيادا چوڭ ئېھتىماللىقتا نۇرغۇن دۆلەتلەردە پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىدۇ. بوران-چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولسا، ئەقىل-ئىدراك، سەگەكلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى شۇنچە ساقلاش كېرەك!
دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىستراتېگىيەسى جەھەتتە ئىزچىل ناھايىتى سالماق، شۇنداقلا ئىنتايىن ئاقىلانە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىشاڭنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئۆسۈشىنى قەتئىي چەكلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق. بۈگۈن، خەلق پۇلى ياپونىيە يېنىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە چىقىم قىلىش رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇنغا چىقىپ، كۈنسېرى كۈچلۈك پۇلغا ئايلاندى، بۇ ھەم بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، ھەم بىزگە تېخىمۇ زور خىرىسنى پەيدا قىلدى!
ئىشىنىمىزكى، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان دۆلەت كۈچى، قولىمىزدا جۇغلانغان زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى چەكلەش ئىقتىدارى بولغاچقا، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇقىم بولىدۇ.
بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردا، شامالدىن قورقۇش نەھاجەت!
غەيرەت قىل، ئۇلۇغ ۋەتىنىم جۇڭگو!
مەنبە: مۇھىم مالىيە-ئىقتىساد خەۋەرلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0