大数跨境

ئالاھىدە خەۋەر: ئۈندىدار «ئېچىۋېتىلىدىغان» بولدى

ئالاھىدە خەۋەر: ئۈندىدار «ئېچىۋېتىلىدىغان» بولدى NepKan
2021-12-01
2
导读:ئابونىچىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقىنى ئابونتلارغا تاپشۇرۇش؛
تۈنۈگۈن كەچ (11-ئاينىڭ 29-كۈنى) ، تېڭشۈن «"ئۈندىدارنىڭ سىرتقى ئۇلىنىش مەزمۇنىنى باشقۇرۇش قائىدىسى" توغرىسىدىكى يېڭىلاش ئىزاھاتى»نى ئېلان قىلدى. 


ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «بىخەتەرلىكنى تۆۋەن چەك قىلىپ، باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ» يولغا قويۇلغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈندىدار بۈگۈندىن باشلاپ سىرتقى ئۇلانمىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يېڭىلايدۇ، يېڭىلاش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 
1. نۇقتىلار ئارا پاراڭلىشىش (يەنى دوستلار بىلەن ئايرىمخانىدا پاراڭلىشىش دېمەكچى.) مۇھىتىدا سىرتقى ئۇلىنىشنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ؛ 
2. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا، ئابۇنىچىلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئامما پاراڭلىشىش مۇھىتىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرىدىكى سىرتقى ئۇلانما بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش ئىقتىدارىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ؛ 
3. كېيىنكى پىلان ئۆز ئالدىغا تاللاش ئەندىزىسىنى ئېچىپ، ئابونتلارنى سىرتقى ئۇلانمىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

1、在点对点聊天场景中将可直接访问外部链接; 

2、在监管部门指导下,为贯彻安全底线原则,同时兼顾用户使用体验,将在群聊场景下试行开放电商类外部链接直接访问功能;

3、后续计划开发自主选择模式,为用户提供外链管理功能。

公众号:南方都市报重磅!微信,将放开
تېڭشۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى چوڭ ئالاقە تورى سۇپىلىرى بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ئالاقە تورى سۇپىلىرىغا پائال ماسلىشىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا سۇپىلاردا ئۈندىدار مۇلازىمىتىنى راۋان ئىشلىتىش تېخنىكا مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئابۇنىچىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈنۈگۈن بىر تورداش پاراڭلىشىش رامكىسىدا تاۋباۋ تورىنىڭ ئۇلانمىسىنى بەھىرلىنىشنى سىنىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېچىلمىغان. ئۈندىدار ئىنكاس يېزىش رايونىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئىقتىدارنىڭ قاپلىنىشىغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، بۈگۈن (ئىزاھات: 29-چېسلا ۋە 30-چېسلانى كۆرسىتىدۇ) ئىككى كۈن تولۇق قاپلىنىدۇ.» دەپ بىلدۈرگەن. 


29-چېسلا كەچتە، نەندۇ (جەنۇبىي جۇڭگو شەھەر گېزىتى) مۇخبىرى ئەمەلىي سىناپ شۇنى بايقىدىكى، ئۈندىدار ئايرىمخانىدا پاراڭلىشىش مۇھىتىدا تاۋباۋ تاۋار بېتىنى بىۋاسىتە ئاچقىلى بولىدىغان بولۇپ، توپ پاراڭلىشىش مۇھىتىدا تور ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تور كۆرگۈچ ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. 


بۇنىڭدىن باشقا، نەندۇ مۇخبىرى ئايرىمخانىدا پاراڭلىشىش مۇھىتىدا دوستلىرىغا دوۋيىن قىسقا سىن ئۇلانمىسى يوللىسا، يەنىلا بىر دۆۋە قالايمىقان كود بارلىقىنى بايقىغان. ھازىرقى باسقۇچتا، ئۈندىدار توپ پاراڭلىشىش مۇھىتىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرىدىكى سىرتقى ئۇلىنىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، كۆڭۈل ئېچىش قىسقا سىن تۈرلىرىنى تىلغا ئالمىغان. 

ئەمەلىيەتتە، ئۈندىدار سىرتقى ئۇلانما «توسۇقنى بوشىتىش»تا ئىككى ئاي بۇرۇن ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. بۇ يىل 9-ئايدا، ئۈندىدار ئېلان قىلغان «ئۈندىدارنىڭ سىرتقى ئۇلىنىش مەزمۇنىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» توغرىسىدىكى تەڭشەش باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سىرتقى ئۇلىنىشنى باشقۇرۇشقا قارىتا مەخسۇس يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈندىداردا سىرتقى ئۇلىنىشنى باشقۇرۇش تەدبىرى باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئۈندىدارنىڭ مۇھاپىزەت قورغىنىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

بۇنىڭ ئىچىدە ئۈندىدار سىرتقى ئۇلىنىشنى ئېچىۋېتىشتە تۆت چوڭ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ: 
1. دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 
2. ئابونىچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە زىيادە ئېرىشىش، تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 
3. زىيادە تەشۋىقات، قىزىقتۇرۇش خاراكتېرلىق ھەمبەھرلەش قاتارلىق ئابونىچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 
4. ئابونىچىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقىنى ئابونتلارغا تاپشۇرۇش؛

ئۈندىدار بىرىنچى باسقۇچتىكى تەڭشەش مەزمۇنىدا تىلغا ئېلىنغان، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئابۇنىچىلار ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئۈندىدارنىڭ نەشرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، بىرگە بىر پاراڭلىشىش مۇھىتىدا سىرتقى ئۇلىنىشنى زىيارەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىرتقى ئۇلىنىشنى ئەرز كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلغان، ئابۇنىچىلار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشنى پاش قىلسا بولىدۇ. سۇپا مۇناسىپ قائىدە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە سىرتقى ئۇلىنىشنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى بويىچە ئىناۋەت دەرىجىسى تەسىس قىلىنىدۇ. 
مەنبە: 南方都市报 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296