大数跨境

چوڭ شەھەردە خۇشاللىق يوق

چوڭ شەھەردە خۇشاللىق يوق NepKan
2021-12-02
0
导读:زېھنىي كۈچ باشتىن-ئاخىر چەكلىك بولىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا بەزىلەر تېيىز قۇدۇق قازسا، بەزىلەر چوڭقۇر بۇلا
ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ، ئەگەر كۆڭلىدە ئاچ كۆز بولۇپ، باشقىلاردا بولغاننى، ئۆزىدىمۇ بولۇشنى بەك قوغلىشىپ كەتكەندە، نەتىجىدە ئۆزىدە ھېچنېمە بولمايدۇ. 
بەزى كىچىك يولداشلار باشقىلارنىڭ تىزىملانغان مەسئۇل بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ بېرىپ ئىمتىھان بېرىشنى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىپ، ئۆزى بۇ نەرسىنى ئۆگىنىدۇ. 
تىزىملانغان مەسئۇل بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىغا ئىمتىھان بېرىشتە بىرلا پەندىن ئىمتىھان بەرمەيدۇ، ئىمتىھان بېرىدىغان پەنلەر كۆپ، ھەربىر پەننىڭ مەزمۇنىمۇ ئاز ئەمەس، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا كىچىك يولداشلار تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. 
بۇ كىچىك يولداش ئۆگىنە-ئۆگىنە يامان ئەمەس ئۆگەنگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىمتىھان بەرگەندىن كېيىن، ئىككى پەندىن ئۆتۈپ كەتتى. كىچىك يولداش بەك خۇشال بولدى. ئۆزىنىڭ ئازراق سەۋىيەسى بارلىقىنى ھېس قىلدى. 
كېيىن كىچىك يولداش ئەتراپىدا يەنە بىرەيلەننىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىمتىھان بەرگەنلىكىنى بايقىدى، گەرچە بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بارلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا يوقتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇ يەنە بىر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى. 
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىمتىھان بېرىشتىمۇ بىرلا پەندىن ئىمتىھان بەرمەيدۇ، نۇرغۇن پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك يولداش يەنە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئىمتىھانى بېرىش ئۈچۈن، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. 
ئۆگىنىش جەريانىدا، خېلى بىر نەرسىنى بىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ، ئىككى پەندىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىختىساس ئىگىسى دەپ ئويلاپ قالدى.
كېيىن، كىچىك يولداش دوستىنىڭ قوشۇمچە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئىككىنچى كەسىپنىڭ بارلىقىنى، تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. كىچىك يولداش ئۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ قىلغۇسى كېلىدۇ. 
لېكىن ئىككىنچى كەسىپنى نەدىمۇ ئۇنداق ياخشى قىلغىلى بولسۇن، كىچىك يولداش كۆڭۈل قويۇپ، دوۋيىندىن سىن كۆرۈنۈشىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، دوۋيىندا بەلگىلىك ئېتېبارغا ئېرىشتى، بىر نەچچە مەيدان PK مۇسابىقىسى ئويناپ، ئازراق تاماق پۇلى تاپتى. 
كىچىك يولداش تېخىمۇ خۇشال بولۇپ، ئۆزىنى بايلىق ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندەك ھېس قىلدى. 
لېكىن، ئىدارىدىكى باھالاشقا يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىچىك يولداش دەرھال پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلاپ، ئىدارىدىكى باھالاشقا تاقابىل تۇردى. ئاران تەستە يېرىم يىللىق تەكشۈرۈشنى ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزگەن بولدى.
دەل مۇشۇ چاغدا، كىچىك يولداش تىزىملانغان مەسئۇل بوغالتىرلىق ئىمتىھانىنىڭ يەنە كەلگەنلىكىنى بايقىدى، بۇ قېتىم ھېچنېمە ئۆگەنمىگەندەك ھېس قىلاتتى. كىچىك يولداش ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئۆگەندى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. 
كىچىك يولداش سەل ئۈمىدسىزلىنىپ، چوڭ ئىش قىلماقچى بولۇپ، كېلەر قېتىم چوقۇم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتمەكچى بولدى، ئويلىمىغان يەردىن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئىمتىھانى يەنە ئېلىندى، تاقابىل تۇرۇپ، ئىمتىھان مەيدانىغا بارغاندىن كېيىن، تەييارلىق پۈتمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى بايقىدى. 
ئىككى مەيدان ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېشى قېتىپ كەتتى، ئۇنىڭ قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى توختاپ قالدى، نەتىجىدە يەنە قايتىپ كېلىپ دوۋيىنغا قايتا كۈچىمەكچى بولدى، بۇ قېتىم ئەھۋال بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، بىر نەچچە ۋىدىئو چىقارسا، ھېچكىم كۆرمىدى، بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قىلىپ باقتى، تېخىمۇ ئادەم يوق.
كىچىك يولداش ئۈمىدسىزلىنىپ، كەينىگە قايتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالغان دوستىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بەرگەنلىكىنى، تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشكەنلىكىنى، بوغالتىرلىققا ئىمتىھان بەرگەن دوستىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، مائاش قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۆلۈمنىڭ ئىككىنچى قول ياردەمچىسىگە ئايلانغانلىقىنى بايقىدى.
بىۋاستە كۆرسىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. 
تېخى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا، يەنە ئىدارىنىڭ تەكشۈرۈشى يېقىنلاپ قالدى، نەتىجىدە ھەر كۈنى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، نەتىجىسى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، كىچىك يولداش بەختكە قارشى ئىشتىن بوشىتىلىپ، ئىشسىزلىق پۇلى ئالدى. 
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىچىك يولداش ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك ھېس قىلدى، چوڭ شەھەر (مەسىلەن، بېيجىڭ)نىڭ بىر ئايلىق ئۆي ئىجارىسى 3000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دەرھال يەنە ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرۇش پەسلىگە يېتىپ كەلدى. يۇرتقا قايتاي دېسە، يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىدى، يۇرتىدىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت يوق. 
تۈن نىسپى بولۇپ، كىچىك يولداش سوغۇق شامالدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇ چوڭ شەھەرنىڭ شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، ئۆزىنى سىغدۇرغۇدەك جاي قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 
ئۇلار شۇنى بىلمەيدۇكى، زېھنىي كۈچ باشتىن-ئاخىر چەكلىك بولىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا بەزىلەر تېيىز قۇدۇق قازسا، بەزىلەر چوڭقۇر بۇلاق كولايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇنىڭ قانداقمۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولسۇن؟ 
نېمىنى كۆرسە كۆزى قىزارسا، نەتىجىدە ھېچنېمىسى قالمايدۇ، خۇددى ئەمەلدار بولغانلار، باي بولۇشنى ئويلىماسلىقى كېرەك. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان ئادەم شېرىنكانە ئالىمەن دەپ ئويلىسا، چاتاق چىقىدۇ. 
ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىشتا، زېھنىنى شۇنىڭغا قارىتىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك.
 مەنبە: ھەقىقەتچىلىك سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296