搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش
>
ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش
NepKan
2022-01-22
0
导读:كۆپچىلىك شۇنى بىلىشى كېرەككى، مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتسە، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش مۆلچەرى
ئالدىنقى كۈنى
«ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈمى ئۆستۈرۈلمەكچى بولغاندا، مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىلىدۇ؟ (بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ!)»
دېگەن يازمىدا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر مۇنداق دەپ ئىنكاس قالدۇردى: مەركىزى بانكا سۇنى قويۇۋەتسە، ئۆي باھاسى يەنە ئۆرلەيدىغان بولدى.
بۇ خىل بىلىش ئىنتايىن يۈزەكى، ئىلگىرىكى قاراش بولۇپ، ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا، ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆرلەپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي باھاسىغا، «سۇ قويۇپ بېرىش»كە ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ھەتتا «ئۆز سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈيدىغان» دەرىجىگە يەتتى.
كىشىلەر پەقەت «پۇل كەڭرىلىكى» شەپىسىنى كۆرسىلا، ئىختىيارسىز ھالدا ئۆي باھاسىنىڭ گۈزەل دەۋرى يەنە قايتىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ قېتىم ئۆي باھاسىنىڭ نېمىشقا ئۆسمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق؟
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، «ياخشىلىرى تاللىنىش، ناچارلىرى شاللىنىش، خەۋپ-خەتەرنى تۇراقلاشتۇرۇش» دىن ئىبارەت.
دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ باللاست تېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىجارەت جەھەتتە، خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا قارىغاندا كۆپ پۇختا ۋە ئىشەنچلىك. ئۈچ قىزىل سىزىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مالىيە بېسىمىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك.
لېكىن خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بەزى خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى كەڭ كۆلەمدە قەرز ئېلىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىپ، مالىيە تەننەرخى يۇقىرى، پىشاڭلىق نىسبىتى يۇقىرى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىدىن خېڭدا گۇرۇھى، خۇاشيا بەختى، شىنلى پاي كونترول گۇرۇھى، نۇرلان شەھىرى ۋە رۇڭچۇاڭ گۇرۇھى قاتارلىقلار بار.
يۇقىرى قەرز، يۇقىرى پىشاڭ ئەندىزىسى ئاستىدا، خېڭدا گۇرۇھى ئەڭ تېز كېڭەيدى، شۇنداقلا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، قەرز مىنا ۋەقەسىمۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولدى. خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى قىسقا مۇددەتلىك كېڭىيىشنى زىيادە قوغلىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئۆي-مۈلۈك تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى مىنا ۋەقەسىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بولۇپ قالدى. ئەكسىچە، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە بالانىست تاش رولىنى ئويناپ، ئۆزىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى قاتتىق كونترول قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسەت، شامال يۆنىلىشى جەھەتتە، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى تېخىمۇ بالدۇر سىگنالنى سەزدى. ئەڭ روشەن مىسال شۇكى، 2018-يىلىدىكى كۈزلۈك قەرەللىك يىغىندا، ۋەن كې «جاننى ساقلاپ قېلىش» شوئارىنى توۋلىدى. لېكىن، ئەينى چاغدىكى خېڭدا، رۇڭچۇاڭ قاتارلىق يەر مۈلۈك گۇرۇھلىرىنىڭ ھەممىسى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمەكتە ئىدى، ئۇلار قەھرىتان قىشنىڭ بېشارىتىنى قىلچە ھېس قىلمىغان ئىدى. ئالدىن سىگنال بەرگەن ۋەنكې ئەكسىچە شۇ يىلى جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى غەيرى تىپقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
بۇ ئىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ۋەنكې تەرەققىي قىلغان ئەڭ پۇختا باشلامچى ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى بولۇپ قالدى. بىراق خېڭدا، خۇاشيا بەختى، شىنلى پاي چېكىنى كونترول قىلىش، جياجاۋ ئوقەتچىلىكى قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالىيەدە كىرىزىس ۋەقەسىگە ئۇچراپ، نەق پۇل ئېقىمى كىرىزىسىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. 2022-يىلىنىڭ بېشىدا، يەنە بىر باشلامچى ئۆي-مۈلۈك كارخانىسىنىڭ مالىيەسىدە مىنا ۋەقەسى يۈز بەردى، ئۇ دەل جۇڭگو ئاۋيۈەن ئىدى.
جۇڭگو ئاۋيۈەندىكى مىنا ھادىسىسى خېڭدادىنمۇ كەسكىن بولۇپ، ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان. خېڭدا چاقماق سوقۇشتىن بۇرۇن، شۈ خوجايىن يەنە تۈر، پاي ھوقۇقى، ئايروپىلان، داچا قاتارلىقلارنى سېتىپ جان تالاشتى. ھازىرغىچە خېڭدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچمىدى. لېكىن ئاۋيۈەن بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىۋاسىتە: قەرەلى توشقان ئامېرىكا دوللىرى قەرزى بىلەن قەرەلى توشمىغان ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇلمايمىز، دەپ جاكارلىدى.
ئاۋيۈەن ئۇششۇقلۇق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى زايومى كىرىزىسى ئالدىدا ئاۋيۈەننىڭ ئالتە مىليارد يۈەنلىك مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتىمۇ توختامغا خىلاپلىق قىلغان، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئېغىر زىيان تارتقان.
2022-يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئاۋيۈەندىن ئىبارەت بۇ چاقماقنىڭ پەيدا بولۇشى، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ تېخى تولۇق قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ قەرزىنىڭ يەنىلا بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.
نۇرغۇن خۇسۇسىي ئۆي كارخانىلىرى ئىچىدە رۇڭچۇاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، يېقىندا يەنە 4 مىليارد 250 مىليون يۈەن قەرزىنى قايتۇردى. بۇ چاغدا يەنە پۇل چىقىرىپ قەرز قايتۇرالايدىغان ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى، قەرز كىرزىسى گىرۋىكىدە بەرداشلىق بېرىۋاتقان ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى شاڭخەي بىلەن خاڭجۇدىكى ئۈچ تۈرىنى سېتىش بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يەردە، كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، يەنە كىم بۇ كىرىزىسقا پېتىپ قالغان شىركەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋالالايدۇ؟
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رۇڭچۇاڭنىڭ شاڭخەيدىكى تۈرىنى ئۆتكۈزۈۋالغىنى دۆلەت مۈلكى يىراق ئوكيان گۇرۇھى قارىمىقىدىكى يىراق ئوكيان كاپىتالى ئىكەن، خاڭجۇدىكى تۈرىنى ئۆتكۈزۈۋالغىنى بولسا جېجياڭنىڭ يەرلىك دۆلەت كارخانىسى بىنجياڭ گۇرۇھى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، رۇڭچۇاڭ ۋۇخەندىكى ئىككى تۈرىنى ۋۇخەن شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە شۇچۇاڭ گۇرۇھىغا سېتىپ بەرگەن، رۇڭچۇاڭ مەدەنىيەت ساياھەت شەھەرچىسى كۈنمىڭ تۈرىنىڭ 2-قارارلىق %40 پاي ھوقۇقىنى جۇخەي خۇافا گۇرۇھىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار رۇڭچۇاڭلا ئەمەس، خېڭدا پۇتبول تەنتەربىيە سارىيىنى گۇاڭجۇ شەھەر مەبلەغ سېلىش شىركىتىگە، خېڭدا شياڭگاڭ باش شىتابى بىناسىنى يۆشيۇ گۇرۇھىغا سېتىپ بەردى، نۇرلان شەھىرى شاۋشىڭ گۇاڭيى تۈرىنىڭ %51 پاي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولۇپ، شيامىن شياڭيۈ ئۆتكۈزۋالغان، نۇرلان شەھىرى شىنيۈنىڭ ئەسلىدىكى %100 پاي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولۇپ، جۇڭرۇڭ ھاۋالىسى ئۆتكۈزۈۋالغان.
بۇ تۈرلەر ياكى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، يەنى خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىشى، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىۋېلىشى.
خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى بېسىمغا ئۇچراپ، تۈرلەرنى داۋاملىق ئېچىشقا قۇربى يەتمەي، يوشۇرۇن زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئۆزىنىڭ مۇقىم، ساغلام نەق پۇل ئېقىمىغا تايىنىپ، تۈرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەۋپ-خەتەرنى ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلالايدۇ ۋە سۇيۇلدۇرالايدۇ.
ئۇنداقتا، دۆلەت مۈلكىگە تەۋە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ پۇلى نەدىن كەلگەن؟ بۇ دەل مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
كارخانا زايوم بازىرىدىن قارىغاندا، زايوم تارقىتىش تەستىقىغا ئېرىشكەن ئۆي كارخانىلىرى ئاز ئەمەس، خۇسۇسىي ئۆي كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئۆي كارخانىلىرى بار، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلەت مۈلكى ئۆي كارخانىلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن دۆلەت مۈلكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئاساس قىلىنىدۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، دۆلەت مۈلكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى تېخىمۇ كۆپ، مالىيەسى تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام، ئىناۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئويلاپ باقايلى، خېڭداغا ئوخشاش قەرزى كۆپ ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى داۋاملىق چوڭ كۆلەمدە قەرز تارقىتالامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ قەرز كۆلىمىنى كېڭەيتكەنلىك بولمامدۇ؟
بۇ قەرزنى تۆۋەنلىتىش، پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش فاڭجېنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
شۇڭا، كىمنىڭ مالىيە ئىشلىرى تېخىمۇ پۇختا، كىمنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولسا، شۇ ئاسانلا قەرز پۇل تارقىتىش تەستىقىغا شۇنچە ئاسان ئېرىشەلەيدۇ. خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئىچىدە، مۇۋەپپەقىيەتلىك قەرز تارقىتىش تەستىقىغا ئېرىشكەن ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىدىن بىگۈييۈەن، لۇڭخۇ يەر-مۈلكى، شىڭخې گۇرۇھى، رۇڭشېڭ پاي كونتروللۇقى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ھېساباتىدىكى نەق پۇل ئېقىمى تېخىمۇ يېتەرلىك بولغان.
دۆلەت مۈلكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ زايوم تارقىتىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن شيامېن شياڭيۈ، مۇھاجىرلار شەھەرچىسى، شېنيې گۇرۇھى، باۋلى ئۆي ئوقەتچىلىك گۇرۇھى ۋە گۇاڭجۇ، تيەنجىن، فۇجۇ قاتارلىق يەرلىك شەھەر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بار.
يەرلىك شەھەر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ قەرز تارقىتىش ئېھتىياجى زور. چۈنكى جايلار ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ قەرز خېيىم-خەتىرىنى تەۋەلىك ئىچىدە ھەل قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، خېڭدانىڭ گۇاڭجۇ تۈرىنى ئاساسلىقى گۇاڭجۇنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش، رۇڭچۇاڭنىڭ خاڭجۇدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىنى خاڭجۇنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش، شاڭخەيدىكى تۈرىنى شاڭخەي ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، خەۋپ-خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
بۇ خىل خەۋپ-خەتەرنى پارچىلاش، قايتا ھەزىم قىلىش ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ. چۈنكى مەيلى خېڭدا بولسۇن ياكى خۇاشىيا بەختى، جۇڭگو ئاۋيۈەن قاتارلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ كەمچىللىكى بەك چوڭ. ئەگەر ھەر قانداق بىر ئۆي مۈلۈك كارخانىسى پۈتۈن گەۋدە بويىچە قوشۇۋالسا، مالىيە ئەھۋالى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەر ئىككى كارخانا تۈگەشكەن بولىدۇ.
مەسىلەن، خېڭدانىڭ 2 تىرىليون قەرزىنى كىم كۆتۈرەلەيدۇ؟ پەقەت پارچىلاپ، يەنە ھەزىم قىلغاندىلا، ئاندىن خەۋپ-خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە سۇيۇلدۇرغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق پۇل ئوبوروتىغا بېسىم بولغان خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا قارىتا ھەر قايسى چوڭ بانكىلارمۇ ئۇلارنىڭ قەرز قەرەلىنى ئۇزارتتى، يەنى قەرزنى قايتۇرۇشنى كېچىكتۈردى. بۇ مۇددەت ئىچىدە، قەرز تارقىتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى نەق پۇل ئوبوروتى يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، پۇلى كەمچىل بولغان ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ساتقىلى بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېلەر قېتىملىق قەرزنىڭ قەرەلى توشقاندا، ھېچ بولمىغاندا مەبلەغ قەرز ئازگىلىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مالىيە ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان بىگۈييۈەن 10 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، فۇلى خوجىلىق شىركىتىنى قوشۇۋالغان، خېشېڭ چۇاڭجەن 20 مىليارد يۈەن بىلەن خېڭدا خوجىلىقىنىڭ بىر قىسىم پاي ھوقۇقىنى قوشۇۋالماقچى بولغان، لۇڭخۇ خوجىلىق شىركىتى جيۇلوڭساڭ بايرىقى ئاستىدىكى خوجىلىق مۈلكىنى قوشۇۋالغان.
ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: «كىمنىڭ پۇلى بولسا، شۇ نوچى!» دېگەن سۆز بار.
شۇنداق قىلىپ، بانكا كىرېدىتىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى كۆرۈلمەيدۇ. ئاشۇ قارىغۇلارچە كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا، كۆپ پۇل تاپقان خۇسۇسىي خوجايىنلارنىڭ يېگىنىنى قۇستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ پۇلنى ئۇلار تاپقان ئەمەس، ھەممىسىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالغان.
نېمە ئۈچۈن بىز دائىم دۆلەت مۈلكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، دەيمىز؟ بۇ چاغدا، بىز پۇقرالار ئۈچۈن ھەقىقىي تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغىنى ئىچىدە پەقەت دۆلەت مۈلكىنىڭلا ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
شۈ خوجايىننىڭ قاچقۇسى يوق ئەمەس، بىر شەكىلسىز قول ئۇنى قاچقىلى قويمايدۇ.
كۆپچىلىك شۇنى بىلىشى كېرەككى، مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتسە، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش مۆلچەرى پەيدا بولمايدۇ. پۇلنى كەڭ قويۇۋېتىش ھەرگىزمۇ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش ئەمەس، ھەتتا يەرلىك خوجايىنلارنىڭ زەپەر مارشىنى قايتا ياڭرىتىشىمۇ ئەمەس، بەلكى خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەپ، كىرېدىتنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى چوقۇم يەنىلا بېلىنى چىڭ باغلاپ، ئاددىي-ساددا كۈن ئۆتكۈزۈشى كېرەك، تاڭ سەھەر يېتىپ كەلدى، ئەمما قاراڭغۇلۇق تېخى تارقالمىدى.
ئەمەلىيەتتە، ياسىمىچىلىق كەسپى بىر مەيدان يوشۇرۇن ئوبوروتتا ئىشلىتىلىدىغان كاپىتالنىڭ سېتىۋېلىش دولقۇنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەبلەغ ياسىمىچىلىققا كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرىپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بۇرغىسىنى ھەقىقىي تۈردە ياڭراتماقتا.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296