大数跨境

بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەقدىرى

بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەقدىرى NepKan
2022-01-05
2
导读:شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خېڭدانىڭ بۇ قېتىم چېقىلىدىغان 39 بىناسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ھالدا سېلىپ پۈ
2022-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئاخىرى ئەڭ قىيىن بولغان 2021-يىلىنى ئۆتكۈزدى.
لېكىن، 2022-يىلى، جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ياخشى بولالامدۇ؟
يېڭى يىل ئۆتۈشىگىلا، خېڭدا يېڭى يىلدا تۇنجى قېتىملىق مىنانى كۈتۈۋالدى. خېڭدا قۇرغان خەيخۇا ئارىلى 2-نومۇرلۇق ئارالنىڭ 2-14-1 يەر بۆلىكىدىكى 39 بىنا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلدى، ۋاقتى 10 كۈن. خەينەن دەنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قىلچە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان ئىدى. بۇ 39 بىنانىڭ قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خېڭدانىڭ سالغان مەبلىغى 81 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. (بۇ يەرنى چېكىپ «خېڭدانىڭ 39 بىناسى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلدى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
(بۇ يەرنى چېكىپ «شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


كرىزىس ئىچىدىكى خىڭداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئېنىقكى، يەر يۈزىدىكى چاقماق بولۇپ، نەچچە يۈز مىليارد مال-مۈلۈك ۋەيران بولىدۇ. ئون كۈن ئىچىدە 39 بىنانى چېقىشتا مەركەزلەشتۈرۈپ گۇمران قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. دېمەك، بىر ئاۋاز بىلەنلا خېڭدانىڭ 100 مىليارد يۈەنلىك ئۆي-مۈلۈكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىب بولىدۇ دېگەن گەپ.
نۇرغۇن تورداشلار «خېڭداغا ئۇۋال بولدى، شۇنداق ياخشى بىنادا، شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپمۇ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇۋەتسىمۇ ياخشى بولىدىغۇ، گۇمران قىلىۋەتسە ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.» دېيىشمەكتە.
ئەمما، بۇ جەھەتتە كەمىنە دەنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى قوللايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، پەقەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مال-مۈلكىنى خانىۋەيران قىلغاندىلا، ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئاندىن قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


بۇ چاغدا بەزىلەر سورىشى مۇمكىن «كىم خېڭدانىڭ ئىش باشلىشىغا رۇخسەت قىلغان؟» دەسلەپتە خەيخۇا ئارىلى تۈرى دەنجۇغا غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەن، مەيلى يەر سېتىلسۇن ياكى مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى بولسۇن، ھەممىسى شۇ جايغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن. دەنجۇ يەرلىك ھۆكۈمىتى خېڭدانىڭ خەيخۇا ئارىلىنى ئېچىشىغا ئاساسەن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن.
لېكىن 2017-يىلى، مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خەيخۇا ئارىلىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خېڭدانىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق قىلىپ: «ھەمياننى تومپايتىپ، ئېكولوگىيەنى ۋەيران قىلغان.» دەپ بېكىتتى


مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى دەرھال «ئىككىنى ۋاقتىنچە توختىتىش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خېڭدادىن قۇرۇلۇشنى، تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى، تەرتىپكە سېلىش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كەتكەندىن كېيىن، دەنجۇ يەرلىك ھۆكۈمەت تاللاش خاراكتېرلىك كۆرمەس بولۇپ قالغان، خېڭدانىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىق قۇرۇلۇپ، ئۆز قەرەلىدە تىجارەت باشلىغان.
ئالاقىدار ئىجازەت ئالمىغان ئەھۋالدا، خېڭدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن 369 گېكتار دېڭىز يۈزىنى قورشىۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆت سۈڭگۈچلۈك تۇرۇبا كۆۋرۈكى سالغان ھەم 2019-يىلى 7-ئايدا پۈتۈنلەي پۈتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ قېتىم چېقىلىدىغان 39 بىنامۇ بار.
2019-يىلى، دەنجۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تارمىقى يەنە خېڭداغا يېشىل چىراغ يېقىپ، مۇھىت باھالاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بەرگەن. بۇ ئېنىقلا مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خېڭدانىڭ بۇ قېتىم چېقىلىدىغان 39 بىناسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ھالدا سېلىپ پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، دەنجۇ يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشتىن قۇتۇلالماسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە، خېڭدا ئىگىلىك كىرىزىسىغا چوڭقۇر پېتىپ قالدى، خېڭدانىڭ قوشۇمچە قىممىتىمۇ ساناقلىقلا قالدى. بۇ ۋاقىتتا، خېڭدانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان 39 بىنانى گۇمران قىلىپ چېقىۋېتىش، خېڭداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئەجەللىك زەربە بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، خېڭدانىڭ بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشىمۇ ئاساسلىقى ئۆزىدە. مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى «ھەمياننى تومپايتىپ، ئېكولوگىيەنى ۋەيران قىلغان.» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان ئەھۋالدا، يەنىلا تەلەي سىناش غەرىزىدە بولۇپ، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، تۈرنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈرگەن. 100 مىليارد يۈەنلىك مال-مۈلۈكنىڭ سۇغا چىلاشقىنىغا، خېڭدا پۈتۈنلەي ئۆزى سەۋەبچى بولغان.
خەيخۇا ئارىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدىغان بەختتۇر. خېڭدانىڭ بۇ قېتىملىق مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقى خۇددى سەددىچىن سېپىلىنى ۋەيران قىلغانغا باراۋەر. ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، پەقەت سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارلا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.
خېڭدادىن باشقا، ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ كۈنى ناھايىتى تەستە ئۆتتى. جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك ئۆي-مۈلۈك كارخانىسىنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %4.2 كە تۆۋەنلەپ، 2017-يىلىدىكى %36.9 تىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، يىل ئىچىدىكى ئومۇمىي سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 تۆۋەنلەپ، تۇنجى قېتىم مەنپىي ھالەتكە ئۆتتى.


يىللىق سېتىش نىشانى جەھەتتە، جۇڭگونىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى نىشاننى ئورۇنلىيالمىدى. كىرزىس ئىچىدە خېڭدانىڭ توختاملىق سېتىش سوممىسى 750 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38 تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىگۈييۈەن، رۇڭچۇاڭ، ۋەنكې قاتارلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى يىللىق سېتىش نىشانىنى ئورۇنلىيالمىدى.
ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۆي-مۈلۈك بازىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر مالىيە كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
جۇڭگو ئوخشاش كۆلەمدىكى يېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى كەسپكە مۇھتاج، بۇ يەر مالىيە كىرىمىنىڭ ئازىيىشىنى تولۇقلايدۇ. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كەسىپ قايسى؟
كەمىنىنىڭ قارىشىچە، ئەڭ مۇمكىنچىلىكى بولغىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلچىلىقىدۇر. 2022-يىلى كىرىشى بىلەنلا، دۆلەت ئاپتوموبىل كەسپىگە مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى پاي ھوقۇقى نىسبىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا شېرىكلەشكەن شىركەت قۇرۇش سان چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاپتوموبىل كارخانىلىرى روبىرو تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچ سىنىشىدۇ!


يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، جۇڭگو ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاپ، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا كەسىپلەرنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويمىدى.
جۇڭگو چەت ئەل ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا ئىجازەت بېرىش ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىمۇ توسالغۇسىز بولىدۇ.
RCEP كېلىشىمى 2022-يىلى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو تاۋارلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەت، ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە چېگراسى ئىچىدە زور مىقداردىكى باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەتتا تاموژنا بېجىمۇ بولمايدۇ. ئوخشاش تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش شەرتى ئاستىدا، چەت ئەلدىن خام ئەشيا كىرگۈزۈش كېرەكمۇ ياكى جۇڭگونىڭ سانائەت تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.


يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، RCEP كېلىشىمىدە، جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىدىكى كۈچلۈك دۆلەت كورىيە بىلەن ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى. ياپونىيە ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئويناپ، ئۆزىنى كاردىن چىقاردى. كورىيە ئاپتوموبىل كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىدا، ئاللىقاچان خارابلىشىپ كەتتى. جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بۇ ۋاقىتتا دۇنياغا يۈزلەنسە، ياپونىيە، كورىيە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان بازىرىنى تالىشىش پۇرسىتى ناھايىتى زور بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كۆلىمى بەك چوڭ، پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىغىلا تايانغاندا، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە نىسبەتەن سەپلىمە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەس. لېكىن ئاپتوموبىل ساھەسى دۇنياغا يۈزلەنسە، نى ـ نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ!
باج يىغىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرى چوقۇم دۇنياغا يۈزلىنىشى كېرەك!
پەقەت ياساش كەسپى دۇنياغا يۈزلەنسىلا، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە بولغان بېقىنىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
مەنبە: كاپىتان خاتىرىلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى 1970-يىللارغا ئوخشاپ قېلىۋاتامدۇ؟

2021-10-31

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

2021-10-24

ئۆي مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى!

2021-10-23

چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟

2021-10-23

دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟

2021-10-22

جاننى قۇتقۇزۇش پەيتى: خېڭدانىڭ سودىنى «بۇزۇۋېتىش»ىدىكى ھەقىقەت

2021-10-21

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-19

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش

2021-10-16

قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى

2021-10-14

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

خېڭدا ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2021-10-11

شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن

2021-10-10

ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟

2021-10-10

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-03

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-09-29

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟

2021-09-28

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-22

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-20

يېڭى «قالايمىقانچىلىق» بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆرلەش شوتىسىدۇر

2021-09-19

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-18

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-14

«ۋېن جېڭ» ۋە «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات»

2021-09-13

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-09

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-05

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-04

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-09-03

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0