大数跨境

دىلرابانىڭ سىڭلىسى ئۆزىنى ئاشكارلىدى ؟ دىلرابادىن چىرايلىق...

دىلرابانىڭ سىڭلىسى ئۆزىنى ئاشكارلىدى ؟ دىلرابادىن چىرايلىق... xjmahallam
2024-03-13
1

يېقىندا دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدە گەرچە باش رول بولمىسىمۇ، لېكىن رول ئالغان قوشۇمچە ئوبرازلاردىكى گۈزەل رۇخسارى ۋە ياخشى بولغان رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ياش ئارتىس نازاكەت (娜扎开提)نىڭ مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا چۈشكەندىكى ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، نازاكەت بۇ يىل 21 ياش كىرگەن بولۇپ، تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم تىياتىرلاردا رول ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىنلا ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى تالانتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ بايقالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۆزىگە بەكلا ياراشقان ئاق رەڭلىك ناھايىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ قاتناشقان بولۇپ، كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك دەرىجىدە مەپتۇنكار ۋە چىرايلىق بولۇپ كەتكەن، تۆۋەندە نازاكەتنىڭ سۈرەتلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

يېقىندا دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدە يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ياش ئارتىس نازاكەت (那扎开提) ئۆزىنىڭ ۋېيبوسىغا ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، نازاكەت ئۆز نۆۋىتىدە ئالقىشلىق داڭلىق ئارتىسلاردىن چېن شياۋ (陈晓)، ليۇ يىفېي (刘亦菲)، لىن يۈن (林允)، ليۇ يەن (柳岩) قاتارلىقلار باش رول ئالغان ئالقىشلىق داڭلىق تىياتىر «مېڭخۇا خاتىرىسى» (梦华录)دە رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى بولغان رول ئېلىش ماھارىتى ۋە گۈزەللىكى بىلەن بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق بىر قانچە تىياتىرلاردا رول ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئارتىسدۇر، سۈرەتلەرگە قارايدىغان بولساق، گۈزەل رۇخسار ۋە ئەۋرىشىم بەدەندە خېلى ئايال ئارتىسلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدىغان نازاكەت ئۆزىگە ناھايىتى ياراشقان ئۇسلۇبتىكى كۆينەكنى كىيىۋالغان بولۇپ، ماسلاشتۇرۇپ تاقىۋالغان چاچ قىسقۇچى كىيىنىشىگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشقان ھەمدە گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، تورداشلارنىڭ يۈرەكلىرىنى رام قىلغان،



【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 0
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读0
粉丝0
内容0