大数跨境

لى جياچىدىن ھەقىقەتەن چاتاق چىقىدىغان بولدى!

لى جياچىدىن ھەقىقەتەن چاتاق چىقىدىغان بولدى! NepKan
2022-01-06
1
导读:بارلىق چولپانلار ۋە تور ئېقىم چولپانلىرى ئەڭ ئەندىشە قىلغان ئىش، ئاخىرى يۈز بېرىدىغان بولدى.
تاۋباۋدا بىۋاستە تارقىتىش جەھەتتە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئېقىم چولپىنى موللاق ئاتسا، چوڭى يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟


بىرىنچى،
قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن 2021-يىلى، تاۋباۋ تورىنىڭ ئېقىم چولپان ئاتامىنى ۋېي يا بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغۇچى ئېقىم چولپىنى شۆ لى يىقىلىپ چۈشتى.
ھازىر، ئاخىرى لى جياچىغا نۆۋەت كەلدى.


يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش كومىتېتى بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېنىق قىلىپ، لى جياچىنىڭ ئاللىقاچان «پېيى»غا چۈشكەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىم باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق سېتىۋاتقان تاۋارلارنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «لى جىياچى يوقلىما قىلىندى: لى جياچى كىرىزىستىن قانچىلىك يىراقتا؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


بۇنىڭدىن باشقا، بەش چوڭ بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىدىكى باشلامچى 17 رىياسەتچى (ئېقىم چولپىنى) نازارەت قىلىپ كونترول قىلىندى، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا قاراپ چىقىش سالمىقى خېلى زور بولدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «شاخلىتىپ سېتىش؟ ۋېي يادىن كېيىنكى نەچچە 10 مىليارد يۈەنلىك دېلو» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ھازىر ھېچ ئىش يوق، پەقەت بىرەر ئىش بايقالمىدى دېيىشكىلا بولىدۇ، كېيىن قايسى تارتىپ چىقىرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقايسىسى تاسادىپىيلىق بىلىنمىسىلا بولىدۇ.
بىر مەيدان تېخىمۇ كۈچلۈك بوران، پۈتكۈل ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنى قاپلىدى.

ئىككىنچى،
پۇلنى سۇدەك تاپقان بايلار، بەلكىم ئەمدى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈلۈش بوران-چاپقونىدىن قېچىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن.
يەنە بىر غايەت زور چاقماق 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەۋج ئالدى!
2021-يىلى «پەنگا ئالاقىسى» سەۋەبىدىن پەن چاڭجياڭ تەرىپىدىن بىۋاستە تارقىتىپ سېتىش ساھەسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن گازى (تەخەللۇس)نىڭ رايى يانمىدى، ئەكسىچە پەقەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملىق ھەميانىنى توملىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كۆپ پۇل تاپقان پەنزى(تەخەللۇس)دىن بىر قەدەم بۇرۇن موللاق ئاتتى. 


توردا گازىنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گازى زور سوممىلىق باج تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئاز دېگەندە 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تولۇقلاشقا توغرا كېلىدىكەن، ۋاقىت قىس بولغاچقا، گازى بۇرۇنقى ياخشى قېرىندىشى جاڭ يىشەندىن پۇل قەرز ئالماقچى بولغاندا رەت قىلىنغاندىن كېيىن، جىددىي ئەھۋالدا بېيجىڭدىكى ئىككى يۈرۈش ئۆيىنى سېتىۋېتىپ پۇل غەملەشكە مەجبۇر بولغان.


ھازىر پەقەت ئالدىنقى 5-سەپتىكى چولپان ھېسابلىنالايدىغان گازى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدى، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باشقا داڭلىق ئېقىم چولپانلىرى باج تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بېسىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
2018-يىلى، فەن بىڭبىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش سەۋەبىدىن 880 مىليون يۈەن ئېغىر جەرىمانە قويۇلۇپ، چولپانلار ئۆچرەت تۇرۇپ باج تولۇقلاش دولقۇنىنى قوزغىدى، شۇ يىلى 400 دىن ئارتۇق چولپاننىڭ باج تولۇقلاش نىسبىتى 11 مىليارد 700 مىليوندىن ئاشتى.
بۇ يىلقى زەربە بېرىش سالمىقى ۋە سىجىللىقى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلاردىن يىغىۋېلىنغان باج پۇلى پەقەت ئەقلىمىزنى لال قىلغۇدەك سوممىدىكى پۇل بولىدۇ خالاس.

ئۈچىنچى،
1-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2022-يىلى ئېلېكىترونلۇق سودا ساھەسىدىكى تۇنجى چاقماقمۇ چېقىلدى!
جىڭدۇڭ ئىتتىپاقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ماھىرى ئۆزىنىڭ يېقىندا بىر باج تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، ھېسابات تالونىدا ئېنىق كۆرسىتىلشىچە، 2020-يىلى 218 مىڭ 500 يۈەن، 2021-يىلى 127 مىڭ يۈەن باج تولۇقلىنىدىكەن، جەمئىي 340 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باج تولۇقلىنىدىكەن، يەنە كېلىپ ھەممىسىنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن.


يەنە بەزى تور سودىگەرلىرى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن باج تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى ھەمدە چاقچاق قىلىپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ باج تولۇقلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 
بۇ ھەقتە جىڭدۇڭ ئىتتىپاقى ئورگان تەرەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، سۇپا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەزى ئاكونتلارنىڭ تور شەكلى ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشكەنلىكىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، ئەمگەك-مۇلازىمەت تاپاۋىتى بويىچە باج تولۇقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باج تارماقلىرىغا ۋاكالىتەن قول سېلىپ، سۇپىدىكى يۇقىرى كىرىملىك ئابونتلارغا باج تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىۋاتقىنى يالغۇز جىڭدۇڭلا ئەمەس.
جىخۇدىكى بىر چوڭV كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان باج تولۇقلاش تالونى ئېلان قىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 2021-يىلى توردىكى تەشۋىقات ئېلان كىرىمى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە، تولۇقلاشقا تېگىشلىك باج 1 مىليون 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.


ئىككى يىل بۇرۇنلا ھېسابلاشقا تېگىشلىك ھېسابات، بۇ قېتىم بىراقلا ھېسابلىنىشى مۇمكىن.


بارلىق چولپانلار ۋە تور ئېقىم چولپانلىرى ئەڭ ئەندىشە قىلغان ئىش، ئاخىرى يۈز بېرىدىغان بولدى.
بىر تەرەپتىن، دۆلەت «ئالتۇن باجنىڭ تۆت مەزگىلى» ئارقىلىق، سۇپىدىكى باشلامچى دېكتور ۋە ئېقىم چولپانلىرىنى قاپلىغان مەبلەغ، كەسىپ، توختام، تالون قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلاردىن كونترول قىلىپ، بۇ چوڭ بېلىقلار ئېرىشكەن ھەقىقىي كىرىمىنى يوشۇرغۇدەك جاي قويمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، كەڭ سۇپىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىغا تايىنىپ، تەكشۈرۈش سۇپىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىرىم سانلىق مەلۇماتىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باج تاپشۇرۇش سانلىق مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭدا باج ئوغرىلىغان-ئوغرىلىمىغانلىقى، قانچىلىك باج ئوغرىلىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.
قىلچە مۇبالىغىلەشتۈرمەي ئېيتقاندا، بۇ ئىككى چوڭ سىستېمىنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا، بارلىق تور ئېقىم رىياسەتچىلىرى ۋە چولپان سەنئەتكارلارنىڭ ھەقىقىي كىرىمى يالىڭاچلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇلار ئەگەر يەنە قانداق ئۇششاق ھەرىكەت قىلىپ پۇلنى يوشۇرماقچى بولىدىكەن، بۇ پەقەت ئۆزىنى ئۆزى خار قىلغانلىق، خالاس!

تۆتىنچى،
ھە دېسىلا بىر قېتىملىق ئۈچۈن يۈز مىليوننى بىرلىك قىلىپ ھېسابلايدىغان بۇ دىكتورلار ۋە چولپانلار ئازراقمۇ ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
چۈنكى، ئورتاق بېيىش تەكىتلىنىۋاتقان ئىبارەت چوڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بۇ كىشىلەر قىزىل سىزىققا چېقىلىپ قويغان.
بىر مىليارد 400 مىليون ئادەم ئىچىدە، بىر مىليارد ئادەم ئەزەلدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باقمىغان.
ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشقان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سانى ئاران 70 مىليون ئەتراپىدا.


600 مىليون كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى 1000 يۈەنلا بولۇپ، باج تاپشۇرۇشقىمۇ يەتمەيدۇ.


ئاشۇ بىر كۈندىلا باشقىلارنىڭ بىر ئۆمۈر پۇلىنى تېپىپ كەتكەن چولپانلار ۋە بىۋاستە تارقىتىش ئارقىلىق مال سېتىۋاتقان ئېقىم چولپانلىرى يەنىلا باج ئوغرىلاۋاتىدۇ، باج تاپشۇرمايۋاتىدۇ، ھەتتا ھە دېسىلا ساختىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئادەتلەرنىڭ تۆۋەن چېكىگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ، ئېنىقكى، بۇ دۆلەتنىڭ «ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارغا تۈرتكە بولۇش» دېگەن ئورتاق بېيىش ئىدىيەسىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق.
شۇڭا، دۆلەت پۇلدار، شەپقەتسىز بايلارغا قارشى قاتتىق قول بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن تۈزەش ھەرىكىتى قوزغىسا، ئاندىن ئەڭ ئاددىي كىشىلەرگە ئەڭ چوڭ ئادىللىق بولىدۇ.
يەنە بەزىلەر ئاشۇ بايلار تاپشۇرغان زور سوممىلىق جەرىمانىنى كۆرۈپ، سەل ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان چولپانغا ناھەقچىلىق  بولدى، دەپ چوقان قىلىشىۋاتىدۇ.
بۇ ئادەملەر ئەخمەق بولمىسىلا يامان نىيەتلىكلەردۇر.
جېڭ شۇاڭ 71 مىليون يۈەن باج ئوغرىلىغان، 299 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
ۋېي يا 649 مىليون يۈەن باج ئوغرىلىغان، 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
بەك كۆپمۇ؟
بۇنىڭغا سېلىشتۇرساق، 1989-يىلى 40 مىڭ باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن، 3 ئاي قاماپ قويۇلغان ماۋ ئامىن قانداق ھېسسىياتتا بولار؟
2002-يىلى 14 مىليون 580 مىڭ باج ئوغرىلىغان، جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن يەنىلا تۆمۈر دېرىزە ئىچىدە 422 كۈن ئويلانغان ليۇ شياۋچىڭ، بۇنىڭغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟


كونسېرۋاتىپ مۆلچەر قىلساق، بۇ چولپانلارنىڭ بايلىقىنىڭ 1/10 گە يەتمەيدىغان، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاسترونومىيەلىك سان، بۇ چولپانلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر قەۋەت تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا ئىش، خالاس.
ئۇلار قارا دەرۋازىنى كۆرمىگىنىگە خۇشال بولسىلا بولىدۇ.
ئەسلىدە بالدۇرراق ھېسابلاشقا تېگىشلىك بۇ ھېسابات، بوران-چاپقۇن ئانچە چوڭ ئەمەس، يەنە كېلىپ يېتەرلىك شىددەتلىك ئەمەس!
مەنبە: مىڭجىن تورى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

بۇ يىل 4-پەسىل ۋە 2022-يىللىق پۇرسەتلەر 1-بۆلەك

2021-10-27

بۇ يىل 4-پەسىل ۋە 2022-يىللىق پۇرسەتلەر 2-بۆلەك

2021-10-27

لى يۈندىنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

2021-10-26

بانكىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن نېمىشقا يوقاپ كېتىدۇ؟

2021-10-25

تەيجىدىيەن ئامېرىكىغا تىزلاندى

2021-10-24

ئامېرىكا: يەر شارى پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟

2021-10-24

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

2021-10-24

چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟

2021-10-23

ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى يېڭى گىگانېت

2021-11-10

قوش كېمەيتىشتىن كېيىنكى يۈ مىنخۇڭ

2021-11-10

خەلق زادى قانداق ساپا مائارىپىغا ئېھتىياجلىق؟

2021-11-11

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-12

قەرز ئېلىپ قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدىمۇ؟

2021-11-12

ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش: yuwei كېلەلمىدى...

2021-11-14

كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر قانداق بولىدۇ؟

2021-11-15

خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ باقتىڭىزمۇ؟

2021-11-15

غەرب ۋە شەرق: كىم مېتا ئالەمدە يېڭىپ چىقالايدۇ؟

2021-11-16

ياشلارنىڭ ياشاش كرىزىسى

2021-11-16

ماسك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالامدۇ؟

2021-11-18

«مېتا ئالەم» يەنە قانچىلىك ۋاقىت قىزىق نۇقتا بولالايدۇ؟

2021-11-19

ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟

2021-11-20

بۇ خىل بانكا كارتىلىرى تازىلىنىدۇ، بانكا كارتىڭىز ئامانمۇ؟

2021-11-20

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0