قەرز ئېلىش تىلخېتى يېزىش كېرەكمۇ ياكى قەرز چېكىمۇ؟
ئەلئارا ئېلىم-بېرىم پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى، پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، پۇقرالار بىلەن باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم-بېرىمنى كۆرسىتىدۇ. ئەلئارا ئېلىم-بېرىمدە، بىز دائىم بەزى قەرز ئېلىش تىلخېتى ياكى قەرز چېكىگە ئىمزا قويىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ھەق تەلەپ قانۇنىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسپاتلىق رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن قەرز ئېلىش تىلخېتى بىلەن قەرز چېكى ئوتتۇرىسىدا قانۇنىي خاراكتېر ۋە قانۇنىي ئۈنۈم جەھەتتە غايەت زور پەرق مەۋجۇت، ئەگەر بىز پەرقلەندۈرمەي، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك، قانۇنلۇق مەنپەئىتىمىزنىڭ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىمىز.
ئۇنداقتا، ئەلئارا ئېلىم-بېرىمدە قەرز ئېلىش تىلخېتى بىلەن قەرز چېكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئادوۋكاتلار مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:
قەرز ئالغان پۇل، قەرز پۇل قاتارلىقلاردا گۇمان، باشقىچە پىكىر بولسا، كەسپىي ئادۋوكاتلاردىن مەسلىھەت سوراش ياكى ئادۋوكاتقا قەرز ئېلىش توختامى، قەرز پۇل كېلىشىمىنى يېزىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىپ، كەلگۈسىدە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى نۇقسان، مۇكەممەلسىزلىك سەۋەبىدىن ئۈنۈملۈك قوغدالماسلىقىدىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بەرسە ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇپ، دەۋادىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قەرز پۇلغا چېتىلغاندا، قەرز ھۆججىتىنىڭ ئۆزىدە بانكا مېمۇرىئال دوكۇمېنتى (پۇل ئاغدۇرۇش تالونى)نى ياخشى ساقلاش، مال پۇلى قاتارلىق قەرز پۇلغا چېتىلىدىغانلىرىدا قەرز پۇل سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن يېزىلغان قەرز پۇل، قەرز چېكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، مەسىلەن، قىمار دەسمايىسى قەرز پۇلى دېگەندەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇن جۇڭگو قانۇنچىلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن 2020-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» توختام تۈزۈش قىزىق نۇقتا مەسىلىسى 200 سوئال ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى.
توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» 469-ماددا: ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازمىچە، ئاغزاكى ياكى باشقا شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ. يازمىچە شەكىل توختامنامە، خەت-چەك، تېلېگرامما، تېلېكس، فاكس قاتارلىق مەزمۇنلارنى شەكىللىك ئىپادىلىگىلى بولىدىغان شەكىلدىن ئىبارەت. ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ئېلخەت قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەزمۇننى شەكىللىك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا تەكشۈرگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرونلۇق تېكىست يازمىچە شەكىل دەپ قارىلىدۇ.
قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى:
ئاغزاكى شەكىل دېگىنىمىز، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ پەقەت تىلنى مەقسەت قىلغان ھالدا توختام تۈزۈشىنى، يېزىق ئىشلەتمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاغزاكى شەكىلنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاددىي، قولايلىق بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ، يېتەرسىزلىكى توختام ماجىراسى يۈز بەرگەندە ئىسپات ئېلىش تەس، جاۋابكارلىقنى ئايرىش تەس. شۇڭا، ئومۇمەن ئېيتقاندا، توختام نىشانىنىڭ سوممىسى ئانچە كۆپ بولمىغان ۋە دەرھال بوغۇلىدىغان (ھېسابنى بوغقىلى بولىدىغان) توختاملاردا ئاغزاكى شەكىل قوللىنىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا توختاملاردا ئادەتتە ئاغزاكى شەكىل قوللىنىلمايدۇ. يازمىچە شەكىل، ئاغزاكى شەكىلدىن باشقا يەنە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، يوشۇرۇن ھەرىكەت قاتارلىق توختام تۈزۈشنىڭ باشقا شەكىللىرىمۇ بار.