大数跨境

يەر، نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇھىم ھۆججىتى

يەر، نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇھىم ھۆججىتى NepKan
2022-01-08
1
导读:كاپىتال ئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا ق
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى«مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«لايىھە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق تونۇشتۇردى: «لايىھە» دە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، كىملىك ئارقىلىق نوپۇس باشقۇرۇش مۇلازىمەت تۈزۈمى ئورنىتىشنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «لايىھە»دە مۇھىم ئامىللار بازار قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، ئۈستۈنلۈك ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى مۇھىم ئامىللار ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم ئامىللار بازىرى تۈزۈمى كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


يەر ئامىلىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەردىن تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارغا تېخىمۇ زور يەر تەقسىملەشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپ يېرىنى «ئۆلچەملىك يەر» دە ھەقلىق بېرىش، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ يېرىنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇشنى قوللاش، يېزىلارنىڭ ئاھىلىلەر تۇرالغۇ يېرى ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللاش كېرەك. دېڭىزدىن مۇۋاپىق، تەرتىپلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز بايلىقىنى باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.


ئەمگەك كۈچى ئامىلىنىڭ مۇۋاپىق، راۋان، تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، كىملىك ئارقىلىق نوپۇس باشقۇرۇش مۇلازىمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى قوللاپ، ئەمگەك كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىش يوللىرىنى تېز راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.


كاپىتال ئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دىققەتنى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش-بىرىكتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئىناۋەتلىكقەرز»  ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئىناۋەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، كۆپ قاتلاملىق پاي ھوقۇقى بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


تېخنىكا ئامىلىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەر، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ماس تەقسىملەشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈر، سۇپا، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق تولۇق ئامىل بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىش كېرەك.


سانلىق مەلۇمات ئامىلى جەھەتتە، ئوبوروت تېخنىكا قائىدىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دىققەتنى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئېچىۋېتىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش، ئېچىش، قوغداش قاتارلىق پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىسمەن ساھەلەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، دەرىجىگە قاراپ تۈرگە ئايرىش، قەدەمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتنى رايوندىن چىقارماسلىق، سانلىق مەلۇماتنى ئىشلەتكىلى بولۇش، كۆرگىلى بولماسلىق» تەك سودا ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشتە«تىزگىنلىگىلى، ئۆلچىگىلى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى دەرىجىگە قاراپ تۈرگە ئايرىپ بىخەتەرلىكنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ۋە سودىنى چەكلەش تىزىملىكىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.


بايلىق، مۇھىت، بازار ئامىلى جەھەتتە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بايلىق، مۇھىت، بازار، ئوبوروت سودىسى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز، كانچىلىق ھوقۇقى قاتارلىق بايلىقلارنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاپ، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق سودا مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق، مۇھىت ھوقۇق-مەنپەئەتى  خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل ھېسابات سىستېمىسى، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ھەم ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يېشىل مەسئۇلىيەت ئىسچوتىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
 
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
 مەنبە: خەلق تورى

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-13

دەۋر ھالقىغان تۇرالغۇ

2021-09-04

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-03

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-02

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

2020-12-23

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

2020-12-23

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلاشما تىجارەتكە قارشى تۇرۇش

2020-12-21

ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كۈلپەتلىك دەقىقىلىرى

2020-12-20

ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قويۇپ بەرگەن پۇرسەت

2020-12-19

روكفېللېر ۋە ما يۈننىڭ تەقدىرداشلىقى ۋە پاراسەت پەرقى

2020-12-26

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

2021-08-13

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

2021-08-13

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-08-28

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-08

كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قانداق لوگىكا كېرەك؟

2021-09-11

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-18

ما يۈننىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2021-09-19

2021-يىلىدىكى يېڭى تىركىشىش، كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدۇ؟

2021-09-20

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-21

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-23

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قالتىسلىققا يېتىشتىكى يەتتە قەدىمى

2021-09-24

ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات

2021-09-25

مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي...

2021-09-26

خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟

2021-09-28

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-09-29

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى

2021-10-03

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: يەر-مۈلۈك قىسمى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-04

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

«سىياھ بېلىق ئويۇنى» كەينىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى

2021-10-10

خېڭدا نېمە ئۈچۈن....

2021-10-11

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى

2021-10-13

كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن

2021-10-14

كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟

2021-10-15

خېڭدا كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق پەيتى

2021-10-16

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

2021-10-16

بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»

2021-10-17

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-20

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

2021-10-21

كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟

2021-10-21

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

2021-10-23

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جەمەتىنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجى يەر مالىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

2021-10-27

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە قىزىل بايراق ئاپتوموبىلدىكى ۋاڭ جيەنلىن

2021-10-30

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

بىر ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان دۆلەت!

2021-11-01

يەر مالىيەسىدىن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئۆتۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2021-11-03

خېڭدادىن كېيىنكى قەرز كىرىزىسىدا قالغان ئۆي-مۈلۈك ئاتامانلىرى

2021-11-06

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-07

ھىڭگاڭ چىشلىق «يېشىل» كاپىتال

2021-11-10

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

2021-11-11

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-04

شۈجيايىننىڭ تەقدىرى بېكىتىلىپ بولدى

2021-12-06

شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

2021-12-06

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-12-26

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

2021-12-25

شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى

2022-01-04

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0