搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مېتا ئالەمدىمۇ «ئۆي سودىسى» قىلغىلى بولامدۇ؟
>
مېتا ئالەمدىمۇ «ئۆي سودىسى» قىلغىلى بولامدۇ؟
NepKan
2022-02-21
0
导读:بىر پارچە مەۋھۇم يەر، 32 مىليون يۈەنلىك «يۇقىرى باھا»دا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى!
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
بىر پارچە مەۋھۇم يەر، 32 مىليون يۈەنلىك «يۇقىرى باھا»دا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى!
مېتا ئالەم (元宇宙) ئۇقۇم پېيىنىڭ گۈللىنىشى ئالاقىدار ئۇقۇم پايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى كەسىپلەرنى جانلاندۇردى، ھالبۇكى، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى مېتا ئالەم «ئۆي سودىسى قىزغىنلىقى» بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم مېتا ئالەم سۇپىسىدا، بىر پارچە مەۋھۇم يەر نەچچە ئون مىليون يۈەن خەلق پۇلىلىق يۇقىرى باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى.
ئۇنداقتا، بۇ ئاتالمىش مېتا ئالەم سۇپىسى زادى نېمە؟
مېتا ئالەم ئۆي سودىسى قىزغىنلىقى: بىر پارچە مەۋھۇم يەر نەچچە ئون مىليون يۈەنگە چىقتى
شاڭخەي باۋشەن رايونىدا، مۇخبىر تور ئويۇنى تاراتقۇ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چۈ جيەنرۇنى كۆردى. خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، ھازىر بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە خىل مېتا ئالەم سۇپىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ سىناپ باققان.
ئويۇن ساھەسى تاراتقۇلار بىلوگېرى چۈ جيەنرۇ: Decentralland نىڭ باش بېتىنى ئاچساق.
چەتتە تۇرىدىغىنى، شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئۆي بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، 9500 MANA پۇلى (تەخمىنەن 201 مىڭ يۈەن) سېتىلىدۇ.
شەھەر مەركىزى مۇشۇ بولۇشى كېرەك، بۇ كىچىكلىرى 600 مىڭ MANA پۇلى (12 مىليون 730 مىڭ يۈەن).
چۈ جيەنرۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېتا ئالەم ئەسلىدە ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان، يېڭى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان، رېئال دۇنيا بىلەن تۇتاشقان مەۋھۇم بوشلۇق. ئەمما، ھازىر چەت ئەللەردە مودا بولۇۋاتقان مېتا ئالەم سۇپىسى تېخى بۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئىجتىمائىي ئالاقە خاراكتېرلىك تور ئويۇنىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ، مەشغۇلات قىلىپ ئويناشقا بولىدىغان تۈرلەر ناھايىتى ئاز. يادرولۇق مەزمۇنى ئوينىغۇچىلار يەر سودىسى قىلغاندىن كېيىن، ئۆز يېرىگە ھەر خىل تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، ئۇنى مەۋھۇم دۇنيادىكى ئائىلە ياكى شىركەت، مۇزېي دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئويۇنچىلارنىڭ يەر سېتىۋېلىشىدىكى سەۋەب پەقەت مەۋھۇم يەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە، مەبلەغ سېلىش سودىسى نۆۋەتتىكى نەچچە خىل مېتا ئالەم سۇپىسى كىشىلەرگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات. 2021-يىلى 12- ئايدا، مېتا ئالەم سۇپىسى Sandbox تىكى بىر پارچە مەۋھۇم يەر تەخمىنەن 32 مىليون يۈەن خەلق پۇلى باھادا سېتىلىپ، مېتا ئالەم ئۆي-زېمىن سودا باھاسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. ھازىر تۆۋەن باھادا مەۋھۇم يەرگە ئېرىشىش، بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاندا يۇقىرى باھادا سېتىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
گوجىن ئاكسىيەسى ئالاقە تورى تاراتقۇ باش تەھلىلچىسى ياڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتكۈل چەت ئەل بازىرىدا سودا مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان رەت تەرتىپىدە، NFT (ئوخشاش سۈپەتلىك بولمىغان پۇل) مۈلۈكلىرى ئىچىدىن رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ، Decentralland ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ، Sandbox تەخمىنەن ئالتىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ. Decentralland سودا مىقدارى 230 مىڭ ئېفىر پۇلى (4 مىليارد 600 مىليون يۈەن)، Sandbox تەخمىنەن 130 مىڭ ئېفىر پۇلى (2 مىليارد 600 مىليون يۈەن) كۆلىمىدە.
مېتا ئالەم سۇپىسىدا ئۆي سودىسى قىلغۇچى: مېتا ئالەم نېمىلا دېگەن بىلەن چوڭ يۈزلىنىش، ئالدىنقى مەزگىللىك پايدىسى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر نەچچە يىل بولىدۇ، ئالدىنقى مەزگىلدە ئاۋۋال كىرگەنلەر ئازراق ئۆي، ئازراق يەر توپلايدۇ. ئاندىن باھاسى تازا ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە ھايانكەشلىك باشلىنىدۇ.
مېتا ئالەم ئۆي سودىسى خەۋپ-خەتىرى: قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش «نەس باسقۇر» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
مېتا ئالەم ئۇقۇم پېيىنىڭ قىزىشىغا ئەگىشىپ، مېتا ئالەمدىكى «ئۆي-مۈلۈك» سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى، يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى يۇقىرى باھا پەيدا بولدى، نۇرغۇن مەۋھۇم زېمىن باھاسى ھەتتا رېئال دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ باھاسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما، مېتا ئالەمدىكى «ئۆي-زېمىن» نېمىلا دېگەن بىلەن ماددىي بۇيۇم ئەمەس، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قانداق خەۋپ-خەتەر بار؟
كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مېتا ئالەم سۇپىسىدىكى مەۋھۇم ئۆي-جاي ماھىيەتتە NFT ئىكەن. NFT رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ئاساسىدا تارقىتىلغان رەقەملىك مۈلۈك، ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكى، سودا ئوبوروتىنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەنلىكى ھەمدە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىر پارچە زېمىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
بۇنىڭدىن باشقا، رېئاللىقتىكى «ئۆي سودىسى»غا ئوخشاش، مەۋھۇم دۇنيادىكى «ئۆي سودىسى» ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆي-مۈلۈك بىلەن تەمىنلەشنىڭ «كەمچىللىكى»نى ئاساس قىلىدۇ. Decentralland دا، سۇپا جەمئىي 90 مىڭ پارچە يەر لايىھەلەنگەن ھەمدە كەلگۈسىدە يېڭىدىن كۆپەيمەيدۇ، شۇ ئارقىلىق يەرنىڭ «كەمچىللىكى»گە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
گەرچە مېتا ئالەمدىكى «ئۆي-مۈلۈك»نىڭ بىردىنبىر بولۇشى ۋە «كەم ئۇچرايدىغان» بولۇشى ئاڭلىماققا كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلسىمۇ، لېكىن كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلارنىڭ ھەممىسى مېتا ئالەم سۇپىسى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ شۇنى بىلدۈرىدىكى، ئەگەر بىر مېتا ئالەم سۇپىسى ئېقىم مىقدارى ۋە دىققەت قىلىش دەرىجىسىنى يوقىتىپ قويسا، يېڭى ئويۇنچىلارنىڭ مەيدانغا كىرىشى يوق بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىدىكى مەۋھۇم ئۆي مۈلۈكنىڭ قىممىتى بىر تىيىنغىمۇ يارىماسلىقى مۇمكىن.
گوجىن ئاكسىيەسى ئالاقە تورى تاراتقۇسىنىڭ باش ئانالىزچىسى ياڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق NFT (سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان سەپلىمە پۇل) مۈلۈكنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم بىر تەشۋىقات يولى بولۇشى كېرەك، شۇڭا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر داۋاملىق سېتىۋالىدۇ، ياكى بەزى داڭلىق ئاپپاراتلار سېتىۋالسا ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئاندىن كۆپچىلىككە بۇ نەرسىنىڭ بارغانسېرى پۇلغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر مېتا ئالەم سۇپىسى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، مەۋھۇم ئۆي بىلەن ئادەتتىكى تور ئويۇنىدىكى سەھنە جابدۇقلىرىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى چوڭ ئەمەس. مېتا ئالەمدىكى «ئۆي سودىسى» مەۋھۇم پۇل سودىسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا قاتنىشىش پەقەت ھايانكەشلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بازاردا كۆپ مىقداردا مېتا ئالەم سۇپىسى بار، قىسمەن سۇپىلارنىڭ مەۋھۇم زېمىن تارقىتىشى سۇپا تەرەپنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ، ئابونتلارمۇ ئۇنىڭ «كەمچىللىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
2021-يىلى 10-ئايدا، دۆلەت ئىچىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر پۈتۈن دۇنيادا كۆرگەزمە قىلىپ ئاچقان مېتا ئالەم App «ھەسەن-ھۈسەن ئالەم» ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىشنى باشلىدى، ئابۇنىچىلار ئالدىن كېلىشكەندىن كېيىن مەۋھۇم ئۆي-مۈلۈكنى تالىشىپ سېتىۋالالايدىغان بولدى، قىسمەن ئۆي-مۈلۈك 3-تەرەپ تور بېكىتىدە نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. ئەمما يېقىندا نىمكەش سودا تور بېكىتى «مېتا ئالەم»، «ھەسەن-ھۈسەن ئالەم» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى توسۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئوينىغۇچىلار ئارىسىدىكى مەۋھۇم ئۆي-جاي سودا مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، «ئۆي-جاي»نىڭ باھاسىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى.
شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ پىروفېسسورى سۈي لىلى: مەۋھۇم پۇل تۈرىدىكى سودا ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزدە نەچچە يىل بۇرۇنلا چەكلەنگەن، دۆلەت ئىچىدە سودا قىلىشقا بولمايدۇ. NFT (ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك بولمىغان پۇل) گەرچە مەۋھۇم پۇل بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەينىدە ئوخشاشلا بىر يۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناھايىتى يېڭى ئەھۋال، تېخى كەسىپ ئۆلچىمى شەكىللەنمىدى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇنداق بازارغا كىرسە، ھەرقانداق خەتەرگە يولۇققاندا ئىستېمالچىلار مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ھەل قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296