大数跨境

ھېساباتىڭىزدا تۇيۇقسىز 100 مىليون يۈەن كۆپىيىپ قالدىمۇ؟

ھېساباتىڭىزدا تۇيۇقسىز 100 مىليون يۈەن كۆپىيىپ قالدىمۇ؟ NepKan
2021-12-30
1
导读:بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بىر كېچىدە باي بولۇش شېرىن چۈشىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن.
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بىر كېچىدە باي بولۇش شېرىن چۈشىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، گۇيجۇنىڭ گۈيياڭ شەھىرىدىكى لۇڭ ئەپەندى ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق زور داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈردى، ئۇ بۇ ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ بىر مەھەل مىليونېر بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
لۇڭ ئەپەندى بىردىنلا مىليونېر بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى پاي چېكى ھېساباتىدا كۆرسىتىلگەن ئومۇمىي مۈلكى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقانىدى.
لۇڭ ئەپەندى: 2:30 بولغاندا، مەن چاڭجياڭ ناملىق App نى ئېچىپ، 100 مىليون يۈەن كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.
لۇڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە ئۇمۇ پاي چېكى ئوينايدىكەن، ئەمما پاي چېكى ھېساباتىدا تۇيۇقسىز 100 مىليون يۈەننىڭ كۆپىيىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن، ئۇنىڭ دەسمايىسى ئاران 6 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. 
گەرچە پاي چېكى ئوينىغاندا پايدا ئالغىلى بولسىمۇ، لېكىن 6 مىڭ يۈەن ئارقىلىق 100 مىليون يۈەن تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھېساباتتىكى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا قاراپ، لۇڭ ئەپەندى سەل گاڭگىراپ قالدى. 
لۇڭ ئەپەندىنىڭ دوستى ئوۋ ئەپەندى: بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، ئۇنىڭغا يۈز مىليون يۈەنلىك بولۇپ قالدىڭ، سۈرەتكە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايلى، دېيىشتۇق. مەن ئۇنىڭغا بىر نەچچە مىنۇتتا بىر مىليونېرغا ئايلاندىڭ دېدىم. 
لېكىن، بىر مەھەل ھەيران قېلىش، ھاياجانلىنىش، تېڭىرقاشلاردىن كېيىن، لۇڭ ئەپەندىنىڭ مىليونېرلىقى ئۇزاق داۋاملاشمىدى، ئۇ بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، رېئاللىق ئۇنىڭغا قاتتىق بىر زەربە بەردى. 

لۇڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: توربەتكە قايتا كىرىشىم بىلەنلا تور نورمالسىزلاشتى، ئاندىن ھەممە پۇل يوقاپ كەتتى، ھېساباتىمدىكى مىقدار نۆل بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ ھېساباتىغا كىرىپ قالغان يۈز مىليون يۈەن يوقاپ كېتىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ 6 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىمۇ يوقاپ كەتكەنىدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ لۇڭ ئەپەندى دەرھال پاي چېكى مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىلاشتى.

«چاڭجياڭ» ناملىق App نىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتى دىرېكتورى مۇنداق دېدى: بۇ بىر سىستېما سىنىقى، ئاكسىيە شىركىتى بىلەن سودا ئورنى بۇ خىل سىناقلارنى پات-پات قىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئىش. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ھەپتە ئاخىرىدا ھېسابات ئاچىدۇ، شۇڭا بىز سىناق قىلغاندىمۇ ھەپتە ئاخىرىنى تاللايمىز. ئۇ كىشىنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلى دۈشەنبە كۈنى نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ. 
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296