大数跨境

شياۋمى شىركىتى 560 مىليونلۇق باجدىن قاچتىمۇ؟

شياۋمى شىركىتى 560 مىليونلۇق باجدىن قاچتىمۇ؟ NepKan
2022-01-09
2
导读:بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان ھۆكۈمىتى شياۋمى ھەتتا جۇڭگونىڭ يانفون سودىگەرلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى...

يېقىندا، ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان باج ئاخبارات ئىدارىسى (DRI) شياۋمى پەن-تېخنىكا ھىندىستان چەكلىك شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ شىركەتتىن 6 مىليارد 530 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 560 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)نىڭ باج پۇلىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
كونكرېت قانداق ئىش ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى:


ھىندىستان باج نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، شياۋمى ھىندىستان شىركىتىنىڭ كۇۋالكوم شىركىتى ۋە جۇڭگو بېيجىڭ شياۋمى كۆچمە يۇمشاق دېتال شىركىتىگە پاتېنت ئىجازەت ھەققى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى بايقىغان، بۇ خىراجەتلەر ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ باھالىنىدىغان باج قىممىتىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
بۇ مالىيە كەسپىي بىلىملىرى-تاموژنا بېجىنى باجلىتىش باھاسىنى ھېسابلاشقا چېتىلىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، شياۋمى ھىندىستان ئىمپورت تاۋارلىرىغا «پاتېنت ئىجازەت ھەققى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى»نى قوشماسلىق ئارقىلىق، تاموژنا بېجىنى باجلىتىش باھاسىنى مەلۇم قىلىشنى ئازايتىپ، بىر قىسىم تاموژنا بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.


ۋاقىتنى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ بىر قىسىم پۇلدىن قايتىدىن باج ئالماقچى بولىۋاتىدۇ.
بۇ ئەھۋال قارىماققا ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.
بىرىنچى نۇقتا: «پاتېنت ئىجازەت ھەققى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى» ئىمپورت قىلىنغان تاۋارنىڭ باھاسىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەكمۇ-يوق؟ بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردە بىر مۇرەككەپ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلە بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا بۇ قىسمى ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ باھاسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ تۈردىكى باج تۈرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ باج يىغىشىدا تېخىمۇ ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان.
ئىككىنچى نۇقتا: ھىندىستاندىكى ئوخشاش بولمىغان تارماق، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ باج سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشى ئوخشاش ئەمەس، قىسمەن ماددىلارمۇ مۈجمەل، چۈشىنىكسىز. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، باج تارماقلىرىنىڭ ئاتالمىش «مەسىلە»لەرنى تېپىپ چىقىشى ناھايىتى ئاددىي. ئەمەلىيەتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەت ئەل كارخانىسىنى قاقتى-سوقتى قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇستا ھۈنەر بولۇپ، مىكروسوفت، نوكىيا، سامسۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باج نامى بىلەن «قاقتى-سوقتى» قىلىنغان.


ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بۇ قېتىم ھىندىستاننىڭ شياۋمىنى «باجدىن قاچقان» دەپ ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي «قاقتى-سوقتى قىلىش»نىڭ داۋامى بولۇپ، جۇڭگو شىركەتلىرىگە بېسىم قىلىشقا ئىشلىتىدىغان باھانە ئىدى.
بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ مالىيە-باج خادىملىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مەيدان ئالاھىدە «باج تەكشۈرۈش بورىنى»نى قوزغىدى.
نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە دەيمىز؟
چۈنكى بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇن پەقەت جۇڭگو يانفون زاۋۇتلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش بولۇپ، شياۋمى، oppo، يىجيا قاتارلىق بىر قاتار جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار بەس-بەستە «قاپقان»غا چۈشكەن. پەرقى پەقەت شياۋمى ۋەقەسى ئاۋۋال ئاشكارىلاندى خالاس، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇزۇن ئۆتمەي، OPPO نىڭ ئاتالمىش «باجدىن قېچىش»مۇ ئېلان قىلىنىدىكەن.


باجدىن قېچىش، پاتېنت ئالاھىدە ئىجازەت ھەققى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى باھانە!
يېقىنقى خەلقئارا بازاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا ھەر ئۈچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىلسا، ئاز دېگەندىمۇ جۇڭگونىڭ ئىككى داڭلىق ماركىسى بار ئىكەن، ھىندىستان ئاللىقاچان جۇڭگو يانفون سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم جەڭ مەيدانىغا، شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلانغان.
Canalys ئېلان قىلغان 2021-يىلى 3-پەسىللىك سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شياۋمى 11 مىليون 200 مىڭ دانە مال چىقىرىپ، %24 لىك ئۈلۈش بويىچە سامسۇڭدىن ئېشىپ، ھىندىستاندا سېتىلىش مىقدارى بويىچە 1-ئورۇندا مۇقىم تۇرغان. ھىندىستان بازىرىدىكى ئالدىنقى بەش چوڭ يانفون كارخانىسىنىڭ تۆتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن، شياۋمىدىن باشقا، vivo ،realme ،OPPO قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىزىملىككە كىرگەن، جۇڭگودىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي قارشىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، 2020-يىلى ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %77 ىنى ئىگىلىگەن، 2019-يىلىدىكى نىسبىتى %72 بولغان.


بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان ھۆكۈمىتى شياۋمى ھەتتا جۇڭگونىڭ يانفون سودىگەرلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپ مەقسەت ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يانفون كەسپىنىڭ جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى بىلەن قارشىلىشىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
مودى ھۆكۈمىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدىلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياساش كەسپىنى ھىندىستاننىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دەسمايە سېلىپ، 500 مىليارد رۇبلى كەسىپ مۇكاپاتى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياساش كارخانىلىرىنىڭ تەدرىجىي باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شياۋمى قاتارلىق جۇڭگو ماركىلىرى تەبىئىي ھالدا مودىنىڭ «كۆزىگە قادالغان مىخ»غا ئايلاندى.
ـــ تۈنۈگۈن تېخى ئۇنى كىچىك تاتلىقىم دەپ چاقىرغان، بۈگۈن خېنىم دەپ توۋلىدىم، مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا، سېنىڭ پوقۇڭغىمۇ يەتمەيدۇ!


2020-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۇقۇمىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، 118 خىل جۇڭگو APP تۈرىنى چەكلىگەندىن تارتىپ، ھازىر جۇڭگو كارخانىلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقىچە، يەرلىك كارخانىلارنى يۆلەشنى بەك ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئەمما قىلمىشىڭىز بەكلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى خالاس.
مەنبە: كاپىتان خاتىرىلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-13

دەۋر ھالقىغان تۇرالغۇ

2021-09-04

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-03

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-02

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

2020-12-23

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

2020-12-23

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلاشما تىجارەتكە قارشى تۇرۇش

2020-12-21

ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كۈلپەتلىك دەقىقىلىرى

2020-12-20

ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قويۇپ بەرگەن پۇرسەت

2020-12-19

روكفېللېر ۋە ما يۈننىڭ تەقدىرداشلىقى ۋە پاراسەت پەرقى

2020-12-26

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

2021-08-13

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

2021-08-13

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-08-28

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-08

كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قانداق لوگىكا كېرەك؟

2021-09-11

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-18

ما يۈننىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2021-09-19

2021-يىلىدىكى يېڭى تىركىشىش، كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدۇ؟

2021-09-20

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-21

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-23

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قالتىسلىققا يېتىشتىكى يەتتە قەدىمى

2021-09-24

ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات

2021-09-25

مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي...

2021-09-26

خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟

2021-09-28

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-09-29

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى

2021-10-03

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: يەر-مۈلۈك قىسمى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-04

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

«سىياھ بېلىق ئويۇنى» كەينىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى

2021-10-10

خېڭدا نېمە ئۈچۈن....

2021-10-11

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى

2021-10-13

كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن

2021-10-14

كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟

2021-10-15

خېڭدا كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق پەيتى

2021-10-16

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

2021-10-16

بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»

2021-10-17

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-20

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

2021-10-21

كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟

2021-10-21

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

2021-10-23

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جەمەتىنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجى يەر مالىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

2021-10-27

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە قىزىل بايراق ئاپتوموبىلدىكى ۋاڭ جيەنلىن

2021-10-30

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

بىر ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان دۆلەت!

2021-11-01

يەر مالىيەسىدىن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئۆتۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2021-11-03

خېڭدادىن كېيىنكى قەرز كىرىزىسىدا قالغان ئۆي-مۈلۈك ئاتامانلىرى

2021-11-06

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-07

ھىڭگاڭ چىشلىق «يېشىل» كاپىتال

2021-11-10

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

2021-11-11

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-04

شۈجيايىننىڭ تەقدىرى بېكىتىلىپ بولدى

2021-12-06

شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

2021-12-06

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-12-26

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

2021-12-25

شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى

2022-01-04

------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0