搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە
>
لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە
NepKan
2022-02-14
2
导读:ئورۇنلار لەۋزىدە تۇرمىسا، قانۇنىي ۋەكىل، ئاساسلىق مەسئۇلنى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشك
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادىل، ئىلمىي ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئەلا ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ۋە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن پېچەتلەش ۋە قالايمىقان پېچەتلەش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ
1. ئىجرا قىلىنىدىغان مال-مۈلۈكنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىجرا قىلغۇدەك كۆپ خىل مال-مۈلكى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىرى كىچىكرەك ھەم ئىجرا قىلىشقا قولايلىق بولغان مال-مۈلۈكنى تاللاپ ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىجرا قىلىنغۇچى ئىجرا ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەلۇم مال-مۈلۈكنى ئاۋۋال ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش كېرەك؛ رۇخسەت قىلىنمىغانلىرىنىڭ مۇۋاپىق، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولۇشى كېرەك.
ئىجرا قىلىش جەريانىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بېقىۋاتقان ئائىلە تەۋەلىرى ئۈچۈن زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتىنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلكى بىلەن پايچىكلارنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا دېلوغا مۇناسىۋەتسىز شەخسىي مال-مۈلكىنى تەكشۈرۈپ، پېچەتلەشكە بولمايدىغان مال-مۈلۈككە ئىجرا تەدبىرى قوللىنىشنى قاتتىق چەكلىنىپ، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى، كارخانىچىلار ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
2. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتا، ئۇنىڭ قىممىتى كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن ھەقدارلىق سوممىسىنى ئۈزۈشكە يېتىدىغان چەك قىلىنىپ، ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن پېچەتلەش قەتئىي توسۇلىدۇ. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ بانكا ئىسچوتىدىكى ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىشتا، كونكرېت توڭلىتىش سوممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، توڭلىتىشتىن باشقا مەبلەغنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىغا ۋە ئىسچوتنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. پېچەتلەشكە تېگىشلىك كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ھەقدارلىق سوممىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتسە، شۇ كۆچمەس مۈلۈكنىڭ مۇناسىپ قىممىتىگە پېچەتلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئوخشاش بىر ھوقۇق گۇۋاھنامىسى ئاستىدا دېگەننى باھانە قىلىپ بۆلۈپ پېچەتلەش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كۆچمەس مۈلۈكنى ئومۇميۈزلۈك پېچەتلىگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ئىلتىماس قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ بۆلۈپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى پېچەتلەشنى بىكار قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلاردىن بۆلۈشنى تىزىملاش ۋە پېچەتلەشنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغانلىرىغا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 114ـ ماددىسى بويىچە مۇناسىپ جازا تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.
3. پېچەتلەش تەدبىرىنى جانلىق قوللىنىش. «جانلىق پېچەتلەش»كە بولىدىغان مال-مۈلۈكلەرنى ئىمكانقەدەر «ئۆلۈك پېچەتلەش»كە بولمايدۇ، پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈكلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى كارخانىنىڭ زاۋۇت بىناسى، ماشىنا-ئۈسكۈنە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى پېچەتلىگەن بولسا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى شۇ مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىگە زور تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ. مەبلەغ ئوبوروتى قىيىن بولغان، قەرزنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:
1) سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش پېچەتلەنگەندىن كېيىن، پىرىنسىپ جەھەتتە ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.
2) سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش پېچەتلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مەجبۇرىي پۇلغا سۇندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسىمۇ، ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئىجرا قىلغىلى بولسىمۇ، مال-مۈلۈك قىممىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ئادىل بولمايدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرسە بولىدۇ.
3) سېلىنىۋاتقان تاۋار ئۆي ياكى تەييار ئۆي پېچەتلەنگەندىن كېيىن، مۇناسىپ پۇلنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە مۇۋاپىق باھا بويىچە ئۆز ئالدىغا ئۆي سېتىشىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى سۈرۈكنى بېكىتكەندە، كونكرېت ۋاقىت تۈگۈنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۈرۈكنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ ئىجرا ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن، ئىجرا ھەقدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
4. مال-مۈلۈكنى پېچەتلەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈكنى پېچەتلىگەندىن كېيىن، ئامان قالغۇچى ياكى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈك ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
1) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاپ پېچەتلىگەندىن كېيىن، ئامان ساقلىغۇچى پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈك بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈككە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، مۇناسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئامان ساقلىغۇچىنىڭ مۇۋاپىق باھا بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.
2) ئىجرا جەريانىدا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈك ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ قەرزنى تۆلەشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىجرا قىلغۇچى ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ياكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلى ئارقىلىق بارلىق ئىجرا قەرزىنى تۆلەشكە يەتسە، رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ. ئامان قالغۇچى ياكى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرسە، قەرز بەرگۈچى ئاۋۋال مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش ياكى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاپ ئاندىن قەرز بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، رەنىگە قويۇش ياكى گۆرۈگە قويۇشنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنى قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك.
5. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى توڭلىتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەقدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە قەرزدارنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى توڭلاتقاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك:
1) ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توڭلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى توڭلىتىشتا، كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن ھەقدارلىق سوممىسىنى تۆلەشكە ئۇنىڭ قىممىتى چەك قىلىنىشى كېرەك. پاي چېكى قىممىتىنى توڭلىتىشتىن بۇرۇنقى سودا كۈنىنىڭ ئاخىرقى باھاسىنى ئۆلچەم قىلىپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئادەتتە %20 تىن ئېشىپ كەتمىگەن دائىرىدە مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. پاي چېكى توڭلىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىممىتىدە زور ئۆزگىرىش بولسا، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى توڭلىتىپ قويسا ياكى قىسمەن توڭلىتىشنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
2) سېتىشقا بولىدىغان توڭلىتىش. ئامان ساقلاش، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى توڭلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئامان ساقلىغۇچى توڭلىتىش تەدبىرىنى سېتىشقا بولىدىغان توڭلىتىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا، رۇخسەت قىلىش كېرەك. لېكىن ئامان قالغۇچىنىڭ ئاكسىيە شىركىتىدىكى مەبلەغ ئىسچوتىنى ئېنىق، كونكرېت سومما دائىرىسىدە توڭلىتىپ قويۇش كېرەك. ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى 2ـ دەرىجىلىك بازاردا سودىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا پاي چېكىنى سېتىپ قەرزىنى ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەلگىلىمە بويىچە بېجىرسە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن 10 سودا كۈنى ئىچىدە سېتىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
3) گۆرۈگە قويۇلغان پاي چېكىنى توڭلىتىش. بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى گۆرۈگە قويۇش ھەمدە گۆرۈگە ئالغۇچى شۇ دېلودىكى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولمىسا، نۆۋەتتە، خەلق سوت مەھكىمىسى توڭلىتىش تەدبىرى قوللانغاندا، پاي چېكىدە ساقلانغان گۆرۈگە قويۇلغان ھەقدارلىقنى ھېسابلاشقا توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقدارلىق سوممىسىنى توغرا ھېسابلاش كۆپ ھاللاردا تەسكە توختايدۇ، بولۇپمۇ پاي چېكىنى كۆپ قېتىم گۆرۈگە قويغاندا يەنە قايسى گۆرۈگە قويۇلغان پاي چېكىنى توڭلىتىشنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتىكى ھەقدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئادەتتە گۆرۈگە قويغان پاي چېكىنىڭ ھەممىسىنى توڭلىتىپ قويىدۇ، بۇنىڭدا ھەم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توڭلىتىش خەۋپى مەۋجۇت. شۇنداقلا گۆرۈگە قويغان ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقنى ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي پىرىنسىپنى ئىجرا قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئىككىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ۋە ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك
1. تەتبىقلاش شەرتى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىش كېرەك.
لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ياكى ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ تىزىملىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە دېيىلىدۇ)، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئىستېمالى ۋە ئالاقىدار ئىستېمالىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەردىكى شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ياكى ئىستېمالنى چەكلەش، جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلاردىن جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلغانلىرىغا قارارنامە تەييارلىشى ياكى ئىستېمالنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشى ھەمدە قانۇن بويىچە مەھكىمە باشلىقى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويۇپ تارقىتىشى كېرەك.
ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قارارنامىنى مەھكىمە باشلىقى ئىمزا قويۇپ تارقاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بويىچە دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، پەقەت ئىمزا قويۇپ تارقىتىش، يەتكۈزمەسلىك قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
2. مۇئەييەن ئۇزارتىلغان مۆھلەتنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان ياكى ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللانغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىغا بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ئۇزارتىش مۇددىتى بەرسە بولىدۇ. ئۇزارتىلغان مۆھلەت ئىچىدە، لەۋزىدە تۇرمىغان ياكى ئىستېمالغا چەك قويۇلغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىنچە ئېلان قىلماسلىق؛ مۇددىتى توشقاندا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى يەنىلا ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى قايتا ئېلان قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
3. جازالاش تەدبىرى قوللىنىلمايدىغان بىر قانچە خىل ئەھۋال. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلاردىن ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىدىغان، كېلىشىۋېلىش كېلىشىمىنى ئادا قىلىشنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ قەرزىنى ئۈزۈشكە يېتەرلىك مال-مۈلكىنى كونترول قىلغان ياكى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ۋاقتىنچە جازالاش تەدبىرى قوللانماسلىقنى ئىلتىماس قىلغانلىرىغا لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ياكى ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىدارە لەۋزىدە تۇرمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى، قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزسە بولمايدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قەرزى ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بولۇپ قالسا، ئادەتتە ئۇلارغا لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ياكى ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
4. ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشتىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال. خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىغا ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ۋاقتىنچە بىكار قىلسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1) ئورۇن ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ئىستېمالغا چەك قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى، قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىۋاسىتە جاۋابكارلار، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلار شەخسىي ئىستېمالنى باھانە قىلىپ، شەخسىي مال-مۈلۈكنى ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىقسا رۇخسەت قىلىش كېرەك.
(2) ئورۇن ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ئىستېمالى چەكلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلىدا ھەقىقەتەن تىجارەت باشقۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەسلىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى ئۆزىنىڭ ئىستېمالىنى چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئورۇننىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى ئەمەسلىكىنى، قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندە راست بولۇپ چىقسا، رۇخسەت قىلىشى كېرەك، ھەمدە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلىغا قانۇن بويىچە ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
(3) ئىستېمالغا چەك قويۇلغان شەخسلەر ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالانسا، يېقىن تۇغقانلىرى دەپنە قىلسا، شۇنداقلا ئۆزى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ياكى ئىجرا قىلىشقا ماسلىشىش، تاشقى ئىشلار پائالىيىتىگە قاتنىشىش ياكى مۇھىم ئىمتىھانغا قاتنىشىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقماقچى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئايروپىلانغا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇشقا چەك قويۇش تەدبىرىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، قاتتىق تەكشۈرۈپ ھەمدە شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇلارغا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتلىق بىكار قىلىش مۇددىتى بەرسە بولىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان خادىملار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغاندا، تولۇق كۈچكە ئىگە دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى ھەمدە تەلەپ بويىچە يازمىچە ۋەدە بېرىشى كېرەك؛ ساختا ئىسپات بېرىپ ياكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىستېمال ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا قوللانغان ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 111ـ ماددىسى بويىچە ئېغىر بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتا ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىقى كېرەك.
5. جازالاش تەدبىرى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەبئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى 12ـ ماددىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىپ تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلغانلار لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى بەلگىلىمىسىنىڭ 12ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش، ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشتا خاتالىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشتە، ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشتا خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، قانۇن بويىچە بىۋاسىتە تۈزەتسىمۇ بولىدۇ.
6. لەۋزىدە تۇرمىغانلار ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئۆچۈرۈش (توسۇش) كېرەك بولسا، ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش (توسۇش) تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك ئۇلارنى ئۈچ خىزمەت كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىتتا ئۆچۈرمەي، دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا بولىدىغان بولسىمۇ، تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىدا كۆپ خىل لەۋزىدە تۇرماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا مۇقىم مۇددىتى بار لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى ۋە مۇقىم مۇددىتى يوق لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئۇلار كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتە مۇقىم مۇددىتى بار تىزىملىك ئۇچۇرى ۋە مۇددىتى يوق تىزىملىك ئۇچۇرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆچۈرۈۋېتىش (توسۇش) كېرەك.
7. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرى ھەق ئالىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلەشنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرى ھەق ئالىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشىغا چەك قويۇش پەرزەنتلىرىنىڭ نورمال ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ، گەرچە شەخسىي مەكتەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەق ئېلىشى نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، چەكلەش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ تەدبىرنى قوللانغاندا، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈشى، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نورمال تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك؛ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنىشىدا خاتا مەلۇم قىلىش، خاتا ئوقۇش ئەھۋالى مەۋجۇت بولسا، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرى ھەق ئالىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان بولسا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى، مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.
8. جازالاشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش مېخانىزمى ۋە لەۋزىدە تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش
جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىغا دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش، ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش، ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ دەل جايىدا قوللىنىپ، نىسبەت پىرىنسىپىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0