
ئۇنى چىرايلىقكەن، بۇنى سەتكەن دېيىشىمىز، ئۇنداقتا
بۇنىڭغا زادى نېمە ئۆلچەم بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى بەش ئالاھىدىلىكتىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت شۇنىڭدىن ئىككىسى بولسىلا ئۆزىڭىزنى چىرايلىقكەنمەن دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.

1. تېرىسى ئاق بولۇش:
تېرە گۈزەللىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەيلى بەش ئەزايىڭىز قانداق بولۇپ كەتسۇن، ياخشى تېرە باشقىلارغا سىزگە نىسبەتەن تۇنجى تەسىرات پەيدا قىلىدۇ، سىزنىڭ بەلگىڭىز بولۇپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ تېرىسى ئاق كىشىلەر باشقىلارغا پاكىز ۋە ساغلام تەسىر بېرىدۇ.

2. كۆز قارىچۇقىنىڭ ئورنى:
مەيلى كۆز شەكلىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆز قارىچۇقىڭىزنىڭ ئورنى نەق ئوتتۇرىدا، يەنى كۆز قارىچۇقىڭىز ئاستى-ئۈستىدە كۆز ئېقى بولمىسا، ئىككى تەرەپتىكى كۆز ئېقى ئوخشاش نىسبەتتە بولسىلا سىز باشقىلارنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىسىز، سول ئاستىدىكى ھەقىقىي ئۆلچەملىك كۆز قارىچۇقىنىڭ شەكلى.

3.سىممېتىرىك يۈز شەكلى:
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىرىمىز بۇ شەرتكە توشمايمىز، شۇڭا سۈرەتكە چۈشكەندە يۈزىمىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق بىر تەرىپىنى قىلىۋالىمىز.

4.بۇرنى كىچىك بولۇش:
نۇرغۇن قىزلار ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى قىزلارنىڭ بۇرنى قاڭشارلىق دەپ ھەۋەس قىلىدۇ ۋە ياكى ھۆسىن تۈزىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئاسىيالىقلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىدا كىچىك بۇرۇن ھەممىدىن گۈزەل، شۇڭا ئارتۇق پۇل خەجلەپ بەش مو يەرگە بۇرۇن تېرىۋالغىنىڭىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.

5.مۈرىسى ئورۇق بولۇش:
چىرايلىق بولۇش بىلەن مۈرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ رەسىمگە قارىسىڭىزلا بىلىسىز، بەش ئەزايىڭىز ھەر قانچە ئۆلچەملىك بولۇپ كەتسىمۇ مۈرىڭىز يۇمىلاق گۆشلۈك بولۇپ كەتسە باشقىلار يۈزىڭىزگە سەپ سېلىشقىمۇ قىزىقمايدۇ.


