大数跨境

ئادەتتىكى كىشىلەر ۋىتامىن تولۇقلىسا زىينى بارمۇ؟

ئادەتتىكى كىشىلەر ۋىتامىن تولۇقلىسا زىينى بارمۇ؟ NepKan
2022-01-06
1
导读:ەزىلەر ھەتتا پەقەت يەپ قويسىلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمما خىزمىتى ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى «بىر خىل ياخشى دورا» بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، بەزىلەر ھەتتا كەم بولسۇن ياكى بولمىسۇن، پەقەت يەپ قويسىلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.


ھالبۇكى، «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نىكوتىن كىسلاتاسى (ۋىتامىن B3) ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار (ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E) ساغلام كىشىلەر توپىنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. دېمەك، ساغلام كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن تولۇقلىشىنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلىرى، سىزگە قانداق ئەھۋال ئاستىدا ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەمدە سىزنى ئىلمىي قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
زىيارەت قىلىنغۇچى مۇتەخەسسىس
جىڭ خاۋ پىروفېسسور، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تيەن يۈتىڭ
بۇ ماقالىنىڭ مۇھەررىرى: رېن لىنشيەن
تەرجىمىدە: خاسداۋا سالونى

ۋىتامىن تولۇقلاش راستتىنلا ساغلاممۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىن تولۇقلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە يېمەكلىك قۇۋۋەت دورىسى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى %40 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە %33 كىشى ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلغان.
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»نىڭ شىنلاڭ مىكرو بلوگىدا ئېلىپ بارغان تور تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %70 «نورمال يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا ئارتۇقچە ۋىتامىن تولۇقلايدىكەن.» بۇنىڭ ئىچىدە %70 ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تولۇقلانماستىن، بەلكى «ئۆزىدە كەمچىل» بولسا تولۇقلايدىكەن ياكى «ئېلاننىڭ تەسىرى»گە ئۇچرىسا ۋە «كۆپچىلىككە ئەگىشىپ» تولۇقلايدىكەن.
مۇخبىر مەلۇم بىر مال سېتىۋېلىش سۇپىسىدا «ۋىتامىن (维生素)» دەپ ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۈرىنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى، يەككىلىك ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنىڭمۇ، بىرىكمە ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئايلىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئاز بولغاندا 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى؛ يەنە ۋىتامىن C كۆپۈك تابلېتكىسى، يۇمشاق شېكەر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.

ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتا، «ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش»، «ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش»، «قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، مۇسكۇللارنى روشەنلەشتۈرۈش» قاتارلىق سۆزلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ باھا سۆزى «ۋىتامىنلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ چوقۇم زىيىنى يوق.»، «چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر!» دەپ قارىلىدۇ.
ئەمما، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ «ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.» دېگەن قارىشىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئوزۇقلۇق ئىلمى ساھەسىدە ۋىتامىن تولۇقلاش ئىزچىل تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ كەلدى.


2007-يىلى، دانىيە كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلىپ، بىر مەھەل قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان.
بۇ تەتقىقاتتا 47 تۈرلۈك تەتقىقات تەھلىل قىلىنىپ، ئەسلىدە ناھايىتى ساغلام بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلسا، ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىيە سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا ئارىلىشىۋالىدىغانلىقى، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىتامىنEنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %4، β كاروتىن ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %7، ۋىتامىنAنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %16 ئاشقان، ۋىتامىنCنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ئىلمىي ئاساس بولمىغان.
2019-يىلى «ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن D نىڭ سۆڭەك زىچلىقى ۋە سۆڭەك كۈچلۈكلۈكىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى يوق ئىكەن. ئامېرىكا راك كېسەللىكى تەتقىقات جەمئىيىتى يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تولۇقلىغۇچى دورىلارغا تايانماستىن، بەلكى مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
يېقىندا «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دىكى تەتقىقاتتا، سىناق قىلىنغۇچى 8295 كىشىنىڭ قېنىدىكى 6 خىل ۋىتامىن (A، D، E، C، B12 ۋە B9)نىڭ قويۇقلۇقى بىلەن ئامېرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باھالاپ چىقىلغان.
كۆپ ئۆزگەرگۈچى مىقدار تەڭشەلگەندىن كېيىن، ۋىتامىن D نىڭ ئېشىشى پۈتۈن سەۋەب ۋە ئالاھىدە سەۋەبلەردىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما باشقا بىر قانچە تۈردىكى ۋىتامىن سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى ئۆلۈم خەۋپىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ ئورتاق ئاشكارىلىنىشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ياخشى بولۇشى ناتايىن، بۇ مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بەش خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىتامىننى مۇنداق تولۇقلاش كېرەك
ۋىتامىن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بەش چوڭ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ، مايدا ئېرىشچان ۋە سۇدا ئېرىيدىغان دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1 (گۈڭگۈرتلۈك ئامىن)، ۋىتامىن B2 (رىبوفلاۋىن)، ۋىتامىن B3 (نىكوتىن كىسلاتاسى)، ۋىتامىن B9 (فولىك كىسلاتاسى)، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E، ۋىتامىن K قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 14 خىل ۋىتامىن بار.


ۋىتامىن ئادەتتە بەدەننىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولمايدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا، يېمەكلىكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، بەدەننىڭ كۈندىلىك ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، ئارام ئېلىشى قانۇنىيەتسىز بولىدۇ، دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يېيىش، تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك، تاماق تۈرى تولۇق بولماسلىق، تاماق تاللاپ يېيىش قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش زىيادە ئىنچىكە بولۇپ كېتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت.
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتى (2015-يىلى)»دا جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىدىكى 31 ئۆلكىدىكى 63 مىڭغا يېقىن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىنىڭ %80 تىن ئارتۇقىدا ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2 نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇپ، كىشىلەر توپىدا ۋىتامىن A، ۋىتامىن D كەمچىل بولغان.
گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندىلىك ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن كەمچىل بولۇش بىر قاتار ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ۋىتامىنلار ئىنتايىن مۇھىم.

ۋىتامىن A
ۋىتامىن A نورمال كېچىدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاش، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپ، كەم بولسا كەچلىك (夜盲症) قارىغۇسى، كۆز قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، مۈڭگۈزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ۋىتامىن A نى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئاران %40 ئىكەن.
بېلىق جىگىرى مېيى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىق ئۆسۈملۈك يېمەكلىكلىرىدە ۋىتامىن A بولمايدۇ، بىر قىسىم كاروتېن ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، پالەك، سەۋزە، كاۋا قاتارلىق قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلاردا كاروتىن مول.

ۋىتامىن D
ئۇ «قۇياش نۇرى ۋىتامىنى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ ئالمىشىشىنى تەڭشەش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ بۆلۈنۈشىنى تەڭشەش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارغا ئىگە. «ۋىتامىن D بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سۆڭەك ساغلاملىقى قوللانمىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شياڭگاڭ، گۇاڭجۇدىن باشقا، جۇڭگونىڭ قىسمەن شەھەرلىرىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋىتامىن D نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان.
يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن D نىڭ كېلىش مەنبەسى ئانچە مول ئەمەس، پەقەت بېلىق جىگىرى مېيى، جىگەر، تولۇق قايماقلىق سۈت، تۇخۇم سېرىقى، مايلىق بېلىق قاتارلىق ئاز ساندىكى مەنبەلەر بولۇپ، ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك ۋىتامىن D غا ئېرىشىشىدىكى ئەڭ ياخشى مەنبەدۇر.

ۋىتامىن C
ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن رادىكاللارنى تازىلايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، مەسىلەن، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ياخشى بولمىغاندا، ئاسانلا ۋىتامىن C كەمچىل بولىدۇ.
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، تەبىئىي مېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن كۆپرەك ۋىتامىن C قوبۇل قىلىنسا، راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

ۋىتامىن E
ۋىتامىن E ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپ، بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، ئادەتتە ياغ مېتابولىزمى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى ۋە بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
ۋىتامىن E نىڭ يېمەكلىك مەنبەسى كەڭ بولۇپ، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

B تۈردىكى ۋىتامىنلار
بۇ تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B12، نىكوتىن كىسلاتاسى، فولىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار بەدەندىكى مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىلاردۇر.
ۋىتامىن B1 كەم بولسا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلىرىدا تىپىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزدە ۋىتامىن B1 نىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئاران %28 ئىكەن.
B تۈردىكى ۋىتامىنلار كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتىن تولۇقلانسا، بەدەننىڭ قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
كۆپرەك قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن B1 نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؛
سۈت، تۇخۇم سېرىقى، قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتات، دانلىق زىرائەت، بېلىق گۆشى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن B2 نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؛
نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ يېمەكلىك مەنبەسى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ۋە تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مول بولغان ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردۇر، بولۇپمۇ بېلىق، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر؛
يوپۇرماق كىسلاتاسى يېمەكلىكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى كەڭ، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مېۋە قاتارلىقلار؛
ۋىتامىن B12 ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر، ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە بولىدۇ.

ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ئىشلىتىشكە بولىدۇ
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىك چوقۇم قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشنى توسۇشى كېرەك، نۇرغۇن قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى دورىلارنى كۆپ يېيىش، خاتا يېيىش ئەكسىچە سالامەتلىككە پايدىسىز. ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئاساسىي جەھەتتىن ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ.

تۆۋەندىكى ۋىتامىنلار زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە پايدىسىز:
1. ۋىتامىن A تاماقنى نورمال قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەگەر جىگەر، بېلىق مېيى ياكى ۋىتامىن A تولۇقلىغۇچى دورىلارنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلغاندا، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى نورمالسىزلىشىدۇ، ھەتتا سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ، يەنە جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ. 

2. ۋىتامىن C نى كۆپ مىقداردا تولۇقلىغاندا، ھەر كۈنى بەش گرامدىن ئېشىپ كەتسە، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۆرەك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن C نى كۆپ قوبۇل قىلسا، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆمۈرنىڭ زىيادە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندە ئەركىن رادىكاللارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

3. ۋىتامىن D ئەڭ ئاسان ھەددىدىن زىيادە كۆپ تولۇقلىنىدىغان بىر خىلى بولۇپ، ئەگەر بېلىق مېيى ياكى ۋىتامىن D تولۇقلىغۇچى دورىلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاندا كالتسىي كۆپىيىپ كېتىش، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

4. ۋىتامىن E نىڭ زەھىرى ئاجىز بولۇپ، كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا قان ئۇيۇش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جىگەر مايلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.


مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرالمايدىغان ياكى تۇرمۇش رىتىمسىز بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى ناچار بىمارلار، ئالاھىدە كېسەللىك بىمارلىرى (مەسىلەن، دىيابېت بىمارلىرى) قاتارلىقلار ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئارقىلىق كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، لېكىن كەسپىي ۋىراچلار ياكى ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي، داۋالاش خاراكتېرلىك تولۇقلاش كېرەك.
كۆپچىلىك ئوزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قانداق ياخشىلاشقا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەكشى بولۇش، نورمال دەم ئېلىش، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش، ھاراق-تاماكا تاشلاش قاتارلىقلار، ھەرگىزمۇ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسىغا تايىنىپ بەدەندىن «قەرز قايتۇرۇش» ئەمەس.
مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ھەيز مەزگىلىدىكى كېرەكسىز قانلارنى قانداق تازىلاش كېرەك

2020-12-14

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن مۇددەت يېتىۋېلىشنىڭ زىيىنى چوڭ

2020-12-15

تۇغۇتلۇق ئايال قىرىقى ئىچىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1-بۆلەك

2020-12-16

ئاق مور بىلەن ئاق قېرىنقۇلاقنىڭ قانداق پەرقى بار

2020-12-17

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار بۇ ئوكۇلنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ

2020-12-18

قۇلاق ئاغرىقىنىڭ ئاددىي ئاغرىق توختىتىش ئۇسۇلى قايسىلار

2020-12-19

ئانا سۈتى يېتىشمەيۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

2020-12-20

دىققىتىنى يىغالمايدىغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىقمۇ

2020-12-13

قىزىل پىيازنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى

2020-12-12

قەھۋە ئادەمنى ھورۇنلاشتۇرىۋېتەمدۇ

2020-12-11

ھەر كۈنى بىر تال ئاسپىرىن يەپ بەرسە راكنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ

2020-12-10

قولىغا سوغۇق سۇ بوتۇلكىسى ئېلىۋالسا تېخىمۇ ياخشى ئورۇقلامدۇ

2020-12-09

يېڭىلىق: ئورۇقلىتىش تەپەككۇر مەشىقى

2020-12-08

ئادەم بەك سېمىز بولۇشنىڭ قانداق زىيىنى بار

2020-12-01

ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك 10 ساۋات، ئەڭ ئاخىرىدىكىسى بەك مۇھىم!

2020-11-30

----

ئېلان:



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0