搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
>
ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
NepKan
2022-02-16
2
导读:ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ۋاڭ فامىلىلىك مەلۇم شىركەتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشقا قوبۇل قىلىنىش تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 قېتىملىق مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈلگەنلىك پاكىتنى يوشۇرۇپ، شىركەت بىلەن 3 يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن. توختام تۈزۈلۈپ 3 كۈندىن كېيىن، بۇ شىركەت تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىككە قارىتا ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شىركەت ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ئىلگىرى ئەسلىدىكى ئىش ئورنىدا كابېلنى ئوغرىلىغانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى بەرگەنلىكىنى بىلگەن. يەنە ئەسلىدىكى ئورنىدا برېزېنت ياپقۇچ (苫布) نى ئوغرىلىغاندا قولغا بايقىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ فامىلىلىك جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى بولغانلىقتىن ئەيىبلەنمىگەن. بۇ شىركەت تەكشۈرگەندىن كېيىن ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ چارە كۆرۈشكە ئۇچرىغانلىقىنى يوشۇرغانلىقىنى بۇ ئورۇننىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىش شەرتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەش مۇددىتىدە ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا مۇۋاپىقمۇ؟
<ئەمگەك توختام قانۇنى> دا «ئەمگەك توختامنامىسىنى تۈزگەندە قانۇنلۇق بولۇش، ئادىل، باراۋەر، ئىختىيارى بولۇش، مەسلىھەتى بىردەك بولۇش، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ۋە ئەمگەك توختامىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسلىق ئەھۋاللارنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق. ئەمگەكچى ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىش لازىم. ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن قانۇن ئالدىدىكى ئورنى باراۋەر ھەمدە ئەمگەك توختام تۈزۈش جەريانى بولسا پۈتۈنلەي ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى ھەمدە كۆڭلىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمگەك توختام تۈزگەن جەرياندا ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەمىمىي، ياخشى نىيەتتە ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش، ئالدىماسلىق، لەۋزىدە تۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا <ئەمگەك توختام قانۇنى> نىڭ 39-ماددىسىغا ئاساسەن، «سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەش ۋاقتىدا، ئەمگەكچى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىقتىسادى تولۇقلىما پۇلى بېرىشى زۆرۈر ئەمەس.
بۇ دېلودا ۋاڭ فامىلىلىك ئىشقا قوبۇل قىلىنىش تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 قېتىملىق مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈلگەنلىك پاكىتنى يوشۇرغان. بۇ بولسا يالغانچىلىق، يامان نىيەتلىك ھەرىكەت بولۇپ، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان. تۈزۈلگەن توختام گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئىختىيارلىق يالغان ماتېرىيال ئاساسىدا قۇرۇلغان. ماھىيەت جەھەتتە باراۋەر بولۇش، ئىختىيارى بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان.
بۇ شىركەت ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ چارە كۆرۈشكە ئۇچرىغانلىقىنى يوشۇرغانلىقىنى بۇ ئورۇننىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىش شەرتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەش مۇددىتىدە ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا مۇۋاپىق.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0