大数跨境

كۈنىگە 180 مىليون پايدا ئالىدۇ: پەردە ئارقىسىدىكى پايچېكى كىم؟

كۈنىگە 180 مىليون پايدا ئالىدۇ: پەردە ئارقىسىدىكى پايچېكى كىم؟ NepKan
2022-01-07
1
导读:لېكىن قىممەتكە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمىشە ئىچكى ماجىرا ئەھلى بولالايدۇكى، تاشقى ئۇرۇش ئەھلى بولالما


كۈنىگە 180 مىليون يۈەن پايدا ئالىدۇ: كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پايچېكى كىم؟
2021-يىلى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى، كېشىڭ بىيولوگىيەسى بۇ يۇقۇم يىلىدا زور پايدا ياراتتى.
كېشىڭ بىيولوگىيەسى ئېلان قىلغان مالىيەگە ئاساسلانغاندا، پەقەت 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ تىجارەت كىرىمى 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، ساپ پايدىسى 5 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 33 مىليارد يۈەن بولۇپ، كۈنىگە 180 مىليون يۈەن پايدا ئالغان. پۇل تېپىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، كېشىڭ ۋاكسىنىسى 2 مىليارد 500 مىليون تال سېتىلىپ، دۇنيا بويىچە ۋاكسىنا دەرىجىدىن تاشقىرى تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلانغان.


بىرازىلىيە، چىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كېشىڭ ۋاكسىنىسىنى كىرگۈزگەن. كېشىڭ ۋاكسىنىسىنىڭ چەتئەلدىكى سېتىلىشى كېشىڭ بىيولوگىيەسىگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى. كېشىڭ بىيولوگىيەسى دۇنيا بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق كارخانىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە 2021-يىلى ئالدىنقى قاتاردىكى تېببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۇنداقتا، كېشىڭ بىيولوگىيەسى تاپقان بۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق بۆلۈشۈش كېرەك؟ كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ كەينىدىكى پايچېكلار قايسىلار؟ كېشىڭ بىئولوگىيە شىركىتى زادى قانداق شىركەت؟
كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كەمىنە كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئىنتايىن خەلقئارالاشقان تېببىي دورا كارخانىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچېكى جۇڭگودا خېلى بۇرۇنلا داڭقى چىققان SoftBank گۇرۇھى بولۇپ، %15.07 پاي ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى چوڭ پايچېك كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ CEO سى يىن ۋېيدۇڭ بولۇپ، پاي ھوقۇقى %8.89 نى ئىگىلىگەن.


ئۈچىنچىدىن بەشىنچىگىچە چوڭ پايچېك ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.39 پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان دىڭخۇي مەبلەغچىلىكى،  %8.25 پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان يۇڭئېن خەلقئارا شىركىتى ۋە %8.25 پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان ۋېيۋۇ كاپىتالىدىن ئىبارەت. يىن ۋېيدۇڭ، دىڭخۇي مەبلەغچىلىكىدىن باشقا، SoftBank گۇرۇھى، يۇڭئېن خەلقئارا ۋە ۋېيۋۇ كاپىتالىنىڭ ھەممىسى چەت ئەل كاپىتال ئاپپاراتلىرى بولۇپ، چەت ئەل كاپىتال ئاپپاراتلىرى جەمئىي %31.5 پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتقان.


ئەگەر پايچېكلارغا پايدا تەقسىملەش ئۆلچىمى بويىچە پايدا ئايرىغاندا، كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى 33 مىليارد يۈەن ساپ پايدىسى ئىچىدە تەخمىنەن 10 مىليارد 400 مىليون يۈەن چەت ئەل مەبلىغىگە تەۋە بولىدۇ. كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار، بۇ پەقەت ئالدىنقى يېرىم يىللىق ساپ پايدا. يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە، كېيىنكى يېرىم يىلدا كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ساپ پايدىسى يەنىلا ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىن.
ياپونىيە SoftBank گۇرۇھى كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئىي ھالدا كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەرنى كۆرۈپ، بەلكىم بەزىلەر قايىل بولماسلىقى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن بىر جۇڭگو ۋاكسىنا شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى SoftBank گۇرۇھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟
كەمىنە ئادىل گەپ قىلسام، SoftBank گۇرۇھى كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پاي ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما SoftBank گۇرۇھى 2021-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېچىنىشلىق زىيان تارتقان گۇرۇھ بولۇپ قالدى. مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە، ئەزەلدىنلا توققۇز قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، بىر قېتىم غەلىبە قىلىدۇ.


يېڭىچە تاجىسىمان ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن بۇرۇن، كېشىڭ بىيولوگىيەسى پەقەت لاينى تامغا چاپلىيالمايدىغان شىركەت ئىدى. ئەڭ شانلىق پەيتى، ئامېرىكا پاي بازىرىدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان ۋاقىت ئىدى، بۇنىڭ بىلەن كېشىڭ بىيولوگىيەسى جۇڭگودىكى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا پاي بازىرىدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان ۋاكسىنا كارخانىسى بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن كېشىڭ بىيولوگىيەسى مۇرەككەپ پاي ھوقۇقى كۈرىشى ۋە قانۇن ماجىرالىرىغا دۇچ كېلىدۇ. 2020-يىلىغا بارغاندا، كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى ئاران 67 مىليون 700 مىڭ دوللار بولۇپ، 12 مىليون 650 مىڭ دوللار زىيان تارتقان.
كېشىڭ بىيولوگىيەسى 2004-يىلى ئامېرىكا پاي بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، 16 يىلدىن بىرى ئەزەلدىن پايدا تەقسىم قىلىپ باقمىغان. پايدا بۆلۈشمەسلىكنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىرىنچىدىن، پۇل تاپالماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، پاي ھوقۇقى كۈرىشى ئىدى. يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى شىركەتكە قارىتا زەھەرلىك كومىلاچ پىلانىنى يولغا قويۇپ، كېشىڭ بىيولوگىيەسىنى تىجارەتنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر شىركەتنى، كىم كۆزگە ئىلىدۇ دەيسىز؟


SoftBank گۇرۇھى بۇنىڭغا كۆز تىكىدۇ، كۆز تىكىپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچېكى بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدىكى بىرىنچى چوڭ پايچېك جۇڭگو چياڭشىن كاپىتالىنىڭ پاي ھوقۇقى %4.69 تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەرەپ ئاساسلىقى چەت ئەل مەبلىغى ئاپپاراتلىرى بولىدۇ.
ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالى بولمىغان بولسا، SoftBank گۇرۇھىنى ۋەكىل قىلغان چەت ئەل مەبلىغى ئاپپاراتلىرى مۇقەررەر ھالدا كېشىڭ بىيولوگىيەسىگە يىقىلىپ چۈشۈپ، دەسمايىنى قايتۇرۇۋالالمىغان بولاتتى. لېكىن چەت ئەل مەبلىغى خەۋپ-خەتەر سېلىنمىسى جەھەتتە تېخىمۇ جۈرئەتلىك، تېخىمۇ چىداملىق، تېخىمۇ سەۋرچان. خەۋپلىك مەبلەغ سېلىش بولسا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ، توققۇز قېتىم مەغلۇپ بولۇپ بىر غەلىبە قىلىدىغان جەرياندۇر.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىم SoftBank گۇرۇھى كېشىڭ بىيولوگىيەسىدە يەنە ئۇتتى. ئەگەر سىز كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدا چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇنداقتا، ئوخشاش سوئالنى تېڭشۈن، ئەلى باباغىمۇ قويۇشقا بولىدۇ.
ئەينى چاغدا، ما خۇاتېڭ QQ نى 2 مىليون يۈەنگە لېي جۈنگە سېتىپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما لېي جۈن ئالمىغان.


كېيىن، %20 پاي ھوقۇقىنى لى جياچېڭنىڭ چوڭ ئوغلى لى زېجۈگە سېتىپ بەرگەن، ئەمما لى زېجۈ ئازراق پۇل تېپىۋېلىپلا پۇلنى نەقلەشتۈرۈپ پاي ھوقۇقىنى قولدىن چىقىرىۋەتكەن. پەقەت جەنۇبىي ئافرىقا گېزىتچىلىك گۇرۇھىلا نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بازار قىممىتىنى قەتئىي ساقلاپ كەلگەچكە، ئاخىرىدا 1 تىرىليون يۈەنلىك بازار قىممىتىگە ئېرىشتى.
ما يۈن ئەلى بابانى دەسلەپ قۇرغان چاغدا، نەچچە يۈز مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدىگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى يەرلىك مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمما ئاخىرىدا پەقەت سۈن جېڭيىلا ما يۈنگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ، ما يۈن قۇرغان ئەلى بابانىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن. ئوخشاشلا، SoftBank گۇرۇھىمۇ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئەلى بابادىكى پاي ھوقۇقىنى 2020-يىلى ئاندىن ئازراق تۆۋەنلەتكەن. بۈگۈنگە قەدەر، SoftBank گۇرۇھى يەنىلا ئەلى بابانىڭ بىرىنچى چوڭ پايچېكى بولۇپ كەلمەكتە.


جۇڭگو كاپىتالىنىڭ پۇرسىتى يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە، بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە يەرلىك كاپىتالنى ئالدىن تاللىغان. لېكىن يەرلىك كاپىتال ئاپپاراتلىرىنىڭ نەزىرى بەك تۆۋەن بولۇپ، تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، تەكەببۇرلۇق ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېغىر بولغاچقا، ئۇلار بۇ پۇرسەتلەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەتتى.

خەۋپلىك مەبلەغچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەۋپ-خەتىرى زور، پايدىسىمۇ زور. SoftBank گۇرۇھىنىڭ ئەلى بابادىن، كېشىڭ بىيولوگىيەسىدىن زور پۇل تاپقان بولسىمۇ، ئەمما دى دى، ئۇبېر، Wework، مەنباڭ گۇرۇھى قاتارلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئالاقە تورى شىركەتلىرىدىن زور زىيان تارتتى.
SoftBank گۇرۇھى 2021-يىلى، شۇنداقلا ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ زىيان تارتقان كارخانا. SoftBank گۇرۇھىنىڭ مالىيە دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، SoftBank گۇرۇھى 2021-مالىيە يىلىدا كۈنىگە 400 مىليون يۈەن زىيان تارتقان. ھەر كۈنى كۆزىنى ئاچقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، سۈن جېڭيى 400 مىليون يۈەن زىيان تارتقان. كېشىڭ بىيولوگىيەسى كۈنىگە 180 مىليون يۈەن پايدا ئالىدۇ، SoftBank گۇرۇھى %15 نى ئىگىلەيدۇ، يەنى كۈنىگە 27 مىليون يۈەن پۇل تاپىدۇ.


كېشىڭ بىيولوگىيەسىگە ئوخشاش شىركەتلەردىن SoftBank گۇرۇھى بىرلا ۋاقىتتا 15 شىركەتكە مەبلەغ سالغاندىلا، ئاندىن زىيان تارتماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، كېشىڭ ۋاكسىنىسىمۇ پەقەت 100 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان چوڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا، ئاندىن دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالىدى.
كۆرۈۋاتقىنىمىز شۇكى، SoftBank گۇرۇھى ئەلى باباغا، كېشىڭغا دو تىكتى، ئەمەلىيەتتە، كېشىڭنىڭ يېرىم يىلدا تاپقان پۇلىمۇ SoftBank گۇرۇھىنىڭ ئاران 12 كۈنلۈك زىيىنىنى تولۇقلاشقا يېتەتتى. ھەر قېتىم SoftBank گۇرۇھى نەچچە ئون مىليارد زىيان تارتقاندا، SoftBank گۇرۇھى ئامالسىز ئەلى بابانىڭ پېيىنى سېتىپ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
كېشىڭ بىيولوگىيەسىنىڭ جىسمىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، چەت ئەل مەبلىغى بەك كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى يەرلىك كاپىتال كارغا كەلمەيدۇ. كۈدە ئورۇشتا يەرلىك كاپىتالنىڭ ھەممىسى قالتىس، لېكىن قىممەتكە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمىشە ئىچكى ماجىرا ئەھلى بولالايدۇكى، تاشقى ئۇرۇش ئەھلى بولالمايدۇ.

ساڭا پۇرسەت بەرسەم، چىڭ تۇتالمىدىڭغۇ؟!!!!
مەنبە: كاپىتان خاتىرىلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس

2021-10-12

خېڭدا ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2021-10-11

شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن

2021-10-10

ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟

2021-10-10

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-10-09

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش

2021-10-09

ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟

2021-10-09

ئۈندىدار راستىنلا شەخسىيىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلامدۇ؟

2021-10-09

مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟

2021-10-08

دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟

2021-10-08

توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش ۋە مەركەزنىڭ قارارى

2021-10-08

ئۇزاق مۇددەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش

2021-10-07

ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش

2021-10-07

ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟

2021-10-07

ھاياتنى چۈشەنگەن چۈشەنمىگەنلىكىگە قاراشتا 4 ئىشقا قاراش كېرەك

2021-10-07

«ساراڭ»لىقتىن يىلىغا نەچچە ئون مىليون كىرىم قىلغۇچە

2021-10-07

باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟

2021-10-06

پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى

2021-10-06

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟

2021-10-06

ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟

2021-10-05

دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-03

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-09-29

دىققەت: مۇنتىزىم شىركەتكە پۇل ئالدامچىلىق شايكىسى يوشۇرۇنغان

2021-09-28

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟

2021-09-28

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0