
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!

كۆپچىلىك مۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانمۇ-يوق بىلمەيمەن: مەلۇم ئۈندىدار توپىدا تۇيۇقسىز ناتونۇش كىشىلەر شەخس ئۆزى ھەمبەھرلىگەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق توپقا قوشۇلىدۇ، ئاندىن بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك كىچىك ئېلانلارنى تارقىتىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ.
ئەمما شەخس ئۆزى توپنىڭ ئىككىلىك كودىنى پەقەتلا ھەمبەھىرلەپ باقمىغان تۇرسا، بۇ زادى قانداق ئاشكارىلىنىپ قالغاندۇ؟

يېقىندا بىز بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ بىر ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىدۇق: ئۇلار ئاساسەن ئاتالمىش جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ باققانلاردۇر.
«سىستېما مېنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلەرنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ئۇچۇر قايتۇرماڭ!»
«جەسەت تازىلىنىۋاتىدۇ، خاتا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىڭىز ئەپۇ قىلىڭ!»
قىسمەن ئابونتلار ئىشنى ئازايتىش ۋە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ خىل جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقىلاشمىغان دوستلىرىنى تازىلايدۇ، بۇ خىل مۇلازىمەتكە زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. جەسەت تازىلانغاندىن كېيىن، قالايمىقان ئېلان ئىمبارگۇسىغا يولۇقتىڭىزمۇ؟
«ئەڭ تېز سۈرئەتتە جەسەت تازىلاش، بىخەتەر، مۇقىم بولۇش، ئىچكى ساقلىغۇچنى قويۇپ بېرىش، تەكشۈرۈشتە ئىز قالدۇرماسلىق» ...... بەلكىم سىزمۇ دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ تۈردىكى جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.

جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئېلانى
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «دوستۇمنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەقسىز جەسەت تازىلاش»، «توپقا تارقاتسىڭىز، سوۋغاتقا ئېرىشىسىز»... قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئەھۋالدىن بىخەۋەر ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۇلانما، ئىككىلىك كود قاتارلىق «كىرىش ئېغىزى»نى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار توپى، دوستلار چەمبىرىكىگە تارقىتىشقا قىزىقتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق «ۋىرۇسسىمان» تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
بەزى يۇمشاق دېتاللار يەنە ئورگان تەرەپ جەسەت تازىلاش ئەترىتى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «پەقەت بىر مىنۇتتىلا تەكشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ.» ئۇنىڭ ئۈستىگە «ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ، خاتا ئۆچۈرۈشتىن مۇستەسنا!» دېگەندەك تەشۋىقات سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ.

جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئېلانى
قىسمەن ئابونتلار «جەسەر تازىلاش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەمبەھرلىگەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق توپقا كىرگەنلىكىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئېلان توپلىرىغا باشقىلار تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ ئىمبارگۇسىغا چىدىماي، زادى قايسى ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى، توپنىڭ ئىككىلىك كودىنىڭ قانداق ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ.
تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئەسلىدە جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، قارشى تەرەپ سىزدىن بىر ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن، بۇ ئىككىلىك كود ئەمەلىيەتتە ئۈندىدار PC نۇسخىسى ياكى تور بەت يۈزىدىكى تىزىملىتىش ھوقۇق نومۇرى بولۇپ، پەقەت كودنى سىكاننېرلاپ جەزملەشتۈرسىڭىزلا، قارشى تەرەپ بۈكتۈرمىدىكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىزنىڭ بارلىق ئابونت ھوقۇق دائىرىڭىزگە ئېرىشەلەيدىكەن.
سىزنىڭ ھېسابات نومۇرىڭىز، دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىز، توپ ئىككىلىك كودىڭىز، مالىيە ئۇچۇرىڭىز قاتارلىقلار مۇشۇ قەدەمدىن باشلاپ ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ.

جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئېلانى
2. توپنىڭ ئىككىلىك كودى قانداق ئاشكارىلىنىدۇ؟
جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالىنىڭ پىرىنسىپى ماھىيەتتە بۈكتۈرمىدىكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى كونترول قىلىپ، ئاپتوماتىك ھالدا بارلىق دوستلارغا توپ ئۇچۇر يوللاپ، ئاندىن يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قايسىلىرىنىڭ جەسەت ئىكەنلىكىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت.
بۇنداق بىر قېتىملىق جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتىنىڭ ھەققى ئادەتتە ناھايىتى ئەرزان، ھەتتا ھەقسىز بولىدۇ، ئەجەبا جەسەت تازىلاش ئەترىتى كۈندە ياخشىلىق قىلىدىغان، باشقا ئىشى يوق لېي فېڭمىدۇ؟
ئىش ئەلۋەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.
قانۇنسىز ئۇنسۇرلار سىزنىڭ ھوقۇق بېرىشىڭىزگە ئېرىشىپ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈندىدار توپىنىڭ ئىككىلىك كودىنى تۈركۈملەپ ئوغرىلايدۇ ھەمدە بۇ توپنىڭ ئىككىلىك كودىنى رەسىم شەكلىدە مۇلازىمىتېردا ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدامچىلىق، قىمار ئويناش قاتارلىق جىنايەت شايكىلىرىغا ھايىنىغا سېتىپ پايدا ئالىدۇ.
مانا بۇ سىز ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەن، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ سىز ھەمبەھىرلىگەن توپنىڭ ئىككىلىك كودىغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى.

گۇماندار ئېرىشكەن توپنىڭ ئىككىلىك كودى

ئارقا سۇپىدىكى سېلىشتۇرۇش ئىككىلىك كودى كۈچتىن قالامدۇ يوق؟
3. قانۇنسىز جەسەت تازىلاش يۇمشاق دېتالىنىڭ كۈلرەڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى
بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان، نۇرغۇن رايونلاردا ناتونۇش كىشىلەر كود سىكاننېرلاپ توپقا كىرىپ قىمار ئويناش، سېتىش قاتارلىق قانۇنسىز ئېلانلارنى تارقاتتى، ھەتتا ئالدامچىلىق قىلدى.
9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈندىدار ئەترىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن نەنتۇڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۈندىدار زەھەر تازىلاش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ئۇچۇرغا ئېرىشكەن دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى.
بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، بەزىلەر سىستېما ئېچىش ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولغان، بەزىلەر ئىككىلىك كودنى سېتىپ پايدا ئېلىشقا مەسئۇل بولغان، يەنە بەزىلەر ئۈندىدار سالون نومۇرى ئارقىلىق پايدا ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۈچ ئايدىلا 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغان.
ئاتالمىش «ئورگان گۇۋاھلىقى، خاتىرجەم زىيارەت قىلىڭ!» دېگەنلەر پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىق پىسخىكىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈندۇر، ئالدامچىلار ھەرگىزمۇ ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بەلكى مۇلازىمېتىر ئىجارىگە ئېلىپ ئۆز ئالدىغا سىستېما قۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالداپ ھوقۇق بېرىشكە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە بۈكتۈرمىدىكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۈركۈملەپ ئۈندىدار توپىنىڭ ئىككىلىك كودىغا ئېرىشىپ، تۈركۈملەپ ئەگىشىش، تۈركۈملەپ يۈرەكلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ.

ئۈندىدار سالونىغا تۈركۈملەپ ئەگىشىش
قارىماققا ئاددىي، قولايلىق كۆرۈنىدىغان بۇ جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتى مانا مۇشۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ئابونتلار ئۇچۇرىڭىزنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى زور پايدا ئالىدىغان قورالغا ئايلاندۇرىدۇ. كۈلرەڭ قارا ئىشلەپچىقىرىش كوللېكتىپىنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئېشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى يېتەرلىك ئەمەس.
ئۈندىدار كوللېكتىپى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:
سىز بۇ تۈردىكى جەسەت تازىلاش بۈكتۈرمە يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھېسابات نومۇرىنى پۈتۈنلەي باشقىلارغا «ئۆتكۈزۈپ بېرىش»تىن دېرەك بېرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاتالمىش جەسەت تازىلاش مۇلازىمىتىدىن يىراق تۇرۇپ، يولۇقۇش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۈكتۈرمىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ياكى ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، بىزمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئالاقىدار ھېسابات نومۇرىنى پەلەمپەيسىمان جازالايمىز، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قەدىرلىشىنى، ئورگان تەرەپ يۇمشاق دېتال كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى بۈكتۈرمە ئىقتىدارىغا ئىگە قىستۇرما دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمەسلىكىنى سورايمىز.
ئەگەر كۆپچىلىك ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق توپقا كىرگەنلىكىنى بايقىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
1. چوقۇم ئالدى بىلەن مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىپ، ھېسابات نومۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛
2. توپ باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ توپ ئىگىسىنىڭ قوشۇلغاندىن كېيىن كىرىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىشنى سىناپ بېقىش؛
3. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش»نى بېسىش ئارقىلىق، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى توپتىن چىقىرىۋېتىش ياكى يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئېرىشكەن ئىككىلىك كودنى كۈچتىن قالدۇرۇش؛

4. ئۈندىدار ئابونتلار تېرمىنالى «مەن ـ تەڭشەك ـ ھېسابات نومۇرى ۋە بىخەتەرلىك ـ تىزىملىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش»دىن ئۆزى تىزىملاتمىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش.
(ماقالە مەنبەسى: ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى)
شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:
1. «00، +»دىن باشلانغان چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلسىڭىز، چوقۇم ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈڭ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن 110 تېلېفونىنى قوبۇل قىلىڭ؛
2. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەڭ؛ ناتونۇش ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماڭ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنى چەكمەڭ؛
4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى

تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!
مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

