搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
تور ئويۇنىغا 30 مىليون قاچىلاپ ئۆلۈۋالغان مەكتەپ مۇدىرى
>
تور ئويۇنىغا 30 مىليون قاچىلاپ ئۆلۈۋالغان مەكتەپ مۇدىرى
NepKan
2021-12-03
1
导读:رېئال تۇرمۇشتا قانمايدىغان شۆھرەتپەرەسلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئويۇن دۇنياسىدا پۇل قاچىلاش ئارقىل
ئايال مەكتەپ مۇدىرى 30 مىليون يۈەن پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى: ۋاڭيى ئويۇنىدا زادى قانچىلىك زەھەر بار؟
تېڭشۈن ئويۇنى 1 مىليون پۇل تېپىش ئۈچۈن، 10 مىڭ ئادەمنىڭ ھەر بىر ئادەم بېشىدىن 100 يۈەن تاپىدۇ.
ۋاڭيى ئويۇنى 1 مىليون يۈەن پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىر ئادەمدىن 1 مىليون تاپالايدۇ.
ئوخشاشلا ئويۇن، تىجارەت تاكتىكىسى ئوخشاش بولمىسا، كېلىپ چىققان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تىڭشۈن ئويۇنلىرى ھەممە ئادەمنىڭ يانچۇقىنى كولايدۇ، ۋاڭيى ئويۇنلىرى بولسا پەقەت پۇلدارلارنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ.
«توڭ مىن» ئىسىملىك سىچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئايال مۇدىرى بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى. بۇ ئادەتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەمەس، بەلكى 50 مىليون يۈەنلىك ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئايال مەكتەپ مۇدىرى دەل ئالدامچىلىق دېلوسىنىڭ مەشغۇلاتچىسى. ئۇ ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەن بۇ 50 مىليون يۈەن پۇلغا سومكا، سائەت، ئېسىل ماشىنا، ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋالمىغان، بىلمەيدىغانلار ئۇنى ياخشى قىز، ياخشى ئوقۇتقۇچى، ياخشى مەكتەپ مۇدىرى دەپ قارىغان.
ئەمما، بۇ ياخشى مەكتەپ مۇدىرى پۇلنىڭ ھەممىسىنى «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى» دېگەن ئويۇنغا قاچىلىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توڭ مىننىڭ بۇ ئويۇنغا 30 مىليون يۈەن قاچىلانغانلىقى ئېنىقلانغان. ئېشىپ قالغان 20 مىليون يۈەننىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن كەمىنىنىڭ مۆلچەرىچە، كۆپ قىسمى ئويۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان.
50 مىليون ئاز ئەمەس، توڭ مىننىڭ ئالدامچىلىق ھىيلىسى بەك ناچار. ئۇ يوچۇقلىرى ناھايىتى كۆپ بىر توختام تۈزۈپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋەدە بېرىپ، تيەنلى يەسلىسىگە مەبلەغ سېلىش نامى بىلەن %20 لىك پايدا نىسبىتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق سالاھىيىتى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تيەنلى گۇرۇھىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى مائارىپ گۇرۇھى ئىكەنلىكىگە ۋەدە بەرگەن.
بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇنىڭغا شەرتسىز ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا 50 مىليون يۈەن بەرگەن.
نېمە ئۈچۈن بىر خىل ئويۇن بىر ئايال مەكتەپ مۇدىرىنى ئالداپ مەبلەغ توپلاش يولىغا باشلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر خىل ئويۇن بىر ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئەسەبىي ئىستېمال 30 مىليوندىن ئاشىدۇ؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى.
رېئال تۇرمۇشتا قانمايدىغان شۆھرەتپەرەسلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئويۇن دۇنياسىدا پۇل قاچىلاش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
ۋاڭيى ئاچقان «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى»نى مىسالغا ئالايلى. «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى»دا، تۇڭ مىن غايىبانە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بىر قوللۇق «تاۋرۇ (桃若)»، «مېھىر-مۇھەببەت (挚爱)»دىن ئىبارەت ئىككى قوشۇننى بەرپا قىلىپ، يىلبويى تۆتتىن بەشكىچە كەسپىي خادىم ياللاپ مەشىق قىلدۇرغان. پەقەت ۋاكالىتەن مەشىق قىلىشقا تۆلەيدىغان خىراجەت ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ.
ئويۇن جەريانىدا، جەڭ قوشۇنى ئېرىشكەن مىليون يۈەن مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى توڭ مىن ئوخشاشلا جەڭ قوشۇنى ئەزالىرىغا بۆلۈپ بەرگەن. ئويۇندىكى توڭ مىن ئادەتتىكى بىر ئايال مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس، بەلكى سىرلىق ئايال ئويۇنچى، مەۋھۇم دۇنيادا پۇلنى پاخالدەك خەجلەيدىغان زومىگەر باش دىرېكتور.
«تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى» دۇنياسىدا، «تاۋرۇ» دېگەن ئىسىمنى بىلمەيدىغان ھېچكىم يوق. ئادەتتىكى ئوينىغۇچىلار ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىستېمال ئىقتىدارىغا قايىل بولۇپ، ھالقىپ ئۆتۈش تەس بولغان ئاتامان دەپ قارىلىدۇ.
2019-يىلى، 2020-يىلى ئىككى يىلدا، تۇڭ مىننىڭ «تاۋرو»، «مېھىر-مۇھەببەت» ناملىق ئىككى جەڭ قوشۇنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى»نىڭ ئەڭ يۇقىرى يىللىق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
بۇنداق يىللىق چېمپىيوننىڭ «ئىمتىيازى» ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي پۇلغا تايىنىدۇ. ئەڭ ئېسىل جابدۇقلار، ئىزچىل دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، جەڭ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ، ئادەتتىكى ئوينىغۇچىلار بۇنىڭ بىلەن ئوينىشىپ بولالمايدۇ. ئويۇندا قارىماققا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنى سېلىشتۇرغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ھەقىقىي بەسلىشىدىغىنى بولسا مالىيە كۈچى.
تۇڭ مىنگە ئوخشاش بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ئوينىغۇچىلار، «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى» ئورگان تورىمۇ ئۆزىنى باسالماي ماختاپ كەتتى: «ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىككە تاۋرو ناتونۇش ئەمەس، ئويۇندا كامالەتكە يەتكەن، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى سان-ساناقسىز، ئىقتىدارى ۋە رۇخسارىدىكى جەزبىدارلىق تولۇق دېيىشكە بولىدۇ.»
بۇ خىل ھەر تەرەپلىمە «قانائەت تۇيغۇسى» قاينىمىغا غەرق بولغان، تۇڭ مىن راستتىنلا ئۆزىنى بىباھا گۆھەر، ئاق كۆڭۈل، گۈزەل ئادەم دەپ ئويلىۋالغان. ئويۇندا، دائىم باشقا ئوينىغۇچىلار بىلەن تىركىشىپ قالسا، بىر ئېغىز گەپ قىلمايلا پۇل قاچىلايدۇ. ئويۇنچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، «تاۋرو» بىر كۈندە مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەت تولۇقلىغان.
پۇل قاچىلاشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، تاۋرو «تەڭداشسىز بۈيۈك تاڭ ئىلى» دېگەن ئويۇندا، «دۇنيادا تەڭدىشى يوق»، «تەڭداشسىز» دېگەندەك ناملارنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
بىراق، ئويۇن دۇنياسىدا توڭ مىن قانچىلىك ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلسە، رېئال دۇنيادا ئۇ شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالغا قالاتتى.
تۇڭ مىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاپ، ئويۇننىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئويۇن ئۈچۈن سەۋدايى بولۇش، ئويۇن ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىماي جان پىدا قىلىش تۇڭ مىنغا ئۈچ ۋاق تاماقتەكلا ئىش.
بەزىلەر مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھاياتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا: «ئويۇنغا بېرىلىپ كەتمەڭلار!» دېدى، دەيدۇ.
يەنە بەزىلەر مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلالمىسا، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۆزىنى قانداق كونترول قىلالايدۇ؟ دېيىشتى.
ئەمەلىيەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بولمىغاچقا، ئەزەلدىن ئويۇن ئىستېمالىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولالمايدۇ. ئەزەلدىن، ھەقىقىي ئويۇن ئۈچۈن تەلۋىلەرچە پۇل قاچىلايدىغىنى دەل قۇرامىغا يەتكەنلەردۇر. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئېغىر تىپتىكى تور ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ پۇلىنى تېپىش ئىدى.
ئويۇنغا يۈزلەنگەندە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر ئوينىغۇچىلار بىلەن نۇرغۇن ئويۇن ئىنژېنېرلىرى، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىنژېنېرلىرى، گۈزەل سەنئەت لايىھەلىگۈچىلىرى ۋە پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تىركىشىش جەريانىدۇر.
بۇمۇ بىر مەيدان تەبىئىي باراۋەر بولمىغان تاكتىكا.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا
مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0