搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دى دى پاي بازىرىدىن چېكىندى، ئېغىر كۈنلەر ئەمدى باشلىنىدۇ
>
دى دى پاي بازىرىدىن چېكىندى، ئېغىر كۈنلەر ئەمدى باشلىنىدۇ
NepKan
2021-12-03
2
导读:دى دى پاي بازاردىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئويلىغ
دى دى پاي بازاردىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ ئويلىغان ئىش. لېكىن، بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، مەن يەنىلا بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.
بۇ ئىش بەك چوڭ بولغانلىقتىن، بىر ئاز ساقلاش نورمال ئەھۋال. دى دى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ۋەقەگە ئاساسلانغاندا، پەقەت دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتىن ئىبارەت مۇشۇ بۆلەكنىڭ ئۆزىلام غايەت زور ئىش بولۇشى مۇمكىن. قاتناش سانلىق مەلۇماتى، مالىيە سانلىق مەلۇماتى، خادىملار مۇناسىۋىتى، پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئېنىق رەتلەش ئاسان ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، دى دىنىڭ پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدا، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ قاتارلىق جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پاي ھوقۇقى سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن پەقەت %9.8 لا پاي ھوقۇقى قالغان. دى دىنىڭ ھەقىقىي چوڭ پايچېكى ياپونىيە يۇمشاق بانكىسى (SoftBank) ۋە ئامېرىكا يۇبېر (Uber) ئىدى.
دى دى بىلەن يۇبېرنىڭ ئەسىر ئۇرۇشىدا، ئەڭ ئاخىرىدا دى دى بىلەن يۇبېرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ئىدى. ئەمما بۇ پەقەت يۈزەكى ئەھۋال بولۇپ، يۇبېر ھەرگىزمۇ دى دىغا ئۇتتۇرۇپ قويماستىن، ئەكسىچە دى دىنىڭ چوڭ پايچېكىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ دى دىنىڭ %12 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ قاتارلىقلاردىن روشەن يۇقىرى. دى دى بىلەن يۇبېرنىڭ بىرلىشىش دېلوسىدا، يۇبېر ئۇتتۇرۇپ قويماستىن، ئەكسىچە يەڭگەن ئىدى.
لېكىن دى دى ئوخشاش پاي ئوخشاش بولمىغان ھوقۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقتىن، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ قاتارلىق كىشىلەر پەقەت %9.8 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن 1:10 دىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بويىچە ھېسابلىغاندا، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ، جۇ جىڭشى قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى جەمئىي %52 بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دى دى پېيىنى بازارغا سېلىش دېلوسىدا، ئۇلار ئۈچىنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى.
تېڭشۈن دى دىنىڭ چوڭ پايچېكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دى دىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنىش ھارپىسىدا، دى دىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئۈچ ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يۇمشاق بانكىسى (SoftBank) ۋە يۇبېر قاتارلىق خەلقئارا كاپىتالغا باش ئېگىپ، دى دىنىڭ ئاشۇ ئالاھىدە كۈندە پېيىنى بازارغا سېلىشقا قوشۇلغان.
ئۇلار ئۈچەيلەن %52 ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار قاتتىقراق بولسىلا، بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى. بىراق كەمىنىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرگىزمۇ سۆڭەك قاتتىقمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇلار دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزگە ئىلمىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەت شەخسىي مەنپەئەت خالاس.
ساغرىسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. پايدا %300 تىن ئېشىپ كەتكەندە، ۋەتەن ساتقۇچلارمۇ باش تارتمايدۇ!
بەش ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دى دى پاي بازىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ نەتىجە نۇرغۇن ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسى. ئەگەر دى دى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە چېتىلمىسا، پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خاتالىقنىلا سادىر قىلسا، كۆپ بولغاندا زور سوممىلىق جەرىمانە قويۇلىدۇ.
لېكىن ھازىرقى نەتىجە شۇكى دى دى پاي بازىرىدىن چېكىندى. پاي بازىرىدىن چېكىنىش جەرىمانىدىن كۆپ ئېغىر. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈر مۇشتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا « دى دى»نى قاتتىق جازالاشتۇر. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، دى دى بىر جۇڭگو شىركىتى ئەمەس، بەلكى جۇڭگولۇقلار باشقۇرۇش ھوقۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلىدىغان خەلقئارالاشقان كاپىتال گۇرۇھى.
دى دىنىڭ ئامېرىكا پاي بازىرىغا بېرىپ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى ياپونىيە يۇمشاق بانكىسى (SoftBank) ۋە ئامېرىكا يۇبېرنىڭ ئارقىسىدىكى سۈن جېڭيى. سۈن جېڭيى دى دى بىلەن يۇبېردىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو ۋە ئامېرىكا تاكسى توسۇش ماگناتىنىڭ ئارقىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مەبلەغ سالغۇچى.
يېقىنقى ئۈچ يىلدا، SoftBank تارىختىكى ئەڭ زور زىيانغا ئۇچرىدى. 2019-يىلى، SoftBank نىڭ قان زىيىنى 961 مىليارد 600 مىليون يېن بولدى؛ 2020-يىلى، SoftBank نىڭ قان زىيىنى 1 تىرىليون 350 مىليارد يېن بولدى؛ 2021-يىلىنىڭ 3-پەسلىدە، SoftBank نىڭ قان زىيىنى 825 مىليارد يېن بولدى.
SoftBank بىر پەسىلدىلا 35 مىليارد 400 مىليون يۈەن زىيان تارتتى، سۈن جېڭيى ھەر كۈنى ئۇخلاپ ئويغانسىلا 385 مىليون يۈەن زىيان تارتتى. تېڭشۈننىڭ پۇل تېپىش سۈرئىتى سۈن جېڭيىنىڭ زىيان تارتىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمىدى. سۈن جېڭيى ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ زىيان تارتقان كىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ زىيان تارتقان كارخانا بولۇپ قالدى.
دى دىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئىشىدا، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ، جۇ جىڭشىلار ئالدىرىمىدى، ئۇلار تاپقان پۇلنى ئاللىقاچان بىر ئۆمۈر خەجلەپ بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ليۇ چىڭ ليۇ چۈەنجىنىڭ قىزى بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كەم بولمىغان جەمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بوۋىسى ليۇ گۇشۇ جۇڭگودىكى 002-نومۇرلۇق ئادۋوكات بولۇپ، ۋېيتا سۈت ماركىسىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا بېجىرگۈچى. دادىسى ليۇ چۈەنجى ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ پەخرىي باش مۇدىرى بولۇپ، پېنسىيە پۇلىلا 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ليۇ چىڭ ئۆزى يەنىلا دى دى گۇرۇھىنىڭ CEO سى، ھەقىقىي زەردار ئايال.
(بۇ يەرنى چېكىپ «ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
دى دىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدا پۇل كەم ئەمەس، دى گۇرۇھىدىمۇ پۇل كەم ئەمەس. ھەقىقىي پۇل كەمچىل بولغان شىركەت SoftBank، ھەقىقىي پۇل كەمچىل بولغان ئادەم سۈن جېڭيى. دى دىنىڭ پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى ئالدىرىغۇچى، نەق پۇلنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغىنىمۇ SoftBank ۋە سۈن جېڭيى.
دى دىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىگە ھەسرەتلىنىمەن، ئۇلارنىڭ تىركەشمىگىنىگە غەزەپلىنىمەن. چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ ۋە جۇ جىڭشى ئۈچەيلەن بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەددىنى رۇسلاپ، مەردانە ياشىيالايدىغان ھالەتتە تۇرۇپمۇ، قېرىشقاندەك چەت ئەل كاپىتالىغا باش ئەگدى.
چەت ئەل كاپىتالى ئالدىدا، بۇنداق تىز پۈكسە قانداق قىلىپ ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ چەت ئەل كاپىتالى پەقەت پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن كارى بولمىسا، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى بىلەن كارى بولمىسىغۇ مەيلىتى. بىراق، چېڭ ۋېي، ليۇ چىڭ، جۇ جىڭشى ئۈچەيلەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
بۇنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پادىشاھ ئارمىيەسى تەرجىمانلىرىدىن نېمە پەرقى بار؟
دى دى مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: «ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىركەت بۈگۈندىن باشلاپ نىيۇيورك ئاكسىيە بېرژىسىدا بازاردىن چېكىنىش خىزمىتىنى باشلايدۇ ھەمدە شياڭگاڭدا بازارغا سېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ.»
ئامېرىكا پاي بازىرىدىن چېكىنىش دى دىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكىم دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك تۆمۈر مۇشتىنىڭ تەمىدۇر. شياڭگاڭ پاي بازىرىدا پېيىنى بازارغا سېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. شياڭگاڭ پاي بازىرىدا دى دى پېيىنى بازارغا چىقىرىمەن دەپلا چىقىرالمايدۇ.
بازاردىن چېكىنىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، كېيىنكى قەدەمدە، دى دى يەنە مونوپوللۇققا قارشى زور سوممىلىق جەرىمانىگە دۇچ كېلىدۇ. مېتۈەنگە 3 مىليارد 400 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، دى دى نىڭ جەرىمانىسى يۇقىرى بولىدۇ، تۆۋەن بولمايدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
دى دى يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنى كۈتۈۋاتقان يەنە بىر مۇھىم رېئاللىق بار: ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى قانۇنغا خىلاپ جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەكمۇ-يوق؟ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەم بارمۇ-يوق؟ قارا ئىشىك ئۇلارغا ئوچۇقمۇ يوق؟ دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
بىر ئادەم، بىر كارخانا ئەگەر پۇلنىلا كۆزلىسە، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن، مىللەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن كارى بولمىسا، بۇنداق كارخانىنى نېمە قىلىمىز؟ بۇنداق ئادەملەر قانداقمۇ پۇقرالارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىمىسۇن؟
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0