大数跨境

خېڭدانىڭ 39 بىناسى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلدى

خېڭدانىڭ 39 بىناسى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلدى NepKan
2022-01-03
2
导读:بىر ۋاراق خېڭدانىڭ خەينەن خەيخۇا ئارىلىدىكى 39 بىنانى سۈرۈك ئىچىدە چېقىش قارارنامىسى يېقىندا تورنى ب
بىر ۋاراق خېڭدانىڭ خەينەن خەيخۇا ئارىلىدىكى 39 بىنانى مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش (سۈرۈك ئىچىدە چېقىش) قارارنامىسى يېقىندا تورنى بىر ئالدى.
بېيجىڭ گېزىتخانىسى مۇخبىرى دەنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن «دەنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تۈزەش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى كۆرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا، مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تۈزەش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن خەيخۇا ئارىلىنىڭ 2-14-1 يېرىدىكى 39-كورپۇس تۇرالغۇ ئىمارەتنى تۈزىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىر توردا تارقالغان مەمۇرىي جازا قارارنامىسىدىكى ئىمزا دەنجۇ شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى بولۇپ، ۋاقتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىكەن، جازا قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كارخانا دەنجۇ شىنخېڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىكەن. بۇ مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنىڭ مەزمۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەيخۇا ئارىلى 2-نومۇرلۇق ئارال 2-14-1 بۆلىكىدىكى 3-6 قارارلىق تۈردە 39 كورپۇس بىناسى بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 43 مىڭ 4941.46 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇ تۈرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا، ئالاقىدار ئورۇنلار 10 كۈن ئىچىدە يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان.
تيەنيەن تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەنجۇ شىنخېڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 800 مىليون يۈەن، تىجارەت دائىرىسى ساياھەت تەرەققىياتى ۋە ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات تىجارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شىركەتنى خەينەن مىڭخۇڭ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى تولۇق مەبلەغ بىلەن ئىلكىدە تۇتقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى خېڭداتوڭ دۇنيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىكەن.


خېڭدا خەيخۇا ئارىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئارال دەپ ئاتىلىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، خېڭدا خەيخۇا ئارىلى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دەنجۇ شەھىرى دېڭىز قولتۇقى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئارال قىرغاقتىن ئايرىلغان ئۈچ مۇستەقىل ئارالدىن تەركىب تاپقان، دېڭىزنى تىندۇرۇش كۆلىمى تەخمىنەن سەككىز كىۋادرات كىلومېتىر، پىلانلانغان تەكشىلىك شەكلى دېڭىزدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئۈچ تال گۈل بولغاچقا، «خەيخۇا (دېڭىز گۈلى) ئارىلى» دەپ ئاتالغان. جۇڭگو نەنخەي خەيخۇا ئارىلىغا جەمئىي 160 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزى، مۇزېي، بالىلار شادلىق دۇنياسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، دېڭىز-ئوكيان دۇنياسى، خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزى، زامانىۋى مېھمانساراي، بەش دۆلەت ۋېنچۈەن شەھىرى، خۇاشيا كىنو-تېلېۋىزىيە بازىسى قاتارلىق 28 چوڭ كەسىپ پىلانلانغان، دۇنيادىكى 600 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئۇستىسى لايىھەلىگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خېڭدا سىرتقا قارىتا، خېڭدا خەيخۇا ئارىلى مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى شۈ جيايىننىڭ «يا قىلماسلىق، قىلغان ئىكەن ئەڭ ياخشى قىلىش»تەك ئىش قىلىش ئىستىلىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى.
2015-يىلى 11-ئايدا، خېڭدا خېرىدارلارنى ئايروپىلان بىلەن خەيخۇا ئارىلىغا ئاپىرىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا تەشكىللىگەن. بۇ تۈردىكى ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 7000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە، چەت ئەل ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلىرىنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 11 مىڭ يۈەندىن 13 مىڭ يۈەنگىچە بولغان. بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خېڭدا تەرەپ خەيخۇا ئارىلىدا 12 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك سېتىش ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان. خېڭدانىڭ 2015-يىللىق مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەيخۇا ئارىلىدا 12 مىليارد 205 مىليون يۈەنلىك سېتىش سوممىسى، 1 مىليون 360 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق سېتىش ۋەزىپىسى، 100 مىڭ كىشىلىك سودا پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
لېكىن، بۇ سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن باشلاپ، دېڭىزنى تىندۇرۇشنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان.
2017-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، مەركەز 4-قېتىملىق مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خەينەن ئۆلكىسىدە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى نازارەت قىلىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەيخۇا ئارىلى تۈرى «ھەميانىنى تومپايتىپ، ئېكولوگىيەنى نابۇت قىلغان!» دەپ بېكىتىلگەن.
2018-يىلىنىڭ بېشىدا، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دەنجۇ شەھىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېڭىزنى تىندۇرۇش تۈرلىرىگە قارىتا 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ «قوش ۋاقىتلىق توختىتىش (قۇرۇلۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختىتىش)»نى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى، يەنى قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر بىردەك ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، ئۆي-مۈلۈك سېتىش تەشۋىقاتىنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خېڭدا خەيخۇا ئارىلىمۇ بار.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى «خەينەن ئۆلكىسىلىك مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش دوكلاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، تۈزىتىش تىزىملىكىدە خەيخۇا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دېڭىزنى قورشاپ تىندۇرۇش تۈرىگە قارىتا تەپسىلىي تۈزىتىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، دەنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورى «دەنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش-تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ «مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش-تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، خەيخۇا ئارىلىنىڭ 2-، 14-، 1-بۆلىكىدىكى 39 كورپۇس تۇرالغۇ ئىمارەتنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.» دېيىلدى.
تۈزىتىش، ئېلان قىلىش جەدۋىلىگە ئاساسەن، دەنجۇ شەھىرى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى 39 كورپۇس تۇرالغۇ ئىمارەتكە ئىش توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، تۈرنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى ھەم قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە 39 كورپۇس تۇرالغۇ ئىمارەتنىڭ ئىككى پارچە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالدى. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى 39 يۈرۈش تۇرالغۇ ئىمارەتنى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، تۈر ئومۇميۈزلۈك توختىتىلدى ھەم قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە 39 يۈرۈش تۇرالغۇ ئىمارەتنى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسىدىن بەشى بىكار قىلىندى. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى 39 يۈرۈش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى «قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى «دەنجۇ شەھىرى خەيخۇا ئارىلىدىكى 39 بىنانى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، خەيخۇا ئارىلىدىكى 39 بىنانى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنجۈكېدىكى خەيخۇا ئارىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆي باھاسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئۆينىڭ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى 18 مىڭ يۈەن \ كىۋادرات مېتىر ئىكەن.
مەنبە: 长安街知事 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-05

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-03

دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى

2021-10-03

ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟

2021-10-05

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

خېڭدا ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2021-10-11

پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس

2021-10-12

قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى

2021-10-14

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش

2021-10-16

ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر

2021-10-18

جاننى قۇتقۇزۇش پەيتى: خېڭدانىڭ سودىنى «بۇزۇۋېتىش»ىدىكى ھەقىقەت

2021-10-21

چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟

2021-10-23

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جياچېڭنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-28

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0