大数跨境

ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزسە قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەسمۇ؟

ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزسە قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەسمۇ؟ NepKan
2022-02-08
2
导读:ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزسە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ-بولمامدۇ؟

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈن بىر ئاز غەلىتە تېمىدا گەپ قىلماقچى، يەنى ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزسە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ-بولمامدۇ؟ دېگەن توغرىسىدا سۆزلىمەكچى. 
يېقىندا بىر خەۋەر مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى، كولومبىيە رادىيو شىركىتى يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى كېنىيەگە ھۆددىگە بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 
ھۆددىگە ئالغۇچى ھەر ئايدا نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەققە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ كىشىلەر ئاقما لىنىيەلىك مەشغۇلات قىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ، تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن ئىلمىي ماقالە يېزىش، سىزگە ياردەملىشىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى يېزىپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر يۈرۈش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
مەن ئەمدى بىلدىمكى، ئەسلىدە ئىنگلىز تىلى كېنىيەنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ئىكەن، بۇ ھۆددىگەرلەر ئامېرىكا زېمىنىغا ئەزەلدىن قەدەم بېسىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئامېرىكا داشۆلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ئىنتايىن پىششىق ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېنىيەدىكى ھۆددىگەرلىك كەسپىدە چوڭ بىرلىككە كېلىش يۈزلىنىشى بار ئىكەن. 
مەن تەكشۈرۈپ باقتىم، كېنىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 530 مىڭ كېنىيە شىللىڭى ئىكەن، بىر شىللىڭ 5 پۇڭ 7 لى خەلق پۇلىغا يارايدۇ، يەنى بىر يۈەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 4.17 شىللىڭ. دېمەك، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. 
لېكىن ھۆددىگە ئالغۇچى ھەر ئايدا ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ياردەم»لىشىپ، ئىككى مىڭ دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، بۇ تەخمىنەن 13 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. بۇ خىل كىرىممۇ ئىنتايىن مۇقىم، چۈنكى نۇرغۇن دائىملىق خېرىدارلار بار. مەسىلەن، كېنىيەلىك تام ئامېرىكىدىكى جىممىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم قىلسا، ئاستا-ئاستا ماگىستىرلىق ماقالىسى يېزىش ئىشىمۇ ئۇنىڭغا قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازىدىغان بىر يۈرۈش مۇلازىمەتنى تاپشۇرۇۋېلىشىمۇ مۇمكىن، بەلكىم سىز دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، يازىدىغان خىزمەت خۇلاسىسىنىمۇ تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بەزى ھۆددىگەرلەر بەزى كەسىپلەردە گاڭگىراپ قالىدىكەن، يەنى ئۇلار يازغان ئىلمىي ماقالىنىڭ سەۋىيەسى ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسىگە ئانچە ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا سەۋىيەسىنى ئازراق تۆۋەنلىتىش كېرەك ئىكەن. كۆپچىلىككە ئايان، بەزى چاغلاردا سەۋىيەنى تۆۋەنلىتىپ بىر پارچە ماقالە يېزىش ھەقىقىي سەۋىيەسىدە بىر پارچە ماقالە يېزىشتىنمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. 
دەل مۇشۇ ھۆددىگەرلەرنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا داشۆلىرىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاراق ئىچكىلى، ئۇچرىشىشقا، بەدەن چېنىقتۇرغىلى، ئىجتىمائىي ئالاقىنى يېڭىلاشقا يېتەرلىك ۋاقتى بار. 
قارىغاندا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ساختىلىق قىلىش پۈتۈن دۇنيا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىدەك قىلىدۇ. مەن 20 نەچچە يىل بۇرۇن، شۇ چاغلاردا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان، تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن، بەزىدە سىرتقا چىقىپ دەرس ئۆتۈپ قوشۇمچە ئىشلەيتتىم. 
بىر قېتىم بىر ئوقۇغۇچى ئاچاشنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ يېشى ئەلۋەتتە مەندىن چوڭ ئىدى، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ئۇنىڭغا دەرس بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنىلا مېنى مۇئەللىم دەپ چاقىراتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر ئاجرىشىش دېلوسى باردەك قىلاتتى، مەندىن مەسلىھەت سورىدى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مەخسۇس مەكتەپكە كېلىپ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماڭا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئېيىتتى. ھازىر يېڭى ئوغۇل دوست تېپىپتۇ، گەرچە يېشى ئۇنىڭدىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر-بىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم، پەقەت كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. دەرۋەقە ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ يېڭى ئوغۇل دوستى بىر رەھبەر بولۇپ، ھازىر بىر پارچە ماقالە يېزىشقا دۇچ كەپتۇ، ئۇ مەندىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمغا باھا قويدى. 
مەن قاتتىق ھاقارەتكە ئۇچرىدىم، لېكىن مېنىڭ مىجەزىم ناچارراق، ئادەتتە خۇنەنلىكلەردەك ئۇنداق مەرد، جۇشقۇن ئەمەس، ئاچچىقىمنى بېسىۋالدىم، ئالدىرىماي «بۇنداق قىلسام ياخشى بولماس، مېنىڭ ئىلمىي ئەخلاقىمغا تازا ماس كەلمەيدىغۇ؟» دېدىم.
ئۇ ئاچاش ماڭا «لو مۇئەللىم، سىز دەرسنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز، سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزمۇ بەك چوڭقۇر ئىكەن. لېكىن بۇ ئىدىيەلەر مۇشۇ رەھبەرنىڭ ماقالىسىدە گەۋدىلەندۈرۈلسە، ئەمەلىيەتكە ھەقىقىي تەتبىقلانسا، تېخىمۇ پايدىلىق بولمامدۇ؟ سىزنىڭ قۇرۇق نام ۋە ساختا ئابرۇيغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دېدى. 
راستىنى دېسەم بۇ لوگىكىغا مەن رەددىيە بېرەلمىدىم، مەن ئۇنىڭغا پەقەت «مەن راستىنلا قىلالمايمەن، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار، سىلەرنى كۈتىۋالالمايدىغان بولدۇم.» دېدىم. 
كېيىن ئىزدەپ باقمىدى، باشلىق بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ داۋامى قانداق بولدىكىن؟ 

كۆپ يىللاردىن كېيىن، مەن مەكتەپتە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم، بىر قېتىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلدىم. 
بۇ ئىلمىي ماقالە خىزمەتتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ئىدى، ئېلخەت بەك كۆپ كەلدى، ماقالە كۆپ ئۆزگەرتىلدى، ئاخىرىدا بېكىتىلگەن ئورىگىنالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇ بىر پارچە ئېلخەت ئىدى. ئېلخەت تېكىستىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر پارچە ئەسلىدىكى ئېلخەتمۇ بار ئىكەن، ئېلخەتكە «ئۇستازىڭىزنىڭ پىكرى بويىچە، بىز يەنە تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزدۇق.» دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن بىردىنلا چۈشەندىم، ئەسلىدە بۇ ئاداش ئىزچىل ھۆددىگەرنى ئىزدەپ ساختىپەزلىك قىلىۋاتقان ئىكەن، مەن دەرھال ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام، ئۇ «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن، قولايسىز.» دېدى. «ماشىنىنى توختىتىپ ماڭا تېلېفون قىلىڭ ئەمىسە.» دېسەم، يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىن، ماڭا تېلېفون قىلدى. «سىز ماڭا ئىلمىي ماقالىگە نېمە يازغانلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، ئاساسلىق كۆز قارىشىڭىز نېمە؟ بۇ قېتىم قايسى جايلاردا تۈزىتىش بولدى؟ سىز ماقالىڭىزنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردىڭىزغۇ؟» ئۇ بۇلارنى دەپ بېرەلمىدى، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا ئوچۇق گەپ قىلدىم «ئىلمىي ماقالىنى سىز يازدىڭىزمۇ؟» ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆدىگەر ئىزدىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، سەۋەبى خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىكەن. لېكىن ئۇ ماڭا ئىدىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك بەردى. 
مەن ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسىگە ئىمزا قويمىدىم، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر ئۆچلۈك قىلغان-قىلمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەزى ساۋاقداشلار «مۇئەللىم سىز يەنە تېمىدىن چەتنەپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ بۈگۈن سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىز ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەش، قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن تېما، بىز زادى قانۇنغا خىلاپ بولۇش-بولماسلىقىنى بىلمەكچى، زادى قانچە يىل ھۆكۈم قىلىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئاسان ئەمەس. چۈنكى بۇ قانۇننىڭ تەبىرىگە چېتىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوخشاش بولمىغان قانۇن كۆز قارىشىغا چېتىلىدۇ، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر قانۇننى مەلۇم ئورگان تۈزۈپ چىققان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان قائىدە دەپ چۈشىنىدۇ، مانا بۇ دەلىللەش ئۇسۇلى. 
ئەلۋەتتە، يەنە بەزىلەرنىڭ قانۇن قارىشى بولسا، قانۇن يالغۇز دەلىللەش ئۇسۇلىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، ھەتتا دەلىللەش ئۇسۇلىنىمۇ چەكلەپ تۇرىدىغان ئاشۇ تەبىئىي قانۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىشىلەر دائىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىر تارازا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا دەلىللەش ئۇسۇلى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى ئىسپات قانۇنىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، مەمۇرىي قانۇنى بار، كۆپ قىسىم ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەش جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، ھەتتا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. چۈنكى ئەڭ ئېغىر كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ، ئىمتىھاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش جىنايىتى، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش جىنايىتى قاتارلىقلارغا خىلاپ بولىدۇ.
كۆپ قىسىم كۆچۈرۈش قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس، ھەتتا ھەق تەلەپ قانۇنى ۋە مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، چوقۇم بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ بولمايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ مەكتەپ ئىنتىزامى، مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، بەلكىم ئىشتىن ھەيدىلىشى مۇمكىن. بايا دېگەن ئەڭ ئېغىر كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى يولغا قويۇلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە بىر قانچە جىنايەت بېكىتىلدى، بىرى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش جىنايىتى، ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى ۋە ئىمتىھاندا ئورنىغا ئالماشتۇرۇش جىنايىتى. لېكىن بۇ بىر ئىمتىھان، چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەتلىك ئىمتىھان بولۇشى كېرەك. 
مەكتەپنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇقىنى تېخىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 
شۇڭا قانۇنغا خىلاپ مەسىلە بارمۇ يوقلىقىغا، دەلىللەش ئۇسۇلى نۇقتىسىدىن قارىساق، پەقەت ئەڭ ئېغىر كۆچۈرمىچىلىك قىلمىسىلا، ھېچقىسى يوق. كۆپ قىسىمى قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. 
لېكىن سىزنىڭ قانۇن قارىشىڭىز دەلىللەش ئۇسۇلىنىلا ئەمەس، يەنە تەبىئىي قانۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ئادەم ياللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەش تەبىئىيكى، تەبىئىي قانۇنىغا خىلاپ، چۈنكى ئۇ بىر خىل ئەخلاق-پەزىلەتكە خىلاپلىق قىلغان، تەبىئىيكى، قانۇنغا خىلاپ. 
سىز گەرچە دەلىللەش ئۇسۇلىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلمىسىڭىزمۇ، ئەمما ۋىجدانىڭىز سىزنى ئازابلايدۇ. 
ئەپلاتون بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كىشىلەر ھەقىقەتكە ھەقىقىي ئىنتىلەمدۇ ياكى ھەقىقەتكە قارىماققا ئىنتىلگەندەك كۆرىنەمدۇ؟ قارىماققا ئىنتىلگەندەك كۆرۈنىش بەك قالتىس. 
بۇنداق بەك جاپالىق بولۇپلا قالماي، ھەقىقەتەن بەك جاپالىق. 
ئەمما سىز ھەقىقىي بىلىملىك ئادەم بولماقچىمۇ، ياكى قارىماققا بىلىمى بار ئادەم بولماقچىمۇ؟ 
بۇ مەسىلىنى قەلبىڭىزدىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ۋىجدان بولمىسا، ئۈمىد چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتسە، توغرا-خاتانى ئايرىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. 
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0