大数跨境

بىر مۇنەۋۋەر بالىنى بېقىش، ئۈچ ئەۋلاد باي بولۇشقا يېتىدۇ

بىر مۇنەۋۋەر بالىنى بېقىش، ئۈچ ئەۋلاد باي بولۇشقا يېتىدۇ NepKan
2021-11-24
0
导读:ھەر بىر ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۆمۈرلۈك ئەڭ مۇھىم كەسىپ.
ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش، كېيىنكى ئۆمرىگە ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغانلىقتۇر


نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۈم: 
بىر دادا قىزىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىكى يۇقىرى مائاشلىق باش ئاشپەزلىك خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، يەسلىگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 


خىزمەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا: 
«مەن ھەر كۈنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ قىزىمنى ئېلىپ كېتەلەيمەن، بالاممۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ، دائىم بىرىنچى بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ماڭا قاراپ يۈگىرەيدۇ.» دېدى. 
ئىنكاستا، كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ دادىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىپتۇ.


ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەي «بۇ دادا گۆھەرنى تاش ئورنىدا ئىشلىتىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ قىزىغا خەجلەپ بەرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟» دەپ قاراشتى. بۇنداق بولسا راستتىنلا ئەرزىمدۇ؟ 
بۇنىڭغا قارىتا، مەن قەتئىي ھالدا كۆپچىلىككە: «ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ.» دېمەكچىمەن. 
چۈنكى ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش، كېيىنكى ئۆمرىگە ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغانلىق بولىدۇ. 

ئېلان:



بىرىنچى، ئاتا-ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا چېكىشى، بالىسىنىڭ بىر يىلدا مەغلۇپ بولۇشىغا دال بولالماسلىقى 
بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا شىئەندىن كەلگەن تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شياۋۋاڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يازلىق تەتىل مەزگىلىدە دادىسى بەرگەن 300 مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتتى. 


50 بەتلىك ئىستېمال تىزىملىكىدە تاماق، KTV، ئويۇن، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق يۇقىرى ئىستېمال تۈرلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. 
ھەتتا بىر جۈپ ئاياغ ئۈچۈنلا 8000 يۈەن خەجلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ دادىسى ئادەتتىكى مائاشلىقلار قاتلىمىدىن بولۇپ، بۇ 300 مىڭ يۈەننى ئۇ مىڭبىر جاپادا ئوغلى ئۈچۈن يىغقان ئىدى. 
بۇنداق بالىنىڭ مەغلۇپ بولغان خەۋىرى ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. 
بۇ يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، بىر ئانا يۇقۇم سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى تاللىدى. 
نەتىجىدە، 15 ياشلىق قىزى ئۆيىدە تورغا چىقىپ دەرس ئاڭلاپ، توردا بىۋاسىتە تارقىتىشقا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، يەنە ئاپىسىنىڭ بانكا كارتىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، قىسقىغىنە بىر قىشلىق تەتىلدە، 550 مىڭ يۈەن پۇلىنى بىۋاسىتە تارقىتىش رىياسەتچىسىنى تارتۇقلاشقا ئىشلىتىپ، ھەممىنى سورىۋەتكەن ئىدى.
بۇ پۇللار ئۆينىڭ بارلىق بىساتلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ بىچارە ئانا قەرز ئالغان پۇللارمۇ بار ئىدى. 
بۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدۇ. 
قانچىلىغان ئاتا-ئانا جاپا تارتىپ سىرتتا پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باقىدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىسىغا ئەڭ ياخشى تۇرمۇش يارىتىپ بېرىدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قان-تەر بەدىلىنى بالىلار بىر يولىلا بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىدۇ، دەپ ئويلىمايدۇ. 
بىراق، بىز ئاتا-ئانىلارغا ئىچ ئاغرىتىش، بالىلارنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟ 
ئېلان:


خۇددى دۇڭ چىڭ ئوقۇش باشلىغان بىرىنچى سائەتلىك دەرستە سۆزلەپ ئۆتكەندەك:
بالا تەربىيەلىگەندە، سىز پۇل تېپىشنى تاللاپ، بالىڭىزغا ياخشى قارىمىسىڭىز، بالا چوڭ بولغاندا، سىز جاپا تارتىپ بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىر يولىلا ۋەيران قىلىشىغا دال بولالمايدۇ.

بالا تەربىيەلەشكە ئەڭ تېگىشلىك ۋاقىتتا، بالىغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا سەل قاراش بالىنىڭ كەلگۈسىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. 
سىز ئىلگىرى بالىڭىزغا سەل قارىغانلىق بىلەن سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەرنى كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر پەيتتە چوقۇم ھەسسىلەپ قايتۇرىسىز.

ئىككىنچى، ھەرقانچە كۆپ پۇل تاپسىمۇ، بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ 
جىخۇدا مۇنداق بىر سوئال بار: بىر جۈپ ئاتا-ئانا ھەر ئايدا قانچىلىك پۇل تاپسا، ئاندىن بىر ئائىلىنى قامدىيالايدۇ؟ 
ئەڭ يۇقىرى بېلەتلىك جاۋاب مۇنداق: «بىر ئائىلىدە مۇھىمى پۇل ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت.» 

قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە مۇنداق بىر بالا بار. 
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سودا قىلاتتى، ئائىلە ئەھۋالىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، ئادەتتە يىل بويى سىرتتا كاماندىروپكىغا چىقىپ، كىچىكىدىن تارتىپلا بالىسىنى مومىسىنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بېرەتتى. 
بەلكىم بالىسىنىڭ بالىلىق دەۋرى كەمتۈك بولغانلىقتىن، خىجىللىق ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بالىنىڭ قانداق تەلىپى بولسا قىلچە ياق دېمەستىن ھەممىنى تولۇق قىلىپ بېرەتتى. 
بۇ بالا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا دەرستىن قېچىپ ئوقۇشتىن بىزار بولغان، سىنىپ مەسئۇلى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون بەرگەن، ئۇلار ئۆزى بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىسىنى كۆپرەك كۈتۈشكە ئۈندەيتتى. 
بۇ يىل چاغاندا، مەن بۇ بالىنى كۆرگەن، ئەمدىلا 15، 16 ياشقا كىرىپلا مەكتەپتىن چېكىنىپ چىققان ئىدى، ھەر كۈنى تورخانا ئارىلاپ يۈرۈپ، گەپ-سۆزلىرى سەت، جەمئىيەتتىكى داشقاللارنىڭ سېپىگە كىرىپ قالغان ئىدى.
بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ھە دېسىلا نارازى بولۇپ، بالىنى «كېرەكسىز»، «يارىماس» دەپ تىللايدۇ، لېكىن ئىشتىن ئادەم تولۇقلانمايدۇ، بۇ بالا بېقىلىپ كېرەكتىن چىقىدۇ. 
بۇ بالا كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم خاراكتېر يېتىلدۈرۈش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىسى ھەمراھ بولمىغان، توغرا تەربىيە ۋە يېتەكلەشكىمۇ ئېرىشەلمىگەن، ئاللىقاچان تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان، بۈگۈنكى كۈندە ئارقىغا قايتماق ناھايىتى تەس. 
ئېلان:


بالىغا يېتەرلىك پۇل ۋە ماددىي ئوزۇق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەڭ ياخشى مۇھەببەت (بالىغا بولغان مەسئۇلىيەت، كۆيۈنۈش) بېرىش مۇھىم. 
تەكەببۇر، شەخسىيەتچى، ئاسىي، يارىماس بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانىسى ئۆز قولى بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىققان بولىدۇ. 
خۇددى لى جياچېڭ ئېيتقاندەك، بىر ئادەم كەسىپتە ھەرقانچە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانسىمۇ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە مەغلۇپ بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرالمايدۇ. 
سىز ھەرقانچە كۆپ پۇل تېپىپ، بالىڭىزغا ھەرقانچە كۆپ مەبلەغ سالسىڭىزمۇ، بالا تەربىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلىيالمايسىز. 


ئۈچىنچى، بالىڭىزنى ياخشى باققان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆزىدە كۆپ پۇل تاپقان بولىسىز
ئەنگلىيە روھ ئانالىزچىسى پاۋلبى مۇنداق بىر ئابزاس سۆز قىلغانىدى: 
ماددىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلانغان ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئەمما ئۆز ئائىلىسىدە ساغلام، خۇشال، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئاتلانغان ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. بىز پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولغان جەمئىيەتنى ياراتتۇق.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر بالىنى ياخشى بېقىش ئەمەلىيەتتە كۆپ پۇل تاپقانلىق بولىدۇ. 
مەنمۇ بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن ھېسابلىشىپ باقاي:
ئەگەر بىر ئائىلىنىڭ بايلىق جۇغلانمىسى 10 نومۇر بولسا.
ئەگەر بىر بەتخەجلىك، ئىسراپچىلىق قىلىدىغان بالىنى باقسا، ئۇنداقتا پەقەت سەككىز نومۇر ئېشىپ قالىدۇ؛ 
ئەگەر بىر بىكار تەلەپ، قارا قورساق بالىنى بېقىۋالسا، پەقەت ئالتە نومۇرلا قالىدۇ؛ 
ئەگەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرمەيدىغان بالىنى تەربىيەلىگەندە، پەقەت بەش نومۇرلا قالىدۇ؛ 
ئەكسىچە، ئەگەر تىرىشچانلىق بىلەن مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان بىر بالىنى بېقىپ تەربىيەلىسە، 20 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. 
شۇڭا، بالىڭىزنى ياخشى بېقىش بۇ ئائىلە ئۈچۈن ھەقىقىي بايلىق توپلاشتۇر. 

ئاتا-ئانىلار كۆپرەك پۇل تېپىپ، بالىلارغا ياخشى كەلگۈسى يارىتىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. 
لېكىن سىز بالىڭىزغا بايلىق ئاتا قىلسىڭىز، مۇنەۋۋەر، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولىدىغان بالىغا ئېرىشەلمەيسىز. 
ئېلان:


خۇددى لىن زېشۈنىڭ ئېيتقىنىدەك: «ئەۋلادلىرىم ئەگەر ماڭا ئوخشاش بولسا، ئۇلارغا پۇل قالدۇرۇپ نېمە قىلىمەن؟ دانىشمەن ھەم باي بولسا، ئىرادىلىك بولىدۇ؛ ئەۋلادلىرىم ماڭا يەتمىسە، پۇل قالدۇرۇپ نېمە قىلىمەن؟ نادان ھەم باي بولسا، ئۇنىڭ سەۋەنلىكى كۆپ بولىدۇ.»

كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ پۇل تېپىپ، پۇلنى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان بالىغا سەرپ قىلغاندىن كۆرە، ھازىرقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى ياخشى تەربىيەلەپ، بايلىق يارىتالايدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئەۋزەل. 

خارۋارد داشۆسىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسسورى جېلبوت مۇنداق دېگەن: 
«ئون يىلدىن كېيىن، سىز بىر تۈرنى ئاز ئىشلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئەپسۇسلانمايسىز، لېكىن سىز بالىڭىزغا بىر سائەت ئارتۇق ھەمراھ بولمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىسىز.»
تاپمىسا بولمايدىغان پۇل يوق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بولىدىغان بالا بار.


تۆتىنچى، بىر مۇنەۋۋەر بالىنى بېقىش، ئۈچ ئەۋلاد باي بولۇشقا يېتىدۇ 
جۇڭگودا «ئۈچ ئەۋلاد باي بولغىلى بولمايدۇ.» دېگەن گەپ بار. 
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل دېيىلمىدە ئائىلە تەربىيەسى مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 
قىممىتى نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك «جۇۋىلىق ئاكا (大衣哥)» ئىشلىرى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە بىر ئېغىز ئىپتىخارلىق گەپ قىلالمايتتى.

جۇۋا ئاكىنىڭ ئوغلى 14 يېشىدىن باشلاپلا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىپ، ئۆيدە ئويۇن ئويناپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ، ھازىر قورسىقى يوغان پور كۆتەك ئەرگە ئايلىنىپ، ئاران تەستە خوتۇن ئېلىپ توي قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالغا ئىنتىلمىدى؛ 
قىزىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇمىغان، بەدەن ئېغىرلىقى 200 جىڭغا يەتكەن بولۇپ، خىزمەتنى چەتكە قاققاچقا، كۈنبويى ئۆيدە تەييارتاپ يۈرەتتى. 
تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئائىلىنىڭ كەلگۈسى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. 
ئېلان:


ئەگەر بىر ئائىلىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئالغا ئىلگىرىلىشى قاتارلىق ئېنېرگىيە مىقدارى بارغانسېرى ئازايسا، ھەر بىر ئەزانىڭ قەلبى خۇددى چۆللۈككە ئوخشاش تەدرىجىي ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ، بىخۇدلىشىپ، داۋاملىق ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ. 

توردا ئەنگلىيەلىك ئىككى جەمەتنىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: 
تۇنجى جۇك جەمەتىدە، چوڭ جۇك يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان ھاراقكەش ۋە قىمارۋاز بولۇپ، نادانلىق ئىچىدە بىكار يۈرىدۇ. 
بۇ جەمەت ھازىرغىچە سەككىز ئەۋلاد داۋاملاشقان  بولۇپ، ئەمما ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ باقمىغان، ئەكسىچە 300 دىن ئارتۇق كىشى تىلەمچى بولۇپ قالغان، 400 دىن ئارتۇق كىشى ھاراق ئىچىپ مېيىپ بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن، 60 تىن ئارتۇق كىشى ئالدامچىلىق ياكى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، يەنە يەتتە ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى چىققان. 

ئەكسىچە، يەنە بىر ئېدۋارد جەمەتى ھەقىقىي ئوقۇمۇشلۇق ئائىلە ئىدى. 
پېشقەدەم ئېدۋارد بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك پەيلاسوپ بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىدى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تالانتلىق ئىدى، بۇ جەمەتتىن 13 كىشى ئالىي مەكتەپ مۇدىرى، 100 پىروفېسسور، 80 نەچچە ئەدىب، 60 نەچچە دوختۇر، بىر باش ئەلچى، 20 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى چىققان.

ئېلان:


ئائىلە بىر مەكتەپ، مائارىپ بولسا بالىلارنىڭ روھىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈشى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى كېرەك. 
مۇنەۋۋەر ئائىلە ئىستىلى ئەۋلادلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. 
ئۆز بالىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى تەربىيەلەش، بىر ئائىلىنىڭ روناق تېپىشىنىڭ سىرى. 


بەشىنچى، ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم كەسىپ 
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پسىخولوگىيە پروفېسسورى دوكتور سېدز مۇنداق دەپ قارايدۇ: 
«ئادەم خۇددى ساپال بۇيۇملارنى ياسىغانغا ئوخشاش، كىچىك ۋاقتىدا بىر ئۆمۈر ئىپتىدائىي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، بالىلىق چاغلىرى خۇددى ساپال بۇيۇملارنى ياسايدىغان سېغىز توپىغا ئوخشايدۇ، قانداق تەربىيە بەرسە، شۇنداق ئىپتىدائىي شەكىلگە ئايلىنىدۇ.» 

بالا خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، مۇھىمى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا قانداق رەڭ بېرىشىگە قاراش كېرەك. 
ھەر بىر ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۆمۈرلۈك ئەڭ مۇھىم كەسىپ. 
ئېلان:

1. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا موھتاج. 
يازغۇچى جياڭ شۈن بىر قېتىم داڭلىق كارخانا خىزمەتچىلىرىگە دەرس سۆزلىگەندە، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز يىل دەم ئېلىپ باقمىغان بىر پېشقەدەم خىزمەتچى سوراپتۇ: 
ـــ قىزىم بەش ياشقا كىردى، سىزنىڭچە ئۇ ئىسكىرىپكا ئۆگىنىشى كېرەكمۇ ياكى پىئانىنومۇ؟
ئۇ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سىز ئىسكىرىپكا ياكى پىئانىنو ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەي، دەرھال ئۆيگە قايتىپ قىزىڭىزنى قۇچاقلاپ قويۇڭ.» 

ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ «ئۈنۈملۈك ۋاقتى» بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى قىسقا، پەقەت 10 يىللا، ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم بالىغا ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ ھەمراھ بولۇش كېرەك. 

چۈنكى پەقەت مۇھەببەتنىڭ ھەمراھ بولۇشى ۋە ئوزۇقلاندۇرۇشىلا بالىنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم پەلەمپىيى ھېسابلىنىدۇ. 

2. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىغا موھتاج. 
بىر دوستۇم بولىدىغان، ئادەتتە خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، بالىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلەلمەيدىكەن، نەتىجىدە ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا سىنىپ بويىچە كەينىدىن سانىغاندا 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. 
كېيىن ئۇ قاتتىق ئازابلىنىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيدىغان بىر خىزمەتكە ئالمىشىپ، ھەر كۈنى كەچتە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. 
نەتىجىدە بىر مەۋسۇم ئىچىدىلا، بالىنىڭ نەتىجىسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، بىراقلا ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. 

مەڭگۈ بالىڭىزنىڭ ئاڭلىق بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ. 
تۇغما ئاڭلىق، ئىنتىزامچان بالا يوق، پەقەت ئۇزاق مۇددەت بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئاتا-ئانىلا بار. 
ئېلان:


3. بالىنىڭ ھاياتى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. 
بۇلتۇر چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ داشۆسى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىنغان قوشكىزەك ئەلاچى ئاكا-ئۇكا جاۋ كېدا بىلەن جاۋ دى ئېسىڭىزدىمۇ؟ 
ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بولۇپ، چوڭ قائىدىلەرنى بىلمەيتتى، لېكىن دادىسى دائىم ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەنگە نەسىھەت قىلىپ: «پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ يىل چوقۇم بەرداشلىق بېرىش كېرەك، بەرداشلىق بەرسىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دەيتتى. 
ئۇ يەنە دائىم ئىككى بالا بىلەن سىردىشىپ، پاراڭلىشىپ تۇراتتى، ئۇلار گاڭگىراپ قالغاندا ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتى، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇراتتى. 
بالىنىڭ ھاياتى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى بولمىسا، بالا يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئەركىن كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان ئېسىل قىياپىتىنى يوقىتىدۇ. 

ئېلان:


بالا تەربىيلەشكە پەقەت بىر قېتىملا پۇرسەت بار، قولدىن كەتسە قايتا كەلمەيدۇ. 
قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

ئالتىنچى، ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىلەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرگەن يەنە بىر خەۋەرنى ئورتاقلاشماقچى مەن: 
خېيلوڭجياڭنىڭ خاربىندا 60 ياشلىق بىر بوۋاي ھەر كۈنى سەھەر سائەت بىردە سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامالغا قارىماي كېرەكسىز نەرسىلەرنى تېرىپ سېتىپ پۇل تاپىدۇ. 


كۈنىگە 20 نەچچە يۈەندىن ساتىدۇ، باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، 30 نەچچە ياشلىق ئوغلىغا قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. 
ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 
ياش ۋاقتىڭىزدا، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن پۇل تېپىپ، بالىلىرىڭىزنىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىسىڭىز، قېرىغاندا، بارلىق شان-شەرەپ ۋە پۇل ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ.
پەقەت بىر يارىماس بالا بولسىلا، سىزنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى غەم-قايغۇغا چۆمدۈرەلەيدۇ؛ 
ھالبۇكى، بىر مۇنەۋۋەر ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بالا سىزنىڭ كېيىنكى ئۆمرىڭىزنى بەختلىك ۋە غەمسىز ئۆتكۈزىدۇ. 

شۇڭا، بالىغا مەبلەغ سېلىش، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىكى بەختىگە مەبلەغ سالغانلىق بولىدۇ. 
ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاخىر بىر كۈنى تەر ئاققۇزغان ۋە ئۈمىد باغلىغان بۇ تۇپراقتا ئەڭ رەڭدار گۈل ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
مەنبە: بايقاش سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:


پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0