大数跨境

مىكرو ھېكايىلەر: ئۆي|ھەققانىيەت|مۇھەببەت

مىكرو ھېكايىلەر: ئۆي|ھەققانىيەت|مۇھەببەت NepKan
2022-01-23
0
导读:بىزدە ئاغرىق تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، قەلبىمىزدە ياخشىلىق، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك بولىدۇ...


ئىلاۋە:
بىزدە ئاغرىق تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، قەلبىمىزدە ياخشىلىق، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك بولىدۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ھارارەتنى ھېس قىلالايمىز.
شى خەنبىڭ مىكرو ھېكايىلىرى


ئۆي
بىر جۈپ ئاتا-ئانا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ، ئوغلى ئۈچۈن شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. دادا چارچاپ ئاغرىپ قېلىپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئانا قاتتىق قايغۇردى، يۇرتىدىكى ئۆيىنى سېتىۋەتتى، ئوغلىغا ئەگىشىپ شەھەردە ئوغلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى.
ئۆي ئوغلىنىڭ نامىدا. ئوغلى بىر ئۆمۈر ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشقا ۋەدە بەردى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئوغلى بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشتى. قىز داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، بىلىملىك، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ پەقەت بىر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئانىسى ئۆيدە تۇرسا بولمايدۇ.
ئوغۇل خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئانا بىلەن مەسلىھەتلەشتى، ئانا قوشۇلمىدى، چۈنكى ئۆينى ئۇ پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ بارىدىغان يېرى يوق.
ئوغلى سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، ئانىسىنى سوتقا ئەرز قىلدى. سوتتا، ئوغلى ۋارقىراپ-جارقىراپ ئانىنىڭ «ئۆينى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن قەبىھ قىلمىش.»نى بولۇشىغا سۆكتى.
ـــ ئوغلىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋېلىپ، يەنە بىر ئۆمۈر ئوغلىنىڭ ئۆيىنى ئىگىلىۋالماقچى بولۇپتۇ، تازىمۇ نومۇسسىز ئانا ئىكەنغۇ بۇ!
نۇرغۇن تورداشلارنىڭ غەزىپى قايناپ تاشتى. ئوغۇل نۇرغۇن مەستانىلەرگە ئېرىشتى.
ئۆي ئوغۇلنىڭ نامىدا، ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ. ئانا دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كوچىدا بىر ياشانغان سەرگەردان كۆپەيدى.
ئوغۇل توي قىلدى، تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك، مۇھەببىتى ئىنتايىن تاتلىق، ھازىر ئۈچىنچى بالىلىق بولدى.


ھەققانىيەت
سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان «ئەخمەق» قايتىپ كەلدى.
ئۇ «ئەخمەق» شېنجېندا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، گېزىتكە چىقتى، يەنە تېخى تېلېۋىزورغىمۇ چىقتى. ئادەم قۇتقۇزغاچقا، بىر پۇتى مېيىپ بولۇپ قالدى.
-سەن «شۇم»نىڭ نامى چىقىپ، كەنتىمىزگە شەرەپ كەلتۈردۈڭ.
كەنت ئاھالىلىرى ماختىشىپ كەتتى.
ـــ  نۇكلېئىك كىسلاتانى تەكشۈرتۈڭلارمۇ؟
كەنت باشلىقى تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى.
كۆپچىلىك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدى.
ـــ سەن شۇم يامان نىيەت بىلەن يۇرتقا قايتىپ، زەھەر تارقاتماقچى شۇنداقمۇ؟


ـــ بىزنىڭ سەن بىلەن قانداق ئاداۋىتىمىز بار، سەن بىزگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟
كىشىلەر مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئارقىغا چېكىندى. ھەر كىم ئۆز يۈرىكىدىكى غەزەپلىك يالقۇننى، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ.
«ئەخمەق» كەنت سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولدى.
چاغان كېچىسى قار-شىۋىرغاندا ئاقساپ غايىب بولدى.


مۇھەببەت
بىر كىتاب خالتىسى بىر قىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، لېكىن قىز باشقا ئەرگە ياتلىق بوپتۇ.
پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كىتاب خالتىسىنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ. لېكىن، بۇ كىتاب خالتىسى ئاندا-ساندا قىزنىڭ: يولدىشىم سىرتتا پاھىشىۋازلىق قىلىدۇ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى.
دېگەن سۆزلىرىنى كۆرۈپ قالاتتى.
ـــ سەن ئاجرىشىپ كەت، مەن سېنى باقىمەن.
دەپتۇ كىتاب خالتىسى قىزغا سەمىمىيلىك بىلەن.
ـــ بولمايدۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نۇرغۇن پۇل قەرز.
ـــ مەن ساڭا ياردەم قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.
كىتاب خالتىسى قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە سېتىشقا بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، پۇلىنى قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.
ئايال بۇرۇلۇپ پۇلنى ئېرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ: «بىر ئەخمەق (B) مېنىڭ كۆڭلۈمنى پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشنى ئويلاۋېتىپتۇ، مەن ئۇنى ئالداپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە قەرز بولۇپ قالدىم دېدىم... لېكىن، سىز بۇنىڭدىن كېيىن سىرتتا پاھىشىۋازلىق قىلماڭ، ھە...»
ئۇزاق ئۆتمەي، ئېرى يەنە پاھىشىۋازلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ئايال غەزەپلەنگەن ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ: «سەن ئالدامچى، چوقۇم جازاغا ئۇچرايسەن... »


دەپ ۋارقىراپتۇ.
2022-يىلى 1-ئاي
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0