大数跨境

تور قەرزنىڭ 5 خىل ئاقىۋىتى: بالا-چاقىلىرىڭىزنى چېتىۋالماڭ!

تور قەرزنىڭ 5 خىل ئاقىۋىتى: بالا-چاقىلىرىڭىزنى چېتىۋالماڭ! NepKan
2022-02-16
1
导读:ئەگەر ئادەمدە ئىناۋەت بولمىسا جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ناھايىتى تەس. سەمىمىيەت ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ئەگەر ئادەمدە ئىناۋەت بولمىسا جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ناھايىتى تەس. سەمىمىيەت ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى، بولۇپمۇ سودىگەر سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدۇ. مەيلى ھەمكارلاشقۇچى بولسۇن ياكى ئۆزى بولسۇن، كۆپچىلىك سەمىمىيەتسىز كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ. بىر ئادەمدە سەمىمىيەت بولمىسا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ھازىر چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرى، ئىناۋەت دوكىلاتىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توردا قەرز ئېلىش تارىخى بار. نۇرغۇن كىشىلەر توردا قەرز ئېلىش سەۋەبىدىن قەرز سۈيلىگۈچىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىشى، جېنىدىن تويۇشى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى بالاغا قويۇشى، ئۆينى مالىمان قىلىشى....
كۆپچىلىكنىڭ تور قەرزىگە چېقىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۆزى ئۈچۈن، بالىسى ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن. 


تۆۋەندە بىز تور قەرز پۇلىنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: 
1. جەرىمانە ئۆسۈمى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ياكى ئۆسۈمنىڭ ھەسسىلىنىشى 
تور قەرزىنى قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ قايتۇرمىسا، قانۇنلۇق ئەھۋالدا قەرز تارقاتقۇچى سۇپا مەلۇم مىقداردا جەرىمانە ئۆسۈم ئالىدۇ. ئادەتتە قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن جەرىمانە ئۆسۈمىنى ھېسابلىغاندا، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن دىرى بىلەن قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن كۈن سانىنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈم نىسبىتى 1.5 بولىدۇ. 
بۇ يەردە كۆپچىلىككە شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەنكى، مەن بانكا خىزمەتچىسى ئەمەس، پۇل مۇئامىلە ئورگىدىنمۇ ئەمەس، مەنمۇ ئىلگىرى تور قەرزىنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغان ئادەم، ھازىر ئۆزۈمنى ئوڭشىلۋالدىم. توردىن قەرز ئېلىشنىڭ ئازابى ۋە بېسىمىنى چوڭقۇر بىلىمەن. بۇرۇن مەنمۇ بىر ئۇششۇق ئادەم ئىدىم، قايتۇرغۇم بولمىسا، ئۇنىڭ قانداق ئۆسۈم قاتلىشى بىلەن نېمە كارىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن راستتىنلا قايتۇرمىساق بولامدۇ؟ مەن چۈشۈمدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئويلايمەن، لېكىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. 
ئەگەر مۇنتىزىم قانۇنلۇق قەرز ئېلىش سۇپىسى بولسا، بەزى قەرز ئېلىش سۇپىلىرى جەرىمانە ئۆسۈمى ئاساسىدا نورمىدىن سىرت توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئالىدۇ (نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلارمۇ شۇنىڭغا تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ.) بۇ ھەقلەرنى قوشقاندا، قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىز بولغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ئاقىلانىلىك بىلەن قەرز ئېلىشىمىز كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، ئالغان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. 

2. شەخسنىڭ ئىناۋەت سانلىق مەلۇماتىغا ناچار تەسىرى ئېغىر بولىدۇ
بۇ بىر نەچچە يىلدا ئەسلىدە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولغان قەرز ئېلىش سۇپىلىرى ئىناۋەتكە ئېرىشەلمىدى، ھازىر ئاستا-ئاستا ئىناۋەتكە چىقىشقا باشلىدى، مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سانلىق مەلۇمات ئېغىزىغا ئېرىشتى. بۇ بىزدەك ئۇششۇقلۇق قىلغۇچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. پەقەت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا ئىناۋەتكە تەسىر يېتىدۇ. يەنە لەۋزىدە تۇرماسلىق ئارخىپى خاتىرىلىنىدۇ-دە، كېيىنكى بىر قاتار شەخسىي پۇل مۇئامىلە كەسپى پائالىيەتلىرىمىز چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز پۇل مۇئامىلە كەسپى ئارقىلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج، ئامال يوق، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىككە بولمايدۇ.

3. ئالاقىلىشىش خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز تورغا چىقىرىلىپ، سۇپا ھەر كۈنى قەرز سۈيلەپ ئارام بەرمەيدۇ
توردا قەرز ئېلىش خاتىرىسى بولسىلا، مۇناسىۋەتلىك قەرز سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسىدە سۈيلەش تارماقلىرى بولىدۇ. قەرەلسىز ھالدا قەرز ئالغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، تېلېفون قىلىپ قەرز سۈيلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ، ئىش چوڭايغاندا ئائىلىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. 

4. سۇپا تەرىپىدىن ئەرز قىلىنىدۇ
ئەگەر پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرمىسا ھەم يامان غەرەزدە كەينىگە سۆرىسە، سوتقا ئەرز قىلىنىشى مۇمكىن، مال-مۈلۈكى پىچەتلىنىشى مۇمكىن، مەن ئىلگىرى قايتۇرماي تېنىۋالماقچى بولغان، ھەتتا پۇلۇم بولمىسىمۇ قايتۇرغۇم يوق ئىدى، قەرز سۇپىلىرى مېنى ئەرز قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەن تېخى ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ قويغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى ئادەم كەلدى. ئۇلارغا ھەقىقەتەن تەڭ كەلگىلى بولمايتتى.
 
5. تۇرمۇشقا بولغان باشقا تەسىرلەر: ئۇششۇقلۇق قىلغاندا ئىستېمالغا تەسىر يېتىش، سەپەرگە چىقىشقا تەسىر يېتىش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ
(1) قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئىناۋەت ئېڭى بىر قەدەر ئاجىز، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدۇ. 
(2) ئەقلىي بولمىغان ئىستېمال، پۇلنى قەرەللىك قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەبلىغى ئانچە ئوبروت بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر پادىشاھتەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋالدا، توردا قەرز ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە قەرز بېرىشتىن بۇرۇن، قەرز بېرىش سۇپىسى خەۋپنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار كىشىلەرگە قەرز بەرسە، مانا بۇ مۇشۇ ساھەدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ئىدى.
(3) جەمئىيەت ھەر خىل ھەر ياڭزا بولۇپ، ياخشىسىمۇ، يامىنىمۇ بار، ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ تور قەرزىگە يەتمەيدۇ. سىرتتىكى ئېزىقتۇرۇشلار بەك كۆپ، ئەرلەر ئېزىقتۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئاياللارنىڭ رېئاللىقىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ جاپا تارتىشىنى خالىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ناۋادا قەرز ئالسىڭىز، ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ، بىز ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلمايلى، ئۆيدىكىلەرنى چېتىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇ زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىڭ. 
(4) ئەمەلىي ئۆسۈمى بەك يۇقىرى
بەزى قەرز ئېلىش سۇپىلىرى تۇنجى ئايلىق ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى ئۆسۈمىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن خېرىدارلارنى قەرز ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەڭ سوممىلىق قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى نامىي ئۆسۈم نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم سۇپىنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈم نىسبىتى %0.95 بولۇپ، قارىماققا ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن IRR فۇنكسىيەسى ئارقىلىق ھېسابلىغاندا يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %35.9 كە يېتىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %36 لىك قىزىل سىزىقىغا يېقىنلىشىدۇ. ھەر ئايلىق دومىلىما ئۆسۈمگە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
مەنبە: تيەنيەن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0