大数跨境

مېتا ئالەم ئۆي-مۈلۈكچىلىك باھاسى نېمە ئۈچۈن 700 ھەسسە ئۆرلەيدۇ؟

مېتا ئالەم ئۆي-مۈلۈكچىلىك باھاسى نېمە ئۈچۈن 700 ھەسسە ئۆرلەيدۇ؟ NepKan
2021-12-21
2
导读:كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆپۈكنى ئىتتىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى پالۋان چوقۇم ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈ

دۆلىتىمىز: ئۆينى تۇرالغۇ قىلىش، ھايانكەشلىك ۋاسىتىسى قىلماسلىق. (房住不炒)
مېتا ئالەم: ئۆينى ھايانكەشلىك ۋاسىتىسى قىلىش، تۇرالغۇ قىلماسلىق. (房炒不住)

رېئال تۇرمۇشتا، ئۆي ھايانكەشلىرى ئۆي ھايانكەشلىكى قىلغاندا، ھېچ بولمىغاندا قولىدا يەنە بىر يۈرۈش ھەقىقىي ئۆي بولىدۇ. ئەمما، مېتا ئالەم دۇنياسىدا، بىر يۈرۈش مەۋھۇم ئۆينى نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆي باھاسىدىنمۇ يۇقىرى.
كەسىپ ئەھلىلىرى بار ئاۋازى بىلەن: «شامال ئېغىزى كەلدى، بېيىش ئۈچۈن، مۇشۇ يەردە ئاخىرىغىچە تىرىشايلى!» دەپ ۋارقىرايدۇ.


كەسىپ ئەھلى ئەمەسلەرچۇ؟ ئىككى كۆزى چەكچەيگەنچە، بۇ قانداق يول؟ دەپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالىدۇ.
بۈگۈن كەمىنە كۆپچىلىك بىلەن مېتا ئالەم ئۆي ھايانكەشلىكىنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
ئېنىقكى، كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، مېتا ئالەم پۈتۈن يەر شارى ئالاقە تورىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد تېخنىكا ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى مۇھىم شەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. يىڭۋېيدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان، مېتا ئالەم بوشلۇقىنى تۆۋەن قاتلامدىكى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆزەكنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. مىكروسوفت، Meta لار تۇنجى ئالەم مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى.


12-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەيدۇمۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى مېتا ئالەم مەھسۇلاتى «شىراڭ»نى بازارغا سالىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىلغار ئالاقە تورى شىركەتلىرى مېتا ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ماگناتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇھىم نۇقتىسى بار، يىڭۋېيدا تۆۋەن قاتلامدىكى ئۆزەك تېخنىكىسىنى مەۋقە قىلغان بولۇپ، مىكروسوفت مەۋھۇم يىغىن سىستېمىسىنى مەۋقە قىلىپ، Meta مېتا ئالەم ئويۇن دۇنياسىنى قۇرىدۇ، بەيدۇنىڭ «شىراڭ» بولسا كائىناتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى نىشان قىلغان.


بىز بۇ ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ مېتا ئالەمنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى كەسپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. يىڭۋېيدا ئۆزەك كارخانىسى بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ Office دۇنيا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۆلچىمىگە ئېنىقلىما بەرگەن، Meta بولسا دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ تور ئىجتىمائىي ئالاقە گۇرۇھى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئويۇن تۈرىدىكى كائىناتنى ئاچقان بولۇپ، تېڭشۈنگە ئاللىقاچان ئەۋرىشكە بىلەن تەمىنلىگەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە ئارقىلىق ئويۇننى تۇتاشتۇرۇش ھەم زور پايدا ئالىدىغان، ھەم ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغان سودا ئەندىزىسىدۇر. «شىراڭ»مۇ بەيدۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تورتقا بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
مۇشۇ خىل ئېنتىرنېت شىركەتلىرى مېتا ئالەم بوشلۇقىنى كەسپلەشتۈرۈشتىكى تۈرلەرنى يولغا قويدى. بۇ خۇددى ئۈستەل يۈزى ئالاقە تورىنىڭ كۆچمە ئالاقە تورىغا كىرگىنىگە، كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ مېتا ئالەم ئالاقە تورىغا كىرگەنلىكىگە ئوخشايدۇ. ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئالاقە تورى كەسپىنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ.


مېتا ئالەم كەسپىمۇ ۋۇجۇدقا كېلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش، يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش، پىشىپ يېتىلىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى ئىش ئورنى، يېڭى بايلىق، يېڭى باج، يېڭى تېخنىكا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ئالەم بوشلۇقىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق.

لېكىن، مېتا ئالەم بوشلۇقى ئۆي ھايانكەشلىكى ئوخشىمايدۇ. مېتا ئالەم ئۆي ھايانكەشلىكىنىڭ ماھىيىتى پۇل ھايانكەشلىكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئوخشاش بىر ئالدامچىلىق يولى بولۇپ، بىر خىل شەكىل ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر قېتىم ئويناش ھېسابلىنىدۇ.
بۇ چاغدا بىرەيلەن ئىككى كۆزىنى پارقىرىتىپ: «پۇل ھاياكەشلىكىدە كاتتا باي بولغىلى بولىدۇ! ئۇنداقتا مېتا ئالەم بوشلۇقى ئۆي ھايانكەشلىكىدىمۇ بېيىپ كەتمەمدۇ؟» دەيدۇ.


ھەقىقەتەن، ئەلۋەتتە باي بولغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى خەۋپ-خەتەرنى تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ. پۇل ھايانكەشلىكىنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بېيىپ كېتىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خانىۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. پۇل ھايانكەشلىكىنىڭ خەتىرى قىمار ئويناشنىڭ خەتىرىدىن چوڭ.
نېمە ئۈچۈن، مېتا ئالەم ئۆي ھايانكەشلىكىنى پۇل ھايانكەشلىكى بىلەن ئوخشاش ئالدامچىلىق يولى دەيمىز؟
كەمىنە «قىمارخانا ۋە شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل سودىسى بازىرىنىڭ پەرقى (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.)» دېگەن ماقالىدە، چولپان چوڭ Vلار مەيدانغا چۈشۈپ، تېز سۈرئەتتە مەۋھۇم پۇلنىڭ داڭقى ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە مەيدانغا كىرىشكە جەلپ قىلدى، دەپ يازغان.
بىت پۇلىنى ئاممىبابلاشتۇرۇش جەريانىدا، ئالدى بىلەن شۆ مەنزى قاتارلىق چوڭ Vلار ياڭ مى، خەن گېڭلارنىڭ بىر پۇل ھايانكەشلىك توپىدا پۇل ھايانكەشلىك ھېكايىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، چولپان ئېففېكتى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقاتتى.
مېتا ئالەم بوشلۇقى ئۆي ھايانكەشلىكىدە يەنە لىن جۈنجيې 15 مىليون 520 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەۋھۇم يەر سېتىۋالغان. نېمىشقا لىن جۈنجيې؟ نېمىشقا ياۋروپا چولپىنى ئەمەس؟ ياكى ياپونىيە-كورىيە چولپانلىرى ئەمەس؟


لىن جۈنجيېنىڭ داڭقى ئاساسلىقى جۇڭگودا بولغاچقا، بۇ خۇددى چولپان ئوبراز ۋەكىلى بولغانغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى داڭلىق چولپاننى تېپىش كېرەك. 
لىن جۈنجيېنىڭ بەلگىسى چاپلانسىلا، مېتا ئالەم ئۆي ھايانكەشلىكى لىن جۈنجيېنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش تېزلىكتە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تارقىلىدۇ. پۇل ھايانكەشلىرى ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ 80-، 90-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلىرى بولۇپ، لىن جۈنجيېنىڭ بۇ بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە داڭقى ئەڭ يۇقىرى ئىدى.
يەنە كېلىپ، لىن جۈنجيې سىنگاپورلۇق بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ قانۇن قائىدىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتى.
بۇ باسقۇچتا ئاساسلىقى مېتا ئالەم ئۆي-مۈلۈكىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەۋھۇم ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىكىگە جەلپ قىلىدۇ. پەقەت كىرگەن مەبلەغ يېتەرلىك بولسىلا، ئوينىغۇچىلارنىڭ پۇل تېپىش تاپالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئېتىزدارلار چوقۇم پۇل تاپىدۇ.


پەقەت بىر چولپان ئوبراز ۋەكىلى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ. ماس قەدەمدە مەشغۇلات قىلىش ئۈچۈن، سول قول بىلەن ئوڭ قولنى قايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مېتا ئالەم بوشلۇقى ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى ئۆرلىتىش كېرەك. بۇ پۇل چەمبىرىكى بىلەن ئوخشاش.
مەسىلەن، مەن بىر پۇلى تارقاتسام، سول قولۇم بىلەن سېتىۋالىمەن، ئوڭ قولۇم بىلەن ساتىمەن، قانچە ھەسسە قاتلىماقچى بولسام، ئۆزۈمنىڭ دېگىنى ھېساب. سىرتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭغا قاراپلا، باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى، ئۆسۈم پەرقىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرۈپ دەرھال مەيدانغا كىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدي.
بۇ يەرگە كەلگەندە، قىزىقارلىق ئويۇنغا ئايلىنىدۇ. مەيدانغا كىرىپ كەمىنىنىڭ پۇلىنى سېتىۋالىدىغان ئادەم، ئالدى بىلەن ھەممىسى مېنىڭ مۈلۈكۈمنى سېتىۋالىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار مەيلى پۇل تاپسۇن ياكى تاپمىسۇن، بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان پۇل تېپىپ بولغان بولىمەن. ئۇنداقتا، مېنىڭ مۈلۈكۈمنى ئالغان ئادەم قانداق پۇل تاپىدۇ؟ بىردەمدىن كېيىن بىر ئەخمەق تېخىمۇ يۇقىرى باھا چىقىرىپ بۇنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.


يەنە تېخىمۇ كۆپ كېيىنكى ئەخمەقلەر چىقامدۇ؟ بۇ مۇشۇ «تورت»نىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىغا باغلىق. مەسىلەن، زور مىقداردىكى مەبلەغ سالغۇچى ئېقىپ كىرسە، مەبلەغ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىدۇ، ئۇنداقتا، ئەڭ دەسلەپتە كىرگەن ئاشۇ كىشىلەر يەنىلا ئەگىشىپ ئازراق پۇل تاپالايدۇ.
نېمە ئۈچۈن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر زىيان تارتىدۇ؟ چۈنكى بۇ بىر مەيدان نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش. پۈتۈن جەريان ئەمگەك ياراتمىدى، يېڭى قىممەت ياراتمىدى، پەقەت باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئۆز چۆنتىكىگە سالدى. ئېتىزدار يۈكسەك نەزەر بىلەن، بارلىق كىشىلەرنىڭ تەگلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.

مېتا ئالەم بوشلۇقى ئۆي ھايانكەشلىكى قانداق كونترول قىلىنىدۇ؟ بىز جاھان ئەھلى (天下秀) ئاچقان ھەسەن-ھۈسەن ئالىمىنى مىسال قىلايلى. ھەسەن-ھۈسەن ئالەم بوشلۇقىدا چەكلەنمە نومۇر بويىچە سېتىش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن «نومۇر چەكلىمىسى بويىچە سېتىلىدۇ» ؟


ئۇنىڭ ماھىيىتى شۇكى، پاي بازىرىنى كونترول قىلىش. بۇ خۇددى پاي چېكى ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. سىز مەلۇم بىر پاي چېكىنىڭ پاي باھاسىنى كونترول قىلماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن پاي بازىرىنى كونترول قىلىپ، بۇ پاي چېكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوبوروت پېيىنى ئىگىلەپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوبوروت پېيىنى قالدۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنەلمەسلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن يەنە ئاددىيراق قىلىپ سۆزلىسەم، مەسىلەن، مەلۇم بىر پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى 10 مىليارد يۈەن، ئوبوروت پېيى 8 مىليارد يۈەن. بۇ سەككىز مىليارد پۇل مېنىڭ كونتروللىقىمغا ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر مەن بۇ پاي چېكىنى كونترول قىلماقچى بولسام، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
مەن ئاۋۋال 6 مىليارد يۈەنلىك پاي چېكى سېتىۋېلىشىم كېرەك. ئۇنداق بولسا، ئوبوروت پېيى ئاران 2 مىليارد يۈەن ئېشىپ قالىدۇ. مەن يەنە 200 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقارسام، ئۆرلەشنى توختىتالايمەن. ئەگەر مەن بىر مىليارد مەبلەغ تەييارلىسام، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، 20 قېتىملىق ئۆرلەشنى ئاسانلا توختىتالايمەن.


مانا بۇ يې فېي ئۇقۇم پېيىنىڭ ئىزچىل مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى.
باھا پۈتكۈل بازار قىممىتىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى مارگىنال سودا باھاسىغا باغلىق. بىر شەھەردە بىر مىليون يۈرۈش ئۆي بار بولسا، ئۆي باھاسىنى بەلگىلەيدىغىنىنى ھەر كۈنى 1000 يۈرۈش ئۆينىڭ پۈتۈشۈش باھاسى بولىدۇ. خېرىدارلار بۇ 1000 يۈرۈش ئۆينى ھايانكەشلىك ۋاسىتىسى قىلسىلا، بىر مىليون يۈرۈش ئۆينىڭ باھاسى ئۆسىدۇ.
مەن بىر مېتا ئالەم مەھسۇلاتىنى تورغا چىقىرىپ، مەۋھۇم ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن تەمىنلىدىم، مەن ئۆزۈم %90 يەرنى كونترول قىلىپ، پەقەت %10 يەرنىلا سېتىپ چىقاردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە پۇل چىقىرىپ %9 يەرنى سېتىۋالدىم، سول قولۇمدا سېتىۋالدىم، ئوڭ قولۇمدا ساتتىم، ئالماشتۇرۇش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، بازاردا ھەقىقىي ئەركىن سودا قىلغىلى بولىدىغان مەۋھۇم يەر ئەمەلىيەتتە پەقەت %1 ئىدى.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆرگىنى، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغان ئالماشتۇرۇش نىسبىتى، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى باھا نىسبىتى، ئۇنىڭ راستتىنلا قىممىتى بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىممىتى يوق، ئۇنىڭ بەزىلىرى پەقەت كۆپۈك.


بۇنىڭدا مېتا ئالەم ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىلا 700 ھەسسە ئۆرلەپ كېتىشىگىلا قاراشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سودا ئەندىزىسىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش-بولماسلىقىغا قاراش كېرەك. كۆپۈكنى كۆپتۈرگەندە، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆپۈكنى ئىتتىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى پالۋان چوقۇم ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296