大数跨境

جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتىنىڭ تۆھمەت قىلىش نىسبىتى يۇقىرىمۇ؟

جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتىنىڭ تۆھمەت قىلىش نىسبىتى يۇقىرىمۇ؟ NepKan
2022-02-02
2
导读:نۇرغۇن كىشىلەر «جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتىدە، جاۋابكارغا ئاسانلا قارا چاپلىنىدۇ.» دەپ قارا

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر، يېقىندىن بۇيان مەن نۇرغۇن خەت-چەكلەرنى تاپشۇرۇۋالدىم، بەزى خەت-چەكلەر مېنى ناھايىتى بىئارام قىلدى، بەزىلەر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان، ئەمما، دەلىل-ئىسپاتنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇشقا ئامالسىز قالغان. نۇرغۇن مۇشۇنداق خەت-چەكلەر ئۇچرىدى. 
شۇڭا مەن بۈگۈن مۇنداق بىر تېمىدا سۆزلىمەكچى، يەنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتى بىر خىل تۆھمەت قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان جىنايەتمۇ؟ 
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر «جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتىدە، جاۋابكارغا ئاسانلا قارا چاپلىنىدۇ.» دەپ قارايدۇ. مەيلى جۇڭگو ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، بۇنداق ئۆلۈك تەسىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، ھەتتا نۇرغۇن قانۇنىي كىشىلەرنىڭ قەلبىدە «ئەلمىساقتىن تارتىپ بۇزۇقچىلىق ئاياللاردىن چىقىدۇ» دەيدىغان قاراش بار.
ئەنئەنىۋى قانۇندا، جىنسىيەتكە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى بىر خىل ئۆرپ-ئادەت جىنايىتى دەپ قارىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئادەت جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئائىلە ۋە توي مۇناسىۋىتى ئىچىدە چەكلەپ قويىدۇ، پەقەت ئائىلە ئىچىدە يۈز بەرگەن جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، قەدىمكى جەمئىيەتتە جىنسىي دەخلى-تەرۇز جىنايىتى دېگەن ئۇقۇم يوق ئىدى. 
جىنايى ئىشلار قانۇنى باشتىلا ئاياللارنىڭ ئۆز جىسمىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ قارىمىغان، مەيلى ئاياللار بۇ ناتوغرا ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىگە قوشۇلسۇن ياكى قوشۇلمىسۇن، ئۇ ئوخشاشلا باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە تەۋە. زەربە بېرىش جەھەتتە، پاھىشىۋازلىق ۋە باسقۇنچىلىقتا ئاياللارنىڭ «قوشۇلماسلىقى» پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك قىممىتىنىلا ئايرىيدۇ. 
قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جىنسىي قىلمىش باسقۇنچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ماقۇل بولغان ئەھۋال ئاستىدا، پاھىشىۋازلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا ئەر-ئاياللاردا ئوخشاش جىنايەت شەكىللىنىدۇ، باسقۇنچىلىقتا ئاياللار گۇناھسىز بولىدۇ. شۇڭا، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئايال تەرەپنىڭ پاھىشىۋازلىق  دەپ ئەيىبلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باسقۇنچىلىق شىكايىتىدە ئەر تەرەپكە «باسقۇنچىلىق قىلدى.» دەپ تۆھمەت قىلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. 
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قىز تەرەپتىن ئەڭ زور دەرىجىدە جىسمانىي قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى. 
«ئاچ قېلىش كىچىك ئىش، ئىپپەتسىزلىك چوڭ ئىش» ئىپپەتنىڭ قىممىتى ھاياتنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى قوغدىشى كېرەك. ھاياتىنى قۇربان قىلغان تەقدىردىمۇ باش تارتماسلىقى زۆرۈر. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چىشىڭىزمۇ چۈشۈپ كەتمىسە، ئىككى قولىڭىزمۇ ھېچقانداق زەخمىلەنمىسە، سىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدىم دېيەلەمسىز؟ كۈلكىلىكمىكەن؟ ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل، قانۇندا مۇشۇنداق بىر خىل قاراش مەۋجۇت ئىدى. 
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىئىنەزىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن، كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئەرلەر تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك مال-مۈلۈك ئەمەسلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ جىسمىنى باشقۇرالايدۇ. 
قانۇندا جىنسىي دەخلى-تەرۇزنى مەنئى قىلىش مەلۇم ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاياللارنىڭ ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن جىنسىيەت مەسىلىسىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بولىدۇ، جىنسىي جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئادەمنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقى. 
جىنسىي جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى دېگەن نېمە؟ يەنى مۇۋاپىق ئوبيېكتىپ بىلەن جىنسىي قىلمىش سادىر قىلىشنى تاللاشتىكى بىر خىل ئاكتىپ ئەركىنلىك بولۇپ، ئۇ باشقىلار بىلەن جىنسىي قىلمىش سادىر قىلىشنى رەت قىلىشتىكى پاسسىپ ئەركىنلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شۇڭا، مۇشۇنداق بىر خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئايال تەرەپنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۆلچەم «ئەڭ زور دەرىجىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش» قائىدىسىدىن «مۇۋاپىق قارشىلىق كۆرسىتىش»كە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. 
لېكىن، مۇۋاپىق قارشىلىق كۆرسىتىش دېگەن نېمە؟ قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ؟ 
ئىلىم ساھەسىدە زور تالاش-تارتىش مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تالاش-تارتىش ئايال تەرەپنىڭ تىل جەھەتتىكى رەت قىلىشى بىر خىل مۇۋاپىق قارشىلىق بولامدۇ-يوق؟ دېگەندىن ئىبارەت. «ياق» دېيىش «ياق» دېگەنلىك بولامدۇ ياكى «ياق» دېيىش پەقەت تارتىنچانلىق بولامدۇ؟ چۈنكى %70 جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى تونۇشلار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. 
ئەر تەرەپنىڭ زورلۇق كۈچى روشەن بولماسلىق، ئايال تەرەپنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى روشەن بولماسلىقتا، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئايال تەرەپ خالا-خالىماس ھالەتتە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، پەقەت ئېغىزىدا «ياق» دېيىش پەقەت يىغلاشنىلا ئىپادىلەيدۇ، كۈچلۈك بولغان بەدەن جەھەتتە قارشىلىق كۆرسەتمىسە، بۇ زادى قوشۇلغانلىقمۇ ياكى قوشۇلمىغانلىقمۇ؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئىلىم ساھەسىدە خېلى كۆپ كىشىلەر «قىز بالا ئۆزىنىڭ نېمە قىلغۇسى بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇ (قىز)مۇ ئۇ (ئوغۇل)نىڭ نېمە دېگىنىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ بەدەن قارشىلىقىنى بىر خىل جىنسىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىش، يەنە كېلىپ ھۇزۇرلىنىش ھېس قىلىدۇ، ئۆزئارا جىنسىي ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى زىددىيەتلىك بولىدۇ، ئۇلار نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.» دەپ قارايتتى. 
شۇڭا ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولغاندا، «ياق» دەيدۇيۇ، لېكىن دائىم ئىشتىن كېيىن يالغان سۆزلەپ ئەرگە تۆھمەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ «ياق» دېيىشى ئەمەلىيەتتە ئۆلازىنىڭ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى جازالاش ئادىل ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەر. 
بەزى ئالىملار «جىنسىي مۇناسىۋەتتە سىمۋول خاراكتېرلىك قارشىلىق مەۋجۇت، شۇڭا "ياق" دېيىش خالىمايدىغانلىقى بولۇشى ناتايىن.» دەپ قارايدۇ. 
ئەمما، سىمۋول خاراكتېرلىك قارشىلىقنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەرىكەتنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پىسخولوگىيە، روھىي ئانالىز ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن ھەرىكەتلىرى مۈجمەل بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئىدراك ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. 
ئاقىلانىلىك پەقەت مۇزنىڭ ئۈستىدىكى ئاشۇ ئازغىنە نەرسىلەر بولۇپ، مۇزنىڭ ئاستىدىكى %90 نەرسە قارىماققا ئاقىلانە ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بىز قانۇندا يەنىلا بۇ قىلمىشلارنى ئىنسانلار ئەقلىي ئەھۋال ئاستىدا قىلغان دەپ قارايمىز. سىز توختام ئىمزالىغاندا، ئاتا-بوۋىڭىزدىن مىراس قالغان ئۆينى ساتماقچى بولسىڭىز، سىز «مەن خالىمايمەن» دېسىڭىزمۇ، لېكىن قول قويسىڭىز، ئىمزا قويۇش قوشۇلغانلىق بولامدۇ ياكى قوشۇلمىغانلىق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە قوشۇلغانلىق بولىدۇ-دە، ئەجەبا بىز يەنە قانۇن جەھەتتە پىسخىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ 
قانۇن قېلىپلاشقان بولىدۇ، بۇمۇ قانۇننى پىسخولوگىيە قاتارلىق قېلىپلاشمىغان پەنلەردىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. كۆپچىلىك «جىنايەت ۋە جازا»نى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، «جىنايەت ۋە جازا»دا، توستويېۋ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ خىل قېلىپلاشمىغان ئىلىم-پەن ئارقىلىق قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر خىل خاھىشنى قانداق مەسخىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. تولستوينىڭ «تىرىلىش»دىمۇ بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغان. 
شۇڭا قانۇنشۇناسلىقنى قېلىپلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن، ئەگەر بىز «ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ئىدراكلىق.» دەپ قارىساق، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدراكىي چۈشىنىدىغانلىقى ۋە كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.
سىمۋول خاراكتېرلىك قارشىلىق كۆرسەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسى يىگىت بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىشتىن كېيىن ئەر تەرەپنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈستىدىن ناھايىتى ئاز شىكايەت قىلىدۇ. ئەمما، ئۇزاقتىن بۇيان، ئەدلىيە ئورگانلىرى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا بىر خىل چوڭقۇر ئىشەنمەسلىكىنى ئىپادىلەپ كەلدى، ئۇلار ئاياللارنىڭ يالغان سۆزلىشىدىن، ئۆچ ئېلىشىدىن، شۇ ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇۋال بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. گەرچە تەجرىبىسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جىنسىي دەخلى-تەرۇزنىڭ ساختا دېلو مەلۇم قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر يەنىلا ئايال تەرەپنىڭ جاۋابكارغا قارا چاپلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. 
نۇرغۇن كىشىلەر «جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىنى مەلۇم قىلىش نىسبىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ %50 ى يالغان.» دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن جىنسىي دەخلى-تەرۇز دېلولىرىدا ئاياللار غەزەپلىنىش سەۋەبىدىن ئۆچ ئالىدۇ، ياكى توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ، ئەرلەرگە قارا چاپلايدۇ. 
لېكىن، كەسكىن ئىلمىي تەتقىقات بۇ خىل ئەندىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئەكسىچە، نۇرغۇن يېڭى جىنايەتلەردە زور مىقداردىكى جىنايەت تۆھمەتچانلىقى مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، خېلى كۆپ جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى ئەدلىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن. نۇرغۇن دېلولارغا دېلو تۇرغۇزۇلمىغان، نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىككىنچى قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ، دېلو مەلۇم قىلمىغان، بەزىلەر دېلو مەلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ دېلو تۇرغۇزۇلمايدۇ، ھەتتا بەزى ئەدلىيە خادىملىرى ئۇلارنى تەڭقىسلىقتا قويىدۇ. دېلو مەلۇم قىلىش جەريانىدا ئىككى قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ. 
شۇڭا، « ياق»نىڭ ئۆزى «ياق» ئۆلچىمىنىڭ مۇۋاپىقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا مۇۋاپىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ، بىز ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ خام خىيالى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشى ئارقىلىق تەلەپ قويساق بولمايدۇ. مەلۇم نىسبەتتىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ پاسسىپ قارشىلىقىنى ياسالمىلىق قىلدى، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ خىل خاتا تونۇش پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، قانۇنغا بويسۇنمايدۇ. 

گەرچە قانۇن ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتنى كەسكىن ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، لېكىن قانۇن ئەڭ تۆۋەن چەكتە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ئەمەلىيەت ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا، قانۇن ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتىنى تەشەببۇس قىلىشى، ئاياللارنى نوقۇل نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ قورالى دەپ قارىماسلىقى، ئۇلارنى ئەقلىي، ئىززەت-ئابرويلۇق ئادەم دەپ قارىشى كېرەك. 
ئەگەر ئاياللارنىڭ جىنسىي جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۈرۈش ھوقۇقى بار دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزىگە نېمە لازىملىقىنى بىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئاياللار خالىغاندا «ھەئە» دەيدۇ، خالىمىغاندا «ياق» دەيدۇ، بۇ تىلدىكى ئىپادىلەر ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. 
ئاياللارنىڭ تىل جەھەتتىكى رەت قىلىشى ياكى يىغلىشى ناھايىتى روشەن بىر سىگنال بولۇپ، قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش قىلمىشىنى باسقۇنچىلىق قىلىش خەتىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. 
شۇڭا مېنىڭچە پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىشمۇ بىر خىل مۇۋاپىق قارشىلىق. بىز ئەرلەرنىڭ خاتا قارىشى بويىچە ئاياللارغا تەلەپ قويساق بولمايدۇ، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش قانۇن قوغلىشىدىغان نىشان. ھەر قانچە كۆپ ئەرلەر ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى پەس كۆرىدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەمگەك، ئىش ھەققى، ئۆرلەپ ئوقۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاياللارنى كەمسىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولغان ئادەتتىكى ئادەملەر ئۆلچىمى ئەرلەردىن ئاياللارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، جىنسىي ئالاقىدىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ئەلۋەتتە، بۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىك دېلولىرىدا نورمال تەرتىپ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىش ھاجەتسىز دېگەنلىك ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەرز قىلسىلا جىنايەت بېكىتىشكە بولىدۇ، دېگەنلىكمۇ ئەمەس. بۇ ئەلۋەتتە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا خىلاپ. 
چۈنكى جىنسىي دەخلى-تەرۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جىنايەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەلىل-ئىسپات ئۆلچىمى جەھەتتە، مۇۋاپىق گۇمانلىنىش دەرىجىسىگە يېتىشى كېرەك، پەقەت ئەمەلىي قانۇنىدىكى جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە دائىر قوشۇلماسلىق ئۆلچىمىدە، بىز «ياق»نىڭ «ھەئە» دېگەن بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك، «ياق»نى ئېتىراپ قىلىش «ياق» دېگەن قائىدىدىكى تىل جەھەتتىكى رەت قىلىشقا باراۋەر، شۇنداقلا بىر خىل مۇۋاپىق قارشىلىق بولىدۇ. 
ھەممىمىزنىڭ تەجرىبىسى چەكلىك، لېكىن دائىم بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قارايمىز. بەلكىم بىز ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆڭكۈرىدە تۇرۇپ ئاسماننى كۆزىتىشىمىز، قۇدۇق ئېغىزىنى پۈتۈن جاھان دەپ قارىشىمىز مۇمكىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى «ئاڭلىق ھالدا جىنسىي دەخلى-تەرۇزنى قوبۇل قىلىش جىنايىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.» دەيدىغان بۇ خىل كۆز قاراش، بەلكىم «پەقەت ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يوق.» دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇشى مۇمكىن. 
بىز كەسكىن ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىستاتىستىكا ئارقىلىق شۇنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ زادى تۆھمەت قىلىش نىسبىتى يۇقىرىمۇ ياكى دېلو مەلۇم قىلماسلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرىمۇ؟ 
مېندېس «ھوقۇقى بار ھەممە ئادەم ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىدۇ.» دېگەن ئىدى، بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تەجرىبە ئىدى. ھوقۇق ئىگىسى ھەمىشە ھوقۇقنى ئىشلىتىپ، چەك-چېگرا بار جايغا بارغاندا ئاندىن توختايدۇ. 
خىزمەتتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان ئەرلەرگە بۇ سۆز ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. لېكىن، قانۇن ئۆزىنىڭ ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشى ئۈچۈن چېگرا تەسىس قىلىشى شەرت، «ياق»نىڭ «ياق» بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر روشەن چەك. 
جىنسىي دەخلى-تەرۇز جىنايىتى قوغدايدىغان قانۇنىي مەنپەئەت ئۆرپ-ئادەتلەردىن جىنسىي جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئۆزگەرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ئەقلىي ئادەمنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە جىنسىيەت جەھەتتىكى تاللىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەركىنلىك قانۇن كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىدىغان قىممەت قارىشىغا ئايلىنىدۇ. پەقەت ئاشۇ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىنسان تەبىئىتىگە نىسبەتەن، تىل ھەرىكىتىدە ئاياللارنى ھۆرمەتلەشمۇ ئىنتايىن قىيىن، بولۇپمۇ قەلبىدىكى ھۆرمەت تېخىمۇ شۇنداق.
لېكىن، قانۇن تۆۋەن چەكنى قوغدايدىغان ئەخلاق جەھەتتە نەتىجە يارىتىشى كېرەك. 
كۆپچىلىككە رەھمەت.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296