大数跨境

دىققەت: پۇل يۇيۇش جىنايەت شايكىسىغا چېتىلىپ قالماڭ!

دىققەت: پۇل يۇيۇش جىنايەت شايكىسىغا چېتىلىپ قالماڭ! NepKan
2022-02-18
1
导读:تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئال

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---


ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى 
ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى: 0991 ـ 7654321

ئادەتتە كۆپچىلىك يانفونىدا دائىم بىر قىسىم قوشۇمچە خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالامدۇ-يوق؟
تورغا چىقىش جەريانىدا ھەمىشە ھەر خىل قوشۇمچە خىزمەت ئېلانلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز.
«ئىشىكتىن چىقماي، تېلېفون ئويناپ، كۈنىگە 1000 يۈەن تېپىڭ!»، «سىزنى يېتىپ تۇرۇپ پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز!» دېگەندەك ئېلانلارغا ھەر ۋاقىت يولۇقۇپ تۇرىمىزغۇ دەيمەن.
بۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقىۋاتامسىز؟ بەكلا سىناپ باققۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟

بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇ توردىكى قوشۇمچە خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ ئارقىسىدا تور جىنايەت شايكىسىنىڭ پۇل يۇيۇش سۇپىسى بار.
يېقىندا، ساقچى تەرەپ بەزى تور ئەھلى ئىنتېرنېت تورىدا مەلۇم پۇل تۆلەش سۇپىسى ۋە ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىپ قوشۇمچە خىزمەت قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئەدەپ، پەقەت سۇپىغا بەلگىلىك سوممىدا كاپالەت پۇلى تاپشۇرسىلا بولىدىغانلىقى ھەمدە پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھېساباتىنى تورغا (بەلگىلەنگەن) چىقارسىلا، ئىشىكتىن چىقمايلا يۇقىرى سوممىلىق شېرىنكانە ۋە پىرسەنت ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغان. 

تور رەسىمى


ساقچىلار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلىپ، بۇ سۇپىنىڭ تىجارەت خادىملىرىنى بايقاپ چىقتى.
ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىش ۋە خىزمەتخانا قۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تور ئەھلىنىڭ پۇل ئېلىش ئىسچوتىدىن پايدىلىنىپ چېگرا سىرتىدىكى توردا قىمار ئويناش تور بېكىتى شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق سۇپىسىغا قوبۇل قىلىش، يۆتكەش، مەبلەغ يۇيۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
بۇ خىل ئالدامچىلىق شايكىسى ئىنتايىن كۈچلۈك رازۋېدكا ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى ئىدراك يېڭى ساقچى ئىشلىرى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ بىر تور قارا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

تېخنىكا ئېچىش سودىگىرى
كېڭەيتىش تىجارىتى سودىگەرلىرى
يۈگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار...

كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كۆپچىلىككە مەشغۇلات تەرتىپىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
تېخنىكا ئېچىش سودىگىرى
دۆلەتنىڭ چىقىم راسچوت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقە تورىدا قانۇنسىز ھالدا «تۆتىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش» باشقۇرۇش ئارقا سۇپىسى قۇرۇپ، USDT پۇل ئۇسۇلىنى قوللىنىپ راسچوت قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قىمار تور بېكىتى قاتارلىق سۇپىلارنى چىقىم قىلىش يولى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كېڭەيتىش تىجارىتى سودىگەرلىرى
تور قوراللىرى ئارقىلىق ئالاقە تورىدىكى تور قارا چىقىم ئېھتىياجىغا چېتىلىدىغان مۇنبەر، QQ توپى قاتارلىق تور سۇپىلىرىنى توپلاپ، ئاندىن توپ ئېلان تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قانۇنسىز مەبلەغ راسچوت ئېھتىياجى بار چېگرا سىرتىدىكى توردا قىمار ئويناش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەت شايكىلىرىنى ئىزدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقە تورىدا يۇقىرى سوممىلىق شېرىنكانە قايتۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇن قوشۇمچە خىزمەت ئىزدىگۈچى خادىملارنى «يۈگۈر-يېتىم» خادىمىغا ئايلاندۇرىدۇ.

«يۈگۈر-يېتىم»غا ئېرىشكەنلەر
سۇپىغا بەلگىلىك سوممىدا كاپالەت پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن، سۇپىدا «تالون تالىشىش»قا بولىدۇ.
تالوننى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇپا بۇ «يۈگۈر-يېتىم» خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى سېتىۋالغان تەڭ سوممىلىق كاپالەت پۇلىنى بىۋاسىتە تۇتۇپ قالىدۇ.
ھەمدە مۇناسىپ بولغان USDT قىممەت تولۇقلاش كودىنى قىمارۋازلارغا تەمىنلەپ بېرىدۇ، قىمارۋازلار چىقىمدان، بانكا كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاپ تەڭ سوممىلىق USDT پۇلى ئارقىلىق «يۈگۈر-يېتىم»خادىملىرىنىڭ ھېساباتىغا كىرىدۇ.

تور رەسىملىرى


سۇپا ئاقما ھېساباتقا ئاساسەن «يۈگۈر-يېتىم» خادىملىرىغا شېرىنكانە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن «يۈگۈر-يېتىم»لار ۋاسىتىلىق ھالدا قىمار دەسمايىسىنى يۇيۇش ھالقىسىغا قاتنىشىپ قالىدۇ-دە، جىنايەتچىلەرگە ياردەم بېرىش قىلمىشىنى سادىر قىلىدۇ. 
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «يۈگۈر-يېتىم»غا قاتناشقۇچى خادىملار 3000 دىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

6-ئاينىڭ 8-كۈنى خۇيجۇ ساقچىلىرى شېنجېن لوڭگاڭ، خۇيجۇ خۈيچېڭ، بولو قاتارلىق جايلاردا تور يىغىش ھەرىكىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بىر USDT رەقەملىك پۇلدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىدىغان «تۆتىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش» سۇپىسىدىكى جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 76 سى قولغا ئالدى. دېلوغا چېتىشلىق توردا پۇل تۆلەش ئىشخانىسىدىن تۆتنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. توردا قىمار ئويناش شايكىسىدىن ئىككىنى بىتچىت قىلدى.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سۇپىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە 15 ئايغا يېقىن بولغانلىقى، چېگرا سىرتىدىكى 120 قىمار تور بېكىتىگە ۋە 70 مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق سۇپىسى مەبلەغ راسچوت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 120 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. 

ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:
كەڭ خەلق ئاممىسى ھەرگىزمۇ كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ، ئۈندىدار، چىقىمدان قاتارلىقلاردىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ «يۈگۈر-يېتىم» قوشۇمچە خىزمىتىگە قاتنىشىپ پۇل تېپىپ، توردا قارا چىقىم قىلىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. 
ئەگەر بۇنىڭغا ئوخشاش «يۈگۈر-يېتىم» قارا چىقىم قىلىش سۇپىسى بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئاكتىپلىق بىلەن ساقچىلارغا پاش قىلىڭ.
(ماقالە مەنبەسى: گۇئاڭدۇڭ تور ساقچىسى)

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:

1. «00، +»دىن باشلانغان چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلسىڭىز، چوقۇم ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈڭ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن 110 تېلېفونىنى قوبۇل قىلىڭ؛

2. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەڭ؛ ناتونۇش ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماڭ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنى چەكمەڭ؛

4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەسكەرتىش:
ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى


تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!
مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0