搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
باشقىلارنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش مەسىلىسى
>
باشقىلارنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش مەسىلىسى
NepKan
2022-01-31
0
导读:ھەرقانداق بىر خىل دۇرۇس بولمىغان خۇشاللىق ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمگە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈن كۆپچىلىككە توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش (蹭网) مەسىلىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچى.
كۆپچىلىك باشقىلارنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ باققانمۇ؟ توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلانسا سىزنىڭچە قانۇنغا خىلاپ بولامدۇ؟
يېقىندا ئېرشات (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم)نىڭ كۆڭلى تولىمۇ بىئارام ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆيىگە يېڭىدىن ئورناتقان كەڭ بەلباغ تورىنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كەتكەن ئىدى. ئېرشات بۇنى يانفوننىڭ ئىشى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر يىلدا 30 يانفون ئالماشتۇرغان، لېكىن تور سۈرئىتى يەنىلا بارغانسېرى ئاستىلىشىپ كەتكەن.
كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىلغانلىقىنى بايقىغان. ھازىر مۇشۇنداق مەخسۇس توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىدىغان دېتاللار بار.
ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىسى بىر ئۆيدە 20 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، كۈندە ئېرشاتنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلانغان بولغاچقا، ئېرشاتنىڭ كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ سۈرئىتى بەكلا ئاستىلاپ كەتكەن. شۇڭا ئېرشات قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەڭ بەلباغ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلانماسلىقىنى ئېيتقان، قوشنىسى رىشات (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) ئۇنىڭغا «بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ سىزدە ئازراق مېھرى-شەپقەت دەيدىغان نەرسە بارمۇ يا؟ كەڭ بەلۋاغ تورىدىن ئورتاق بەھرىلەنسەك نېمە بولۇپتۇ؟ يا سىزنى كۆپ پۇل خەجلەتمىسەك، شاخلىتىپ سېتىش چوڭ ئائىلىسىگە ئەزا بولسىڭىز، مېنىڭ سېنىڭ دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايمىز، شۇنداق بولغاندا بىز بىر-بىرىمىزگە نەپ يەتكۈزەلەيمىز، سىزنىڭچە قانداق؟» دەپتۇ. ئېرشات رىشاتنى ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆيدىن 20 ئادەم چىقىپ: «ھە، نېمە بولدى؟ ئەجەبا خاڭجۇدىكى ھېلىقى يۈتۈپ كەتكەن كىچىك يىلپىزنى سەن يەۋەتمىگەنسەن؟ يۈرىكىڭ قاپتەك ئىكەنغۇ سېنىڭ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنى سوراپ، چىشىمىزغا تەگمە، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۆزۈڭنى چاغلاپ ئىش قىلارسەن!...» دەپتۇ.
ئېرشات بۇنىڭدىن سەل قورقۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىپتۇ، ئەمما ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ كېتىپتۇ، شۇڭا ماڭا تېلېفون قىلىپ، يېقىندا قايتىدىن ئادەم بولۇشنى، قانۇنىي يول بىلەن مېڭىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بۇنى توغرا قىلىپسىز دېدىم. ئۇنداقتا توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەسمۇ؟
ئالدى بىلەن كۆپچىلىك كۆكتات بازىرىدىكى كۆكتات ساتىدىغان مومايدىن سوراپ باقسا بولىدۇ، سىز ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، نەرسىلىرىنى ئىشلەتسە توغرىمۇ خاتامۇ؟ دەپ سوراپ بېقىڭ. ئەگەر موماينىڭ ھەممىسى توغرا دېسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا دەپ قارىغان نەرسە چوقۇم قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. قانۇن پەقەت ئادەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق تەلىپى.
لېكىن مېنىڭچە ئەگەر ئۇ ئېرشاتنىڭ ئاپىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بۇنى توغرا ئەمەس دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ھادىسىنى بايقايسىز، يامان ئىش قىلغان ئادەممۇ ئۇ ئىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. پەقەت ئۇ ئادەتتە ئاغزى قاتتىق، باشقا سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
ئوغرىلارنىڭ ئوغرىلىق قىلىشىنى ياخشى دەيدىغان گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغىيدىڭىز؟ ئوغرىلار ئادەتتە «ئۇنىڭ يانفونىنى ئۇ يەرگە قويۇپ قويسا ھېچكىم ئىشلەتمەپتۇ، بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق، بەك ئىسراپچىلىقتۇر.» دەيدۇ ياكى ئوغرى «مېنىڭ ئۇنىڭ يانفونىنى ئېلىشىمنىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، قاراڭ ئۇ يانفونىغا خۇمار بولۇپ قاپتۇ، بىر كۈندە سەككىز سائەت يانفوننى كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەپ ئۇنىڭ يانفونىنى ئوغرىلىغان، ئۇنىڭغا يانفون خۇمارىنى تاشلاتقۇزماقچى.» دەيدۇ.
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئەخلاقنىڭ مەزمۇنىدا ئوخشىمىغان دەۋرلەردە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى، ئەمما نۇرغۇن يادرولۇق مەزمۇنلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاسمان ئۆزگەرسىمۇ، يەر-زېمىن ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئۆزگەرمەيدۇ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ «توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش ئوغرىلىق قىلغانلىقتۇر.»
بۇ قارىماققا ئورۇنلۇق كۆرۈنىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. ئالدى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ھەقىقەتەن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش جىنايىتى دەيدىغان جىنايەت يوق.
ئەختەم (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) ئەرشىدىن (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم)نىڭ بىر iPhone سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئاندىن يەنە ئەسقەر (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) سېتىۋالغان سەككىز مىليون يۈەنلىك موتوسىكلىتنى ئوغرىلىقچە ھەيدەپ، يالغاندىن پۇلدار ئادەم بولۇۋېلىپ، ئۆزىنى تازا كۆز-كۆز قىلىپتۇ، لېكىن كېيىن يەنە ئوغرىلىقچە يانفون ۋە موتسىكلىتنى ئەرشىدىن بىلەن ئەسقەرگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ، بۇ ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئەرشىدىن بىلەن ئەسقەر مال مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىمىغان.
لېكىن كېيىن ئەسقەر، موتسىكلىتقا ئىشلەتكەن بېنزىننىڭ بىر مىللىلېتىرىنىڭ 250 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ «ئەختەم، سەن سولتەك بىر ئاخشام موتسىكىلىتىمنى ھەيدەپ 5 لېتىر ماي ئىشلىتىپسەن، بۇنداق بولغاندا 5 مىڭنى 250 گە كۆپەيتسەڭ بولىدۇ. زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ مەن ھېسابلاپ چىقىرالمىدىم، كۆپچىلىك ھېسابلاپ بېقىڭلار.» دەپتۇ، بۇ ۋاقىتتا باشقىلار «ئۇنداق ئەمەستۇ، نېمانداق قىممەت، ئەجەبا ئالتۇنمۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
ئەسقەر «توغرا، مانا بۇ ئالتۇن ماي. بىز پۇلدار كىشىلەر مۇشۇنداق، ئەڭ ياخشى بولۇشنى تەلەپ قىلمايمىز، لېكىن ئەڭ قىممەت بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز ئىشلىتىدىغان قەغەزلەرنىڭ ھەممىسى مىس قەغەزدۇر. بەزىلەر بىزنى ئەخمەق دەيدۇ، مېنىڭچە بۇ ھەسەتخورلۇق.» دەپتۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەختەم بېنزىننى ئوغرىلىغان بولىدۇ. ئەسقەر مال-مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان. شۇڭا توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش قىلمىشىنىڭ ئوغرىلىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قاراشتا، مۇھىمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ئېسىمدە قېلىشىچە، شاڭخەيدە بىر دېلو يۈز بەرگەن ئىدى، ئەسئەت (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) تېلېگراف شىركىتىدىن تۆۋەن سۈرئەتلىك شەخسىي كەڭ بەلباغلىق توردىن ئىككىنى بېجىرگەن، نەتىجىدە ئەسئەت تېلېگراف شىركىتىدىكى مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرىقى ئىككى تۆۋەن سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورنى يۇقىرى سۈرئەتلىك كارخانا ئابونتلىرى مەخسۇس كەڭ بەلباغلىق تورىغا ئۆزگەرتكەن. ئاندىن ئۇ يەنە بۇ تورنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىپ پايدا ئالغان. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ئەسئەتنىڭ تاپشۇرغىنى تۆۋەن سۈرئەتلىك شەخسىي كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى. ئەمما مەنپەئەتلەنگىنى بولسا يۇقىرى سۈرئەتلىك تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بولغاچقا، ئىككى خىل تېزلىكتىكى كەڭ بەلباغ تورىنىڭ ھەق پەرقى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شۇڭا سوت مەھكىمىسى كېيىن ئەسئەتنى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
شۇڭا توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش قىلمىشى باشقىلارنى ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتسا، ئەلۋەتتە ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەزى توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلانغۇچىلار ئىشلەتكەن ئېقىم مىقدارى بەك كۆپ بولغاچقا، تور ئىگىسىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىكى ئېقىم مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، تور ئىگىسىگە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى ئارتۇق تاپشۇرغۇزغان، بۇ ئېنىقلا ئوغرىلىق بولمامدۇ؟
بەزىلەر بەلكىم «مۇئەللىم، بىلىشىمچە، ئوغرىلىق سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولسا ئاندىن جىنايەت شەكىللىنىدۇ.» دېيىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاساسى بار، لېكىن ئەتراپلىق ئەمەس، چۈنكى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا يەنە نۇرغۇن باشقا ئوغرىلىق قىلمىشلىرى بەلگىلەنگەن، مەسىلەن، كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش، يەنى ئىككى يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ھەر قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ.
مەسىلەن، بەزىلەر مەخسۇس باشقىلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنى ئوغرىلىغان، بىر ئايدا بىر قېتىم ئوغرىلاپ، ئۈچ ئاي ئوغرىلىغان بولسا، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولمامدۇ؟ گەرچە ھەر قېتىمقى بۇيرۇتما تاماق 20 يۈەنگە يارىسىمۇ، لېكىن بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىش قىلمىشى يەنە كومپيۇتېر جىنايىتىگە خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن.
خۇددى مەزكۇر دېلونىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان ئېرشات يولۇققان بۇ خىل دېلودا ئېرشاتنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بەزى توردىن ئوغرىلىقچە پايدىلانغۇچىلار بەك ئەخلاقسىزلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تورى بىلەن BT نى ئېچىپ قويسا، باشقىلارنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا كاشىلا قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: «دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا قارىتا ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش، كاشىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىش، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، بۇ نېمە ئۈچۈن ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن مۇشۇنداق يۇمشاق دېتاللارنى ئاچقۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا كاشىلا قىلىش دەپ بېكىتىلىپ، شۇ ئارقىلىق جىنايەت شەكىللەنگەن.
بۇ جىنايەتنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا قانداق بولسا ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ؟ مەسىلەن، ئوندىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق يۇمشاق دېتالى ياكى قاتتىق دېتالىنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يەنە مەسىلەن، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بەش مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا ياكى باشقىلارغا ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلسا ئېغىر بولغان بولىدۇ.
مەسىلەن ئەسقەر (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) تور ماھىرىغا تەۋە، ئۇ 20 قوشنىسىنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا BT نى ئېچىپ زور ماتېرىيال چۈشۈرۈپ، تور ئىگىلىرىنىڭ تورنى نورمال ئىشلىتەلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قوشنىسى مەلۇم بىر داڭلىق سىن تور بېكىتىنىڭ UP باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، فىلىم يوللاپ ئۈچ كۈن يوللىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇۋاپپەقىيەتلىك بولماي، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قالغان. يەنە بىر قوشنىسى دەل شۇ ۋاقىتتا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق خارۋارد داشۆسىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىدە، تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا، خارۋارد داشۆسى ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، قوشنىسىنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىن سەكرەپ، پۇت-قولىنى سۇندۇرۇۋالغاندىن سىرت، يەنە ئۈچ مۈشۈكنى يانچىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. يەنە بىر قوشنىسى تور دەرسى ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىم دەرستە تور ئۈزۈلۈپ قالغان ھەم تور سۈرئىتى بەك ئاستىلىشىپ كەتكەن. شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا، ئەسقەرنىڭ قىلمىشى كومپيۇتېر جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
بولۇپمۇ مەزكۇر دەرسلىكنىڭ بېشىغا تىلغا ئالغان ئاشۇ ئېرشاتنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان شاخلامچىلارمۇ بۇ ماددىغا ماس كېلىشى مۇمكىن.
نۇرغۇن باشقىلارنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلانغۇچىلار ئۆزىنى پايدا ئالدىم، دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى باشقىلارنىڭ تورىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىشتا، ئۇلار ئوخشاش بىر دائىرىلىك تورغا ئۇلىنىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتە توردىن مال سېتىۋېلىش ھېسابات نومۇرى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرى قاتارلىق مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش خەتىرى بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا ئەمەلىيەتتە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەخسۇس ھەقسىز wifi ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ.
شۇڭا ھەر قايسى ساۋاقداشلارغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئۆيىنىڭ تورىغا مۇرەككەپ مەخپىي نومۇر سېلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، ھەرگىزمۇ 1234567 ياكى 87654321 دېگەندەك ئاددىي مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەسلىڭىز، مۇرەككەپ مەخپىي نومۇر سېلىپ، تورىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، باشقىلارنىڭ تورىدىن خالىغانچە ئوغرىلىقچە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقىلاردىن پايدىلىنىش قىلمىشى بار، لېكىن بىز دائىم بۇ خىل قىلمىشتىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلاش يەنە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ «ئوغرىلاش (偷)» ۋە «خۇشاللىق (愉)» دېگەن بۇ ئىككى خەتنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبمۇ قانداق؟ بۇنى بىلمەيمەن.
لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ھەرقانداق بىر خىل دۇرۇس بولمىغان خۇشاللىق ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمگە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.
سىلەرنىڭ ھەقىقىي «خۇشاللىق (愉)»ىڭلار چوقۇم قەلبىڭلاردىن ئۇرغۇپ چىقىشى كېرەك، شۇڭا تەمكىن ۋە سالماق بولۇشۇڭلار كېرەك.
كۆپچىلىككە رەھمەت.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296