大数跨境

ئافرىقىدا يۆگىمىلىشىۋاتقان جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ ھالاكەت سەپىرى

ئافرىقىدا يۆگىمىلىشىۋاتقان جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ ھالاكەت سەپىرى NepKan
2022-01-18
0
导读:جۇڭگونىڭ يانفون ماركىسى چەتئەلدە بىر مەيدان رەھىمسىز ھەم كەسكىن ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.


خۇاۋېي ئۆزىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو يانفونى يورۇقلۇقتىن مەھرۇم قالدى.
جۇڭگونىڭ يانفون ماركىسى چەتئەلدە بىر مەيدان رەھىمسىز ھەم كەسكىن ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.
«ئافرىقا پادىشاھى» دەپ نام ئالغان جۇڭگونىڭ Tecno يانفونى شياۋمى، OV لارنىڭ بىرلەشمە قورشاپ يوقىتىشىغا ئۇچرىدى. بۇ بىر مەيدان تۆۋەن باھادا ئېلىشىش، شۇنداقلا خۇاۋېي چەكلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يانفون ماركىسىنىڭ كوللېكتىپ ھالاكەت سەپىرىدۇر.


شياۋمى، OV قاتارلىق يانفون ماركىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، Tecno نىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى كۆپ تۆۋەن. Tecno دۆلەت ئىچىدىكى تاغتۇرا يانفونچىلىق باشلامچىسى--بوداۋ يانفوندىن كېلىپ چىققان. شياۋمى ئەرزان باھالىق يانفون خۇڭمى ماركىسىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى تاغتۇرا يانفونلار خۇڭمىنىڭ باھا ئۇرۇشىدا ئېغىز زەربە يېگەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ بولدى. بوداۋمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بەدەل بولۇپ قالدى.

ئەمما بوداۋ يانفونىنىڭ چەتئەل بازىرىدىكى مەسئۇلى جۇ جاۋجياڭ بىر كوللىكتىپنى باشلاپ، Tecno يانفون ماركىسىنى قۇرۇپ چىققان. دۆلەت ئىچىدە بازار ئاچالمىغاندىن كېيىن، Tecno نەزىرىنى ئافرىقىغا قاراتقان. ئافرىقا نامى چىققان مەينەتچىلىك، قالايمىقانچىلىق، نامراتلىق ئەۋج ئالغان دۆلەت، خەلقئارادىكى چوڭ يانفون ماركىلىرىنىڭ ھەممىسى ئافرىقا بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىشنى خالىمايدۇ، بۇ ئافرىقىدا كەڭ بازار بوشلۇقى قالدۇرغان.
Tecno يانفونى پۈتۈن زېھنىنى ئافرىقا بازىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، ئافرىقىلىقلارنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئافرىقىلىقلارغا خاس چىراي گۈزەللەشتۈرۈش فوتو ئاپپاراتلىق يانفوننى ئاساس قىلغان. ئافرىقىلىقلار يەنە مۇزىكىغا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، Tecno دۆلەت ئىچىدىكى تاغتۇرا يانفونلىرىدىكى خاس ئالاھىدىلىك چوڭ ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىقتىدارىنى ئافرىقىغا كۆچۈرگەن.
ئافرىقىلىقلار ئومۇميۈزلۈك نامرات بولغاچقا، كۆپ يانفون سېتىۋالالمايدۇ، لېكىن تېلېفون كارتىسىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زور. Tecno دۆلەت ئىچىدىكى قوش كارتىلىق يانفون ئاساسىدا، تۆت كارتىلىق يانفوننى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. بۇنداق كۆپ ئىقتىدارلىق، ئىقتىدارى كۈچلۈك يانفون قانچە پۇل؟
ئاشكارا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى، Tecno يانفونى ئافرىقىدا 124 مىليون دانە سېتىلغان، ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 22 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە باھاسى ئاران 100 نەچچە يۈەن بولغان.


مۇزىكا ئاۋازى يۇقىرى بولۇپ، ئافرىقىلىق ياشلارنىڭ سىرتتا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، كېچىدە سۈرەتكە تارتقاندا قاراڭغۇدىن قورقمايدۇ، تۆت كارتا نورمال ئىشلەيدۇ، سىگنال مۇقىم، باھاسى پەقەت 100 نەچچە يۈەن.
ئافرىقا پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، Tecno نىڭ ئۆزى بىر كۆڭۈلدىكىدەك يانفون ماركىسى. مانا مۇشۇ يەرلىكلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پۈتۈن ئافرىقىدا Tecno نىڭ بازىرى ئېچىلغان. ئافرىقىدا، Tecno نىڭ ئىگىلىگەن بازار ئۆلۈشى نىسبىتى %40 تىن يۇقىرى بولۇپ، ئافرىقا يانفون پادىشاھى بولۇشقا مۇناسىپ.
ئەمما، Tecno نىڭ ئافرىقىدا شاھ بولالىشى پەقەت «تاغدا يولۋاس يوق، مايمۇن پادىشاھ.» دېگەندىن ئىبارەت خالاس. بىر يانفون 100 نەچچە يۈەنگە سېتىلسا، گەپنى قوپالراق ئېيتساق، بۇ نەرسىنىڭ سانائەت ئەخلىتىدىن قانداق پەرقى بار؟ كېرەكسىز نەرسىلەرنى ساتسا، بىر يانفوننى نەچچە ئون يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ!


ئالما ماركىلىق يانفوننىڭ ئەڭ تۆۋەن باشلىنىش باھاسى ئاساسەن 5000 يۈەندىن يۇقىرى. ئافرىقىغا ئوخشاش بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك بازارنى، ئالما تۆۋەن باھادا ئىگىلىۋېلىشنى ئەسلا ئويلاشمايدۇ. دۇنيا بويىچە سېتىلىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كورىيە سامسوڭ شىركىتىمۇ ئافرىقا بازىرىدا Tecno بىلەن باھا جېڭى قىلىشنى خالىمايدۇ.
Tecno نىڭ ئافرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەلۋەتتە دەل جايىدا يەرلىكلىشىش ئامىلىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكا جەھەتتە، يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى تاغتۇرا يانفونلىرىنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، Tecno ئافرىقىدا غەلىبە قىلدى، ئەمما ئافرىقىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
 


Tecno يانفوننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە نىسبەتەن، بۇ ئېغىزغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
ھالبۇكى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شياۋمى OV قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق يانفون ماركىلىرىمۇ ئافرىقىغا توپلىشىپ كىرىپ، جۇڭگونىڭ يانفون ماركىلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى يۆگىمىلىشىشنى ئافرىقا بازىرىغا ئېلىپ كىردى. بۇ، شياۋمى OV نىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك بازاردا ئېشىش مىقدارىغا ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە يۆنىلىشنى تۆۋەنگە قارىتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك باھا جېڭى قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، خۇاۋېي يىقىلىپ، ئالما تويۇندى. ئالمىنىڭ بازار قىممىتى 3 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. نېمە ئۈچۈن ئالمىنىڭ بازار قىممىتى توختىماي يۇقىرى ئۆرلەيدۇ؟ ئامېرىكا دوللىرى سۇ قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا دوللىرى نېمە ئۈچۈن ئالمىغا قاراپ ئاقىدۇ، ئەمما باشقا كارخانىلارغا قاراپ ماڭمايدۇ؟


مەنبەسى يەنىلا شۇ يەردىكى، خۇاۋېينىڭ ئۆزەك پلاستىنكىسى ئۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئالما يەر شارى يۇقىرى دەرىجىلىك يانفون بازىرىغا يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلدى، رىقابەتچىسى قالمىدى. كورىيەنىڭ سامسۇڭ، جۇڭگونىڭ شىياۋمى، OV دىن بىرسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تىركىشەلمەيدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ماركىلىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، پايدىسى ئېشىپ كەتتى، كىم ئىگىلىۋېلىشنى خالىمايدۇ؟ شىياۋمى OV نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازارنى ئىگىلىۋالغۇسى يوق ئەمەس، بەلكى بۇنداق ئىقتىدارى يوق. شياۋمى، OV شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5000 يۈەندىن يۇقىرى يانفون تىپىنى بازارغا سالغان، مۇستەقىللەشكەن رۇڭياۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.


ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتى بولسا: «ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىدى، باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى!» دېگەندىن ئىبارەت.
ئۆزەك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەمەلىي ئېكولوگىيە، كامېرا، ئېكران قاتارلىق يادرولۇق زاپچاسلار جەھەتتە، شياۋمى، OV نىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يۈرۈش تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىشلىتىدۇ، ئەزەلدىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەھسۇلات يوق. يۇقىرى دەرىجە دېگىنىمىز، ئەزەلدىن «باھاسى يۇقىرى بولۇش»نى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى «تېخنىكىسى يۇقىرى بولۇش»، «سۈپىتى يۇقىرى بولۇش»، «خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش»نى كۆرسىتىدۇ.
لېكىن، شياۋمى OV تېخنىكىسى ئۆستۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا، باشقا قېپىنى ئالماشتۇرۇپلا باھاسىنى 5000 دىن يۇقىرى قىلىپ ساتتى، بۇنىڭ كۈدە ئورۇشتىن قانداق پەرقى بار؟
نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ماركىلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ؟ خۇاۋېيدا ئۆز ئالدىغا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 5G ئۆزىكى بار ئەمەسمۇ؟


خۇاۋېي ئۆزىكى ئۈزۈۋېتىلگەندە، قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، شياۋمى، OV غا پايدىلىق. بولۇپمۇ شياۋمىنىڭ چەتئەلدىكى ئۈلۈشى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئاساسلىقى خۇاۋېينىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىلىك بازىرىنىڭ ئورنىنى ئالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك بازاردا، شياۋمى، OV ھازىرغىچە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىدۇ. باھا ئۆرلىگەندىن باشقا، تېخنىكا، سۈپەت، ئابونىتلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى جەھەتتە، يەنىلا پەقەت ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
ئەگەر شياۋمى، OV كۆڭلىنى توختىتىپ، تۆۋەن قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئاچسا، بۇ خۇاۋېينىڭ شىركىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالمىغا قارشى مۆجىزىسىگە تەقلىد قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ھالبۇكى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شياۋمى، OV ئالمىنى رەقىب قاتارىدا كۆرمەي، بۇرۇلۇپ ئافرىقىغا چۆكۈپ، Tecno بىلەن تۆۋەن باھا بازىرىنى تالىشىشقا باشلىدى.
بۇ ئۆزىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟ Tecno يانفۇننى 100 نەچچە يۈەنگە ساتىدۇ، شىياۋمى، OV يانفۇننىڭ ئىقتىدارى Tecno تىن ياخشىراق، ئافرىقىغا بېرىپ نەچچە يۈز يۈەنگە ساتامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن شياۋمى، OV ئافرىقىغا بارىدۇ؟ بۇنىڭ بىۋاستە سەۋەبى شۇكى، ئالما بىلەن ئېتىشالمايدۇ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلاردا شياۋمى، OV ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن بازارنى ئىگىلەپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھىندىستاننى ئىلگىرى شياۋمى، OV لار ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشتىكى سەكرەش تاختىسى قىلغان.
ھالبۇكى، مودى ھۆكۈمىتى باج يىغىش كالتىكىنى ئېلىپ، بىر قېتىمدىلا شياۋمى يانفونىنىڭ ھىندىستاندىكى تەخمىنەن ئىككى يىللىق پايدىسىنى جازالىدى. شياۋمى ھىندىستاندا يەنە زاۋۇت قۇردى، ئىشچى ياللىدى، نەتىجىدە ئۇ ھىندىستانغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، باج تاپشۇردى، ئەمما ئۆزى ھەممىنى قولدىن بېرىپ قويدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «شياۋمى شىركىتى 560 مىليونلۇق باجدىن قاچتىمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


شىياۋمىدىن سىرت، ئوپپو بىلەن ۋىۋومۇ ئاساسەن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ لۈكچەكلىك بېجىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ھىندىستاندا پۇل تاپالمىغاندىن كېيىن، يەنە كېلىپ ئالما بىلەن ئېتىشالمىغاندىن كېيىن، شياۋمى، OV نىڭ ماڭىدىغان ئىككى يولى بار، بىرىنچى، ئەسلىدىكى ئاساسىي ئىچىدە داۋاملىق يۆگىمىلىشىدۇ؛ ئىككىنچى، تەسلىم بولۇپ، زەربە يېگەندىن كېيىن، ئافرىقىغا بېرىپ Tecno بىلەن بىللە، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىچكى يۆگىمىلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.
خۇاۋېي تېخى بار چاغدا، شياۋمى، OV نىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەل خۇاۋېي ئىدى. كۆپچىلىك كۈچىنىڭ بارىچە خۇاۋېينى قوغلىشىپ، خۇاۋېي بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. بۇ خىل رىقابەت ئەندىزىسى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، بارلىق ماركىلار يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەيتتى.
بۇ خۇددى بىر تېسلا دۆلىتىمىزگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاكتىپلاشتۇرغىنىغا ئوخشايدۇ.


لېكىن، يانفون ساھەسىدە، خۇاۋېي جازالانغاندىن كېيىن، شياۋمى، OV غايىسىنى يوقاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇلار يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقىتىپ قويدى.
بۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا، بۇ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشمۇ، يېڭىلىقمۇ بولمايدۇ، بارلىق ماركىلار ئوخشاشلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ، جانسىز بولۇپ قالىدۇ. خۇددى ھازىرقى يانفون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئوخشاش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش ھاجەتسىز، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم گاۋتۇڭ ئۆزىكىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى، سونىينىڭ تېلېكامىراسىنى، جىڭدۇڭفاڭنىڭ ئېكرانىنى سەپلەيدۇ.
قاتتىق دېتالدا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇلار يۇمشاق دېتالدا ئابۇنىچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئېلان يوللاپ، بەزى غەلىتە يۇمشاق دېتاللارنى ئالدىن قاچىلاپ قويىدۇ. بۇ بىر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەمچىل، مەھسۇلات سۈپىتىدە روشەن پەرق يوق، ئابۇنتلار ناچار بولغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ھېس قىلىپ قالىدۇ. 


شۇنداق قىلىپ، باھاسى بارغانسېرى قىممەت بولۇپ كېتىۋاتسا، ئىستېمالچىلار يەنە سېتىۋالامدۇ؟
جۇڭگو يانفونىدا كەمچىل بولغىنى خۇاۋېي ئەمەس، بەلكى تەتۈر ئېقىمدىكى تىركىشىش روھى!
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0