搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
1 مىليارد 341 مىليون يۈەن دېگەن زادى قانداق ئۇقۇم؟
>
1 مىليارد 341 مىليون يۈەن دېگەن زادى قانداق ئۇقۇم؟
NepKan
2021-12-22
2
导读:سۆزلەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمەي دېسەم، دىلىم كۆيىدۇ. يەنىلا ئازراق سۆزلەپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتىم
خۇاڭ ۋېي (ۋېي يا) قانچىلىك پۇل تاپتى؟
سۆزلەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمەي دېسەم، دىلىم كۆيىدۇ. يەنىلا ئازراق سۆزلەپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «1 مىليارد 341 مىليون يۈەنلىك باج جەرىمانىسى ۋە ئۈچ سىگنال» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
ئاي پەرىسى ئاينى تەكشۈرۈش بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن، يەنى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل كەتتى.
يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇمىنى داۋالاشقا تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن چىقىم قىلىندى. ئاينى تەكشۈرۈشكە ناھايىتى كۆپ پۇل كېتىدۇ، بىزنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىمىز، ئاينى تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان پۇلدىن كۆپرەك ئىدى.
ئىلگىرى بەزىلەر «ئاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، نېمە ئۈچۈن پۇلنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلمايدۇ.» دەپ داۋراڭ سېلىشتى. ئاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەك پۇل خەجلەشتە بۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار، مەسىلە شۇكى، ئاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان پۇلغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاز پۇل ھېسابلىنىدۇ.
بىزنىڭ پەن تەتقىقات قوشۇنىمىز شۇنچە كۆپ خىراجەتنى ئېلىپ، مەيداندىن ماتېرىيالغىچە، مائاشتىن توشۇشقىچە، تەجرىبىدىن ئارقا سەپ ئىشلىرىغىچە، «ئاي پەرى 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاران 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن خەجلىدى.
خۇاڭ ۋېينىڭ بىر يىللىق كىرىمى 2 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بايلىقى 9 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا. ئۇنداقتا مەسىلە چىقتى، بۇ 9 مىليارد يۈەن كىرىم قانداق پەيدا بولغان؟
مەن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال سېتىشنى كۆرۈپ باققان، دېمىسىمۇ مۇرەككەپ ئەمەس، بىر خىل نەيرەڭۋازلىققا تولغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت، ئۇلار توقۇنۇش كەيپىياتى، بېسىم پەيدا قىلىش ئارقىلىق، دىكتور بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ «ھاياجانلىق ئىستېمال» نى يېتەكلەيدۇ.
-تۇققانلىرىم، بۇ نەرسىنى ئادەتتە 998 يۈەنگە ساتاتتىم، بۈگۈن تۇققانلار ئۈچۈن، ئايالىم بىلەن جەڭگە جىدەل ئوينىدىم، بۇ خوتۇن مېنى ئەرزان ساتقىلى قويمايدۇ، ئۇ پەقەت سىلەر تۇققانلارنىڭ پۇلىنى تېپىشنىلا ئويلايدۇ.
بۈگۈن تۇققانلارنى دەپ، خوتۇننىڭ تاپا-تەنىلىرىگە پىسەنت قىلمىدىم. بۈگۈن بۇ باھادا سېتىۋالمىساڭلار، مەندىن خاپا بولماڭلار، ئەمدى بۇنداق باھانى تاپالمايسىلەر....
خالىغان بىر مىسال ئالدۇق، دەل شۇنداق ئۈنۈم بېرىدۇ، ئالدىنقى قېتىم قۇتراتقۇلۇق ئۇسۇلىنى قوللانغان كىشى يەنىلا ئاۋسترىيەلىك گىتلېر ئىدى.
ما يۈن پۇل تاپتى، ما يۈن قانداقلا بولمىسۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە كۆچمە چىقىم ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن زور، كۆچمە چىقىم قىلىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق، بۇ ھەقىقىي تۆھپە.
ما يۈننىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.
لېكىن ئېقىم چولپىنى بولمىش ۋېي يا، لى جياچىلار جەمئىيەتكە پايدىلىق قانداق ئىشلارنى قىلدى؟ گىتلېرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، قىزىققانلىق بىلەن ئىستېمال قىلدۇرۇش ئاممىنى كولدۇرلىتىپ، ھەددى-ھېسابسىز پايدا ئالىدۇ.
2 مىليارد يۈەننى 10 ھەسسە كىچىكلەتسەك، 200 مىليون يۈەن بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆمرىدە شۇنچە كۆپ پۇل تاپالامدۇ؟
ئويلىساقلا مۇمكىن ئەمەس.
1000 ھەسسە كىچىكلەتسەك، 2 مىليون يۈەن بولىدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر ئۆمرىدە مۇشۇنچىلىك پۇل تاپالامدۇ؟ ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان تەقدىردىمۇ، 2 مىليون يۈەن پۇل تېپىش ئۈچۈن 200 ئاي كېتىدۇ، يەنى 16 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، يېمەي-ئىچمەي ئامانەت قويغاندا ئاندىن بۇ 2 مىليون يۈەننى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
مەسىلە شۇكى، يېمەي-ئىچمەي، قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئادەمدىن يەنە قانچىلىك ئادەم بار؟
بۇ بىر خىل قورقۇنچلۇق تارىخ، ئەگەر بۇنداق تارىخ رېئاللىققا، كەلگۈسىگە ئايلانسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىكارغا كەتمەمدۇ؟
مېنىڭچە ئىش بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
3-قېتىملىق تەقسىم قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن تاپاۋەت بېجى ئېلىنىشى كېرەك.
مەنبە: تەيخاڭ سودا ئوبزورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0