搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى «مۇشكۇل دەۋرى» يېتىپ كەلدى!
>
ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى «مۇشكۇل دەۋرى» يېتىپ كەلدى!
NepKan
2022-02-13
1
导读:ئۆي-مۈلۈك كەسپى «مۇشكۇل دەۋر»گە قەدەم قويۇپ، مۈلۈك-قەزر مەلۇماتىنى كىچىكلىتىلىش باسقۇچىغا كىردى.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى «گۈدۈكچى» ۋەنكې (00002. SZ، 02202. HK)، يەنە بىر قېتىم ئۆي-مۈلۈك كارخانىسىغا سىگنال بەردى.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىر پارچە «رەئىس يۈ لياڭنىڭ ۋەنكې گۇرۇھىنىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا قىلغان خۇلاسە سۆزى» توردا كەڭ تارقالدى. ۋەنكېغا يېقىنلاشقۇچى بىر زات دەۋر ھەپتىلىك گېزىتى مۇخبىرىغا بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ راستلىقىنى ئېيتتى.
2014-يىلى «كۈمۈش دەۋرى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يۈ لياڭ يەنە بىر قېتىم ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە يېڭى باسقۇچ بۆلۈپ بەردى.
يۈ لياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆي-مۈلۈك كەسپى «مۇشكۇل دەۋر»گە قەدەم قويۇپ، مۈلۈك-قەزر مەلۇماتىنى كىچىكلىتىلىش باسقۇچىغا كىردى. ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۈلۈك-قەزر مەلۇماتىنى كىچىكلىتىلىش پۇل مۇئامىلىسىزلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى.
«2022-يىلى گۇرۇھ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدىغان بىر يىل، شۇنداقلا بىر يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى.» ــ دېدى يۈ لياڭ گەپنى ئوچۇق قىلىپ، يا ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىش، يا ئۆلۈپ كېتىش، يا ھايات قېلىش، ئارىلىق ھالىتى بولمايدۇ.
ئۆي-مۈلۈك كەسپى جەزمەن تېز، قەتئىي، ئېنىق بولۇشى كېرەك، ئىلگىرىكى يىغىلىپ قالغان يۈكنى ھەل قىلالىساق، يېڭى مۇساپىنى باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز، يۈكنى تاشلىۋېتەلىسەك ياشىيالمايمىز.
«مۇشكۇل دەۋر»دە، ۋەنكې تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كەيپىياتنى ياراتتى.
2021-يىلى 11-ئايدا، ۋەنكې ئىچكى قىسمىدا تەشەببۇس چىقىرىپ، قىممەت ياراتمايدىغان چىقىمنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاز پۇل خەجلەپ چوڭ ئىشلارنى قىلدى. زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى ئازايتىش ئۈچۈن، بارلىق خادىملار خىراجەت ئەڭ ئەلا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە كاماندىروپكىغا چىقىشنى مۇۋاپىق پىلانلىشى كېرەك.
يۈ لياڭ ۋەكىللىكىدىكى ۋەنكې باشقۇرۇش قاتلىمى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تېجەشلىكنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى.
يۈ لياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ئۇ ئايروپىلان بېلىتىنى بېكىتكەندە بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچىنى تاللىمايدىكەن، ئەگەر ۋاقتى بولسا «قايسى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەرزان بولسا، شۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋالىدىكەن.» 2022-يىلى، ۋەنكې ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ، پاراۋانلىق، تولۇقلىما قاتارلىقلار «مۇشكۇل دەۋر»گە ماسلاشتۇرۇلىدۇ.
كەسىپ كۆلىمى كىچىكلەشكە باشلىدى.
2021-يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
يۈ لياڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى»گە بولغان چۈشەنچىسى بىر مەركەز، ئۈچ ئاساسىي نۇقتا. بىر مەركەز، يەنى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئۈچ ئاساسىي نۇقتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق!»، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش ۋە ئادەم بىلەن يەرگە ماس كېلىش.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق!» دېگىنىمىزدە «ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش» ۋە «ھايانكەشلىك قىلماسلىق» دەپ ئايرىلىدۇ. «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي»غا قارىتا، ئاھالىلەرنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. «ھايانكەشلىك قىلماسلىق» دېگىنىمىز، گەرچە قىسمەن ئۆيلەرگە نىسبەتەن سېتىۋېلىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، ئۆسۈش نىسبىتى چەكلىمىسى يەنىلا ساقلاپ قېلىنىدۇ.
يۈ لياڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ تۇتۇش ئىجارە ئۆي ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پۇرسەت، لېكىن بۇ يېڭىدىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ «ئىجارە ئېلىش» بىلەن «سېتىۋېلىش» ئوتتۇرىسىدا تاللاش ئېلىپ بارسا، ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆي ئىجارە ئېلىش ئېھتىياجى ئاشقان تەقدىردىمۇ، كەسىپ ئېچىش، ئۆي سېتىش كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ.
«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، ئادەم بىلەن يەر، ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىشى مۇمكىن. يادرولۇق، ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي تەمىناتى ئاشىدۇ، ئىلگىرى بەزى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاندۇرۇلمىغان ئېھتىياجنى كەلگۈسىدە قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار.» يۈ لياڭ مۇنداق دېدى: ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ خەلق تۇرمۇشى خاسلىقىغا قايتىش ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، باھانىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك.
«ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق!»تىن كېيىن، ئۆي-مۈلۈك كەسپى مۇقىم مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، كۆلەمنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئەندىزىسى قايتا قوللىنىلمايدۇ. خەلقئارا دەرىجە باھالاش ئورگىنى مۇدى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كېلىشىم بويىچە سېتىش سوممىسى %5 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
يۈ لياڭنىڭ قارىشىچە، ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئىككى چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدىكەن، يەنى بازارنىڭ بۆلۈنۈشى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، كەسىپ كۆلىمى كىچىكلەشكە باشلايدىكەن.
زور ئۆزگىرىش ئالدىدا، ۋەنكې مۇناسىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ. يۈ لياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋەنكې مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنىمۇ ئويلىنىدۇ، بازارنىڭ پارچىلىنىشى كىچىكلەپ، پايدا ئىنتايىن چەكلىك بولغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەبلەغ سېلىش، ئىلگىرىكى تەكشى، تارقاق مەبلەغ سېلىشتىن بازار ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان، كوللېكتىپنىڭ مەشغۇلات ئىقتىدارى ئىسپاتلانغان جايغا تۈجۈپىلەنگەن مەبلەغ سېلىشقا ئۆزگىرىشى كېرەك. ئەگەر بەزى جايلار ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىمىسە ياكى پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «نومۇرى»نى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0