大数跨境

چولپان، رىياسەتچىلەرنىڭ باج تەكشۈرۈشتىن قېچىشى

چولپان، رىياسەتچىلەرنىڭ باج تەكشۈرۈشتىن قېچىشى NepKan
2021-12-23
2
导读:پۇلدارلارنىڭ پۇلى، ئۆز پېتى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ پۇلى ئۈچتە يەتتە ئۈلۈش بويىچە بۆلۈشسەك بو
ئىلاۋە: 
تەرەققىيات جەريانىدا ھامان بەزىلەر شادلىنىدۇ، بەزىلەر زارلىنىدۇ، ئەمما زادى كىم شادلىنىدۇ، كىم زارلىنىدۇ؟ كىم تەرەققىياتنىڭ ئەتىۋارلىقى بولىدۇ كىم تەرەققىياتنىڭ تاشلاندۇقى بولىدۇ؟ بۇلارنى چۈشىنىش مۇرەككەپ سودا ساھەسىدىكى تەرەققىيات لوگىكىسى ۋە ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە زور پايدىسى بولىدۇ. يېقىندىن بىرى نېمىشقا ھە دېسە بىر قىسىم چولپانلار، تور ئېقىم چولپانلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ بەدقىلىقلىرى، ناتوغرا قىلمىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ئايلىنىدۇ ۋە قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى «خەتەر» ۋە «پۇرسەت»لەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. 
---نەپكاردىن.
ئالدى بىلەن بۇ يەرنى بېسىپ «تەرەققىياتنىڭ ئەتىۋارلىقى ۋە تاشلاندۇقى: "كىرىزىس" ۋە "پۇرسەت"» ناملىق يازمىغا دىققەت ئېتىبارىڭىزنى قاراتغايسىز. 
----------------
ۋېي ياغا بىر مىليارد 341 مىليون يۈەن ئېغىر جازا بېرىلگەندىن كېيىن، ئېقىم چولپانلىرى كېچىلەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ باج تولۇقلىدى. «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە... (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!)» دېگەن يازمىدا، لى جياچىغىمۇ بىر مىليارد يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلۇش مۇمكىنچىلىكى يېزىلغان.
-----
بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «1 مىليارد 341 مىليون يۈەنلىك باج جەرىمانىسى ۋە ئۈچ سىگنال» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر مىليارد 300 مىليون باج پۇلىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەجىر ۋە جاپا» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «ۋېي يانىڭ باش كۆتۈرۈشى: پەردە ئارقىسىدىكى ما يۈن ۋە ليەنشاڭ» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
-----
لى جياچى ئىشلەيدىغان شىركەت مېيۋەن مېدىياسى: «بىز ياۋاشلىق بىلەن تىجارەت قىلىمىز، بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىز نورمال.» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.


لى جىياچى باج ئوغۇرلىدىمۇ، باج تاپشۇرمىدىمۇ، بىز ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. ۋېي يانىڭ باج ئوغۇرلاش سوبيېكتى ئاساسلىقى باج يىغىش ئازگىلى بولغان شاڭخەي چوڭمىڭ ئارىلىدىكى 9 قۇرۇق شىركەت ئىدى. ئەمما ئوخشاشلا، لى جياچىمۇ شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدا 6 پۇچەك شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغان.



ئەگەر مېيۋەن ئېيتقاندەك، ياۋاشلىق بىلەن تىجارەت قىلغان بولسا، لى جياچى نېمە ئۈچۈن ۋېي يا بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى پۇچەك شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ؟
بۇ ئاممىنى ئەخمەق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟
باج تارماقلىرى يەنە مەلۇم بىر باشلامچى ئېقىم چولپىنىنىڭ باج ئوغرىلاش سوممىسى يۈز مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، پۇرسەت تېپىپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ باشلامچى ئېقىم چولپىنى بەلكىم لى جياچى، بەلكىم گۇاڭدۇڭلۇق ئەر-ئايال، بەلكىم شىنبا گۇرۇھى، بەلكىم دوۋيىندىكى مەلۇم بىر ئۈنچە مەرۋايىت ساتقۇچى بولۇشى مۇمكىن...


لېكىن، باشلامچى ئېقىم چولپىنىغا دىققەت قىلىۋاتقاندا، بىز يەنە بىر توپقا، يەنى چولپانلارغا سەل قارىساق بولمايدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، چولپانلارنىڭ كىنو ئىشلەش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن چولپانلار كىنو ئىشلەشكە ئامالسىز قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر خىل چولپانلارنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، چولپانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
چولپانلار تەبىئىي ھالدا ئېقىم مىقدارى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، سۈرەتكە ئالىدىغان كىنو يوق كۈنلەردە، چولپانلار بەس-بەستە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى سىناق قىلىپ باقتى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم چولپانلار بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىش جەريانىدا نام چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە غايەت زور بايلىققا ئېرىشتى.
چولپانلارنىڭ بايقىشىچە، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنىڭ بوسۇغىسى چولپان بولۇشتىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدا ئېلىش دەرىجىسى تاشقى دۇنيانىڭ تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇ نۇقتىنى ۋېي ياغا 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىر توپ چولپانلار توپ-توپ بولۇپ بىۋاستە كۆرسىتىش بازىرىغا كىردى. بۈگۈنكى باج تەكشۈرۈش دولقۇنىغا كەلگەندە، بىز قورغاستىكى چوڭ قېچىشنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق. فەن بىڭبىڭگە 880 مىليون يۈەن ئېغىر جازا بېرىلگەندە، 1000 دىن ئارتۇق قورغاس كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى كېچىلەپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىش ھېكايىسى: قورغاستىكى "چوڭ چېكىنىش"» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بىراق، قورغاسنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى قورغاسلا ئەمەس، بەلكى باج ئازگىلى. چولپانلارنىڭ قورغاستىكى پۇچەك شىركەتلىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى ئۇلارنىڭ باجدىن قاچمىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى يېڭى باج ئازگىلىغا يۆتكەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تاكى ۋېي يا تەكشۈرۈلگىچە، مەسىلەن، جياڭشى يىچۈن شەھىرى، گۇاڭشى بېيخەي، شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلى ۋە خەينەن ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چولپان، رىياسەتچىلەرنىڭ باجدىن قاچىدىغان باج ئازگىلى بولۇپ قالدى.


مەسىلەن، خۇ يەنبىنغا چېتىشلىق شېرىك كارخانىلار تىزىمدىن ئۆچۈرۈلدى، ۋاڭ فېڭ، جاڭ زىيى، خەي چىڭ قاتارلىقلار ئورتاق مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن چېكىندى، فېڭ شياۋگاڭ، جاڭ گولى پاي چېكىنى ئورتاق ئىلكىدە تۇتقان شىركەتتىن چېكىندى، جيا نەيلياڭلار شېرىك كارخانىدىن چېكىنىپ چىقتى.


نېمە ئۈچۈن ۋېي ياغا جەرىمانە قويۇلسا، چولپانلارمۇ شىركەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ ياكى پايچېكلار تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ؟ بۇنىڭدىكى بىر ئاچقۇچلۇق سەۋەب شۇكى، باج تەكشۈرۈش خەۋپ-خەتىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بولۇپ، قورغاستىكى چوڭ چېكىنىش بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاش.
باج ئازگىلى رىياسەتچى، چولپانلارغا باجدىن قېچىش پۇرسىتى تەمىنلىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ باج ئازگىلى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ باج ئايرىش تۈزۈمى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
باج ئايرىش تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ %60 ىنى مەركەزگە تاپشۇرىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر %40 نى ئېلىپ قالىدۇ. لېكىن ئېلىمىز ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشتا باجنى يادرو قىلمايدۇ، بەلكى GDP نى يادرو قىلىدۇ. بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ GDP نى زورايتىشىغا مۇھتاجلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، GDP دىن ئىبارەت بۇ تورت قانچە چوڭ بولسا، دۆلەتنىڭ باج كىرىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، شەكىل ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى جايلاردا كان بار، بەزى جايلاردا ئىختىساسلىقلار بار، بەزى جايلاردا تېخنىكا بار، بەزى جايلاردا ھېچنېمە يوق.

ھېچنېمە بولمىسا قانداق قىلىمىز؟ پەقەت سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باجدا ئېتىبار بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باج ئايرىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى كىرىمىنىڭ %60 مەركەزگە تاپشۇرۇلىدۇ، لېكىن %40 يەرلىك ھۆكۈمەتكە قالدۇرۇلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ زورىيىشىنى قوللاش ئۈچۈن كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.
دەسلەپتە، مەلۇم بىر يەرلىك ھۆكۈمەت %10 ئېتىبار قىلسا، ئاندىن يەنە بىر يەرلىك ھۆكۈمەت %20 ئېتىبار قىلىدۇ، ئاخىرىدا، مەلۇم يەرلىك ھۆكۈمەت باج ئالماي، %60 باجنى مەركەزگە تولۇق تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە قالىدىغان %40 باجنىڭ ھەممىسىنى كارخانىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
نېمىشقا يەرلىك ھۆكۈمەت بۇنداق قىلىدۇ؟ چۈنكى كارخانا كىرسە، كارخانىنىڭ كىرىمى ئاشسا، شۇ جاينىڭ GDP سى ئاشىدۇ. مەسىلەن، ۋېي يا ئۆزىنىڭ 600 مىليون يۈەن كىرىمىنى خاڭجۇدىن شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىغا يۆتكىدى، شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدا 600 مىليون يۈەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كۆپەيدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمى بىردىنلا كۆتۈرۈلدى دېگەن گەپ.
بۇنداق قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە مەركەزنىڭ باج سىياسىتى جەھەتتىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، «باج ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش» ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىدۇ. «تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ئېلىش» دېگەن نېمە؟ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى يوق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.


ۋېي يا ئۆزىنىڭ 600 مىليون يۈەن پۇلىنى 10 غا بۆلۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 شېرىكسىز كارخانىغا كىرگۈزىدۇ، ھەر بىر شىركەتنىڭ تىجارەت كىرىمى 60 مىليون يۈەن بولىدۇ. ئاندىن تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، %10 پايدا نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، پايدىسى 6 مىليون يۈەن بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا يەنە %20 كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنسا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بولىدۇ. ۋېي يانىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى 4 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولىدۇ، يەنە 2 مىليون 667 مىڭ يۈەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا باج تاپشۇرۇش سوممىسى 266.7+120=3867 مىڭ يۈەن بولىدۇ، يەنە 10 شىركەتكە كۆپەيتىلسە، ئومۇمىي باج تاپشۇرۇش سوممىسى 38 مىليون 670 مىڭ يۈەن بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت %40 باجنى كارخانىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، يەنى ۋېي ياغا يەنە 15 مىليون 468 مىڭ يۈەن باجنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي باج تاپشۇرۇش سوممىسى 23 مىليون 202 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ باج تاپشۇرۇش سوممىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، چۈنكى ئېسىل ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ سوممىلىق ئىستېماللارنى شىركەتنىڭ نامىغا ئېلىش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ تەننەرخىنى ئۆستۈرگىلى، شىركەتنىڭ پايدىسىنى تۆۋەنلەتكىلى، شۇ ئارقىلىق باجنى كېمەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
«ئوق بىردەم ئۇچسۇن!» دېگەن كىنودا مۇنداق بىر مەشھۇر سەھنە سۆزى بار: «مۆتىۋەرلەرنىڭ (پۇلدارلارنىڭ) پۇلى، ئۆز پېتى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ پۇلى ئۈچتە يەتتە ئۈلۈش بويىچە بۆلۈشسەك بولىدۇ!»

نېمە دېگەن كىنا قىلىنغانلىق ھە!
لېكىن، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى 600 مىليون يۈەن بويىچە تاپشۇرساق، تەخمىنەن 270 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان بولىمىز. 270 مىليون يۈەندىن 23 مىليون 202 مىڭ يۈەنگە ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەرق تەخمىنەن 246 مىليون يۈەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟
چۈنكى ئەگەر چۇڭمىڭ ئارىلى بۇنداق قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ 600 مىليون يۈەن خاڭجوۋدا قېلىپ، شاڭخەينىڭ چۇڭمىڭ ئارىلىغا بارمىغان بولاتتى. بۇ نەتىجە خاڭجۇنىڭ نەتىجىسى، شاڭخەي چوڭمىڭداۋنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. باج ئازگىلى يارىتىش باشقا جايلاردىكى كارخانىلارنى شۇ جايغا يۆتكەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.


بۇ جەرياندا باج ئازگىلى GDP غا ئېرىشىدۇ، ئېقىم چولپىنى باج پۇلىنى تېجەپ قالىدۇ، مالىيە باج شىركىتى مۇلازىمەت ھەققى تاپىدۇ.
كىم زىيان تارتتى؟ بىرىنچى بولۇپ زىيان تارتقىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت 246 مىليون يۈەن باجدىن زىيان تارتقان. پۈتكۈل جەريان مەركەزنىڭ باج كىرىمىنى بۆلۈشىۋېلىش جەريانىدۇر.
ئىككىنچى زىيان تارتىدىغىنى دەل پۇقرالار. دۆلەت بېجىنى ئاممىۋى مۇلازىمەتكە مەبلەغ قىلىپ سېلىنىدۇ، بايلار باجدىن قاچسا، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ چىقىمى ئادەتتىكى پۇقرالارغا يۈكلىنىدۇ. داۋالاش، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، مائارىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. بايلار باج تاپشۇرمىسا، باج كەمبەغەللەردىن ئېلىنىدۇ.


بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟
بۇ ئادىل ئەمەس!
شۇڭا، مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئورتاق بېيىشنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0